لى چياڭ 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق يىغىنىغا قاتناشتى ھەم سۆز قىلدى

2023.11.23 11:00 مەنبە: خەلق تورى

  گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ 11-ئاينىڭ 22-كۈنى كەچتە بېيجىڭدا 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ ۋىدېيولۇق باشلىقلار يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: 20 دۆلەت گۇرۇھى رەھبەرلىرىنىڭ يېڭى دېھلى باشلىقلار يىغىنى خىتابنامىسىدە ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقتا چىڭ تۇرۇپ، دۇنياۋى كىرىزىسقا ئورتاق تاقابىل تۇرۇشنىڭ دەۋر ساداسى ياڭرىتىلدى. نۆۋەتتە دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىش يولى يەنىلا مۈشكۈل. خۇددى رەئىس شى جىنپىڭ كۆرسەتكەندەك، 20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ ھەممىسى دۇنيا ۋە رايون چوڭ دۆلەتلىرى بولۇپ، چوڭ دۆلەتلەرنىڭ مەسئۇلىيەتچانلىقىنى نامايان قىلىپ، ئۈلگىلىك رولىنى جارى قىلدۇرۇشى كېرەك. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ھەمكارلىقتىن ئىبارەت ئەسلىي مەقسەتتە چىڭ تۇرۇپ، دەۋرنىڭ چاقىرىقىغا ئاۋاز قوشۇپ، ئىنسانىيەتنىڭ ئورتاق گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش ئۈچۈن قول تۇتۇشۇپ جاسارەت بىلەن ئىلگىرىلەشنى خالايدۇ.

  لى چياڭ مۇنداق دېدى: بىز تەرەققىياتنى ئالدىنقى ئورۇنغا قويۇشتا داۋاملىق چىڭ تۇرۇپ، تەرەققىيات ھەمكارلىقىنى گەۋدىلىك ئورۇنغا قويۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ كۈچلۈك، ئىمكانىيەتلىك سىجىل، تەڭپۇڭ ۋە سىغدۇرۇشچان ئېشىشىنى تېز ئىشقا ئاشۇرۇشىمىز، تەرەققىيات مەسىلىسىنى پان سىياسىيلاشتۇرۇش، پان خەۋپسىزلەشتۈرۈشكە قارشى تۇرۇشىمىز كېرەك. تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، نىشان يېتەكچىلىكى، مەسىلە يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، يېڭى دېھلى باشلىقلار يىغىنىدا ھاسىل قىلىنغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈزلۈكسىز ئەمەلىي نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشىمىز كېرەك. تېخىمۇ زىچ ماسلىشىپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قايتىدىن راۋاجلاندۇرۇپ، ماكرولۇق سىياسەت ھەمكارلىقىنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، دۇنيا سودا تەشكىلاتى، خەلقئارا پۇل فوندى تەشكىلاتى قاتارلىق ئىسلاھاتلاردا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان ئىشلىرىغا تېخىمۇ ئېتىبار بېرىشىمىز كېرەك.

  لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: تارىخ شۇنى قايتا-قايتا ئىسپاتلىدىكى، دۇنيا ئىقتىسادى ئېچىۋېتىلسە گۈللىنىدۇ، بېكىنمە بولسا خارابلىشىدۇ. يېقىندىن بۇيان، جۇڭگو 3-نۆۋەتلىك «بىر بەلباغ، بىر يول» خەلقئارا ھەمكارلىق باشلىقلار مۇنبىرى، 6-نۆۋەتلىك جۇڭگو خەلقئارا ئىمپورت كۆرگەزمىسىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزۈپ، مول ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئەمەلىي ھەرىكىتى ئارقىلىق يۇقىرى سەۋىيەلىك ئېچىۋېتىشنى ئالغا سىلجىتىش، دۇنيا بىلەن تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىشتىكى قەتئىي ئىرادىسىنى نامايان قىلدى. جۇڭگو ھەر قايسى تەرەپلەر بىلەن ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان بولۇش جەريانىدا داۋاملىق قول تۇتۇشۇپ تىرىشىپ، دۇنيا ئىقتىسادىنىڭ ئەسلىگە كېلىشى ۋە دۇنيانىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشى ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  20 دۆلەت گۇرۇھىغا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى، مېھمان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى ۋە ئالاقىدار خەلقئارا تەشكىلاتلارنىڭ مەسئۇللىرى يىغىنغا قاتناشتى. 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ بۇ يىللىق رەئىس دۆلىتى ھىندىستان زۇڭلىسى مودى يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەر مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۈگۈنكى دۇنيا كۆپ خىل خىرىسقا دۇچ كەلدى، 20 دۆلەت گۇرۇھىنىڭ ئەزالىرى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىق روھىنى نامايان قىلىپ، ھەرىكەت يۆنىلىشىدە چىڭ تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، دۇنيا ئىقتىسادىنى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى قوللاش ۋە ياردەم بېرىشنى كۈچەيتىپ، تېخىمۇ كۈچلۈك، سىغدۇرۇشچان، ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىياتنى ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  ۋۇ جېڭلوڭ يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ