خەن جېڭ ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەئىدوف بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.22 13:13 مەنبە: خەلق تورى

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەئىدوف بىلەن كۆرۈشتى.

  11-ئاينىڭ 21-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ئۆزبېكىستاننىڭ دىپلوماتىيە مىنىستىرى سەئىدوف بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى يەن يەن فوتوسى.

  خەن جېڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو بىلەن ئۆزبېكىستان دۇنيادىكى قەدىمىي مەدەنىيەتلىك دۆلەت، قەدىمىي يىپەك يولى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ 2000 يىلدىن ئارتۇق دوستانە ئالاقىسىگە گۇۋاھچى بولدى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 31 يىلدىن بۇيان، ئىككى تەرەپ باشتىن-ئاخىر باراۋەر مۇئامىلە قىلىپ، ئۆز ئارا ھۆرمەت قىلىپ، ئۆز ئارا ئىشىنىپ، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل، ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈردى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكلىشى ۋە تۈرتكە بولۇشى ئارقىسىدا، جۇڭگو-ئۆزبېكىستان مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى يېڭى دەۋرگە قەدەم قويۇپ، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق تېز سۈرئەتلىك يولغا كىرىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئورتاق تەرەققىي قىلىشى ۋە گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچ قوشتى. جۇڭگو ئۆزبېكىستان بىلەن ئۆز ئارا قوللاش سالمىقىنى زورايتىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى تېزلىتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ يۇقىرى سەۋىيەلىك سىياسىي مۇناسىۋىتىنى ئەمەلىي نەتىجىگە ئايلاندۇرۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  سەئىدوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۆزبېكىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى، ئەڭ يۇقىرى سەۋىيىدە تۇرۇۋاتىدۇ. ئۆزبېكىستان جۇڭگونى ئەڭ مۇھىم ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھ دەپ قارايدۇ، جۇڭگو بىلەن ئىستراتېگىيەلىك سۆھبەتنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ