جاۋ لېجى رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى

2023.11.23 09:56 مەنبە: جۇڭگو ئۇيغۇرچە رادىيو تورى

  مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 11-ئاينىڭ 21-كۈنى چۈشتىن كېيىن خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولودىن بىلەن سۆھبەتلەشتى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ۋە زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىدە باشتىن ـ ئاخىر توغرا ئىلگىرىلەش يۆنىلىشى ساقلىنىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش ئۈزلۈكسىز مۇستەھكەملىنىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىق قانات يايدۇرۇلۇپ، ئادىمىيەت ۋە يەرلىكلەر ئالاقىسى داۋاملىق چوڭقۇرلاشتۇرۇلۇپ، يېڭىچە چوڭ دۆلەتلەر مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈلگىسى تىكلەندى.

  جاۋ لېجى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-رۇسىيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك ئالاقىسى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك، ئالاھىدە مۇھىم بەلگىلىرىنىڭ بىرى. ئىككى تەرەپ قۇرغان جۇڭگو-رۇسىيە پارلامېنتلار ھەمكارلىق كومىتېتى سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىش، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈش، خەلقنىڭ دوستلۇقىغا ۋارىسلىق قىلىشتىكى مۇقىم ئۈنۈملۈك سۇپا. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى رۇسىيە فېدېراتسىيەسى پارلامېنتى بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈشنى مۇھىم ۋەزىپە قىلىپ، ئالماشتۇرۇش ۋە ئالاقىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ۋە ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىشىغا كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى ۋە ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلارنىڭ ئۇزاقتىن بۇيان جۇڭگو-رۇسىيە دوستلۇق ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن ئىشلىگەن خىزمەتلىرىگە رەھمەت ئېيتىمىز. كېلەر يىلى ئىككى دۆلەت دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقىنى تەبرىكلەشنى پۇرسەت دەپ بىلىپ، ئىككى تەرەپنىڭ ياخشى ھەمكارلىق ئاساسى ۋە مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇسۇلىنى مەۋقە قىلىپ، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ ساھەلىك ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇر قانات يايدۇرۇپ، چەتئەلگە مۇناسىۋەتلىك قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشنى پۇختا قانۇن كاپالىتىگە ئىگە قىلىشنى خالايمىز.

  ۋولودىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن رەئىس شى جىنپىڭ رۇسىيە-جۇڭگو ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىنى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يېتەكلىدى. رۇسىيە بىر جۇڭگو پىرىنسىپىغا قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ. رۇسىيە دۆلەت دۇماسىدىكى ھەرقايسى پارتىيە-گۇرۇھلار جۇڭگو بىلەن بولغان دوستلۇق مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز راۋاجلاندۇرۇشنى بىردەك قوللايدۇ. رۇسىيە دۆلەت دۇماسى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، قانۇن چىقىرىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان ئورتاق تونۇشنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، رۇسىيە-جۇڭگو پارلامېنتلار ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ ئىجابىي رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، رۇسىيە پارلامېنت ئەزالىرى بىلەن جۇڭگو خەلق قۇرۇلتىيى ۋەكىللىرى، ئىككى دۆلەت خەلقى ئوتتۇرىسىدىكى ئۆزارا چۈشىنىش ۋە دوستلۇقنى ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ