شى جىنپىڭ ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن سۆھبەتلەشتى

2023.11.23 11:04 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ بېيجىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. سۈرەتتە: سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لاكاللې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزمەكتە. □شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى

  11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا جۇڭگوغا دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئۈچۈن كەلگەن ئۇرۇگۋاي زۇڭتۇڭى لاكاللې بىلەن سۆھبەت ئۆتكۈزدى. ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىگە كۆتۈرۈشنى جاكارلىدى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: 2023 - يىلى جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى ۋە ئۇرۇگۋاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسىغا قاتناشقانلىقىنىڭ بەش يىللىقى. دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت باشتىن - ئاخىر ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، ئۆز ئارا باراۋەر مۇئامىلە قىلىش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشتا چىڭ تۇردى، ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىشىش جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى. بولۇپمۇ يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇس يۇقۇمى ئالدىدا، ئىككى دۆلەت ئۆزئارا ھەمدەم بولۇپ، بىر مەقسەتتە يۇقۇمغا تاقابىل تۇرۇپ، جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى يۈكسەلدۈردى. جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنى يېڭى باشلىنىش نۇقتىسى، يېڭى كوردىنات قىلىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ سەۋىيەسىنى ئۆستۈرۈپ، ئىككى دۆلەت ھەمكارلىقىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى بېيىتىپ، جۇڭگو - ئۇرۇگۋاي مۇناسىۋىتىنى كۆلىمى ئوخشاش بولمىغان، تۈزۈمى ئوخشاش بولمىغان، مەدەنىيىتى ئوخشاش بولمىغان دۆلەتلەرنىڭ ئىتتىپاقلىقى، ھەمكارلىقىنىڭ ئۈلگىسى قىلىپ بەرپا قىلىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىنىڭ بەخت - سائادىتىنى ئاشۇرۇشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنى، ئەھمىيىتىنى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق بىلدۈردى: جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي تەرەپ بىلەن دۆلەتنى ئىدارە قىلىش جەھەتتە ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، سىياسىي جەھەتتە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئاشۇرۇپ، تەرەققىيات پۇرسىتىدىن ئورتاق بەھرىلىنىپ، ئۆز دۆلەتلىرىنىڭ زامانىۋىلىشىشى ۋە دۇنيانىڭ زامانىۋىلىشىشىنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. ئىككى تەرەپ قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى، سىياسىي پارتىيەلەر، يەرلىكنىڭ دوستانە ئالماشتۇرۇشى، ھەمكارلىشىشىنى قويۇقلاشتۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانىنى ئىمزالاشنى پۇرسەت بىلىپ، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەلىرىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مۇلازىمەت سودىسى، رەقەملىك ئىقتىساد، پاكىز ئېنېرگىيە قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق يېڭى ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى يېتىلدۈرۈپ، جۇڭگو - ئۇرۇگۋاينىڭ «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىيات يېڭى باسقۇچىغا كىرىشىگە تۈرتكە بولۇشى كېرەك. ئۇرۇگۋاينىڭ تېخىمۇ كۆپ ئەلا سۈپەتلىك دېھقانچىلىق، چارۋىچىلىق مەھسۇلاتلىرى ۋە قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى مەھسۇلاتلىرىنىڭ جۇڭگو بازىرىغا كىرىشىنى قارشى ئالىمىز، جۇڭگو كارخانىلىرىنى ئۇرۇگۋايغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشكە ئىلھام بېرىمىز، ئۇرۇگۋاي تەرەپنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىنى ياخشى تىجارەت - سودا مۇھىتى بىلەن داۋاملىق تەمىنلىشىنى ئۈمىد قىلىمىز. ئىككى تەرەپ مەدەنىيەت، تەنتەربىيە قاتارلىق ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ قولايلىق شارائىت يارىتىپ بېرىشى كېرەك، جۇڭگو تەرەپ ئۇرۇگۋاي تەرەپنى تېخىمۇ كۆپ ئوقۇش مۇكاپات پۇلى بېكىتىلگەن ئادەم سانى بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاينىڭ نۇرغۇن خەلقئارا ۋە رايون مەسىلىلىرىدىكى ئىدىيەسى ئوخشىشىپ كېتىدىغان بولۇپ، كەڭ ئورتاق تونۇش ۋە ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە، ئىككى تەرەپ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، دۇنيا سودا تەشكىلاتى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدا ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، دۇنيانىڭ تېخىمۇ تىنچ بولۇشى، گۈللىنىشى، ئادىل بولۇشى ئۈچۈن ئورتاق تىرىشچانلىق كۆرسەتسە بولىدۇ. جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، ئۇرۇگۋاي تەرەپنىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ئومۇميۈزلۈك ھەمكارلىقىغا ئىزچىل ئاكتىپ قاتنىشىۋاتقانلىقىنى ئالقىشلايدۇ، جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرى قاتارلىق رايون تەشكىلاتىنىڭ جۇڭگو تەرەپ بىلەن سىياسىي سۆھبەت ۋە ئىقتىساد - سودا ھەمكارلىقىنى قويۇقلاشتۇرۇشىنى قوللايدۇ، ئۇرۇگۋاي تەرەپنىڭ جۇڭگو - لاتىن ئامېرىكىسى ۋە جۇڭگو - جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرى ھەمكارلىقىنى ئىلگىرىكىدەكلا ئىلگىرى سۈرۈشىنى ئۈمىد قىلىدۇ.

  لاكاللې مۇنداق بىلدۈردى: ئۇرۇگۋاي - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 35 يىللىقى پەيتىدە مۇھىم ئىچكى كابىنېت ۋە ئىقتىساد - سودا ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەرنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلگەنلىكىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن. ئۇرۇگۋاي - جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقان 35 يىلدىن بۇيان، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتى باشتىن - ئاخىر باراۋەر بولۇش، ھۆرمەت قىلىش، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تەڭ نەپ ئېلىش پىرىنسىپىغا ئەمەل قىلدى، ئىككى تەرەپنىڭ سىياسىي جەھەتتىكى ئۆزئارا ئىشىنىشى مۇستەھكەم بولدى، ئۇرۇگۋاي - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇش ئۇرۇگۋايدىكى ھەر ساھە ۋە پۈتكۈل خەلقنىڭ كۈچلۈك ئورتاق تونۇشى. ئۇرۇگۋاي ھۆكۈمىتى دۇنيادا پەقەت بىرلا جۇڭگو بارلىقىنى ئېتىراپ قىلىدۇ، تىنچ بىرلىككە كەلتۈرۈش جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشى، جەزمەن جۇڭگو خەلقى ئۆزى قارار قىلىشى كېرەك. ئۇرۇگۋاي بىلەن جۇڭگو كۆپ تەرەپچىللىكنى قەتئىي قوغدايدۇ، ئەركىن سودىنى قوغدايدۇ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە مۇقىملىقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە كۈچەيدۇ. ئۇرۇگۋاي - جۇڭگو مۇناسىۋىتى ئىقتىساد - سودا ساھەسىدىن ھالقىغان بولۇپ، كۆپ نۇقتىلىق، يۇقىرى سەۋىيەلىك تەرەققىي قىلىشتەك ياخشى ۋەزىيەت نامايان بولدى. ئۇرۇگۋاي «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىشنى پائال قوللايدۇ، رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان يەرشارىۋى تەرەققىيات تەشەببۇسى، يەرشارىۋى خەۋپسىزلىك تەشەببۇسى، يەرشارىۋى مەدەنىيلىك تەشەببۇسىنى قۇۋۋەتلەيدۇ، ئىقتىساد - سودا، پەن - تېخنىكا، تەنتەربىيە، ساياھەت قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى ئۈمىد قىلىدۇ، تېخىمۇ كۆپ جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ ئۇرۇگۋايغا بېرىپ مەبلەغ سېلىپ كەسىپلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى قارشى ئالىدۇ، ئۇرۇگۋايدا كۇڭزى شۆيۈەنىنى تېخىمۇ كۆپ تەسىس قىلىپ، ئىككى دۆلەت خادىملىرىنىڭ بېرىش - كېلىشى ۋە ئادىمىيەت جەھەتتىكى ئالماشتۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرىدۇ. ئۇرۇگۋاي تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن ئەركىن سودا ھەمكارلىقىنى ئالغا سىلجىتىشنى تېزلىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىللە، جەنۇب تەرەپ ئورتاق بازىرىنىڭ بۇ نىشانغا قاراپ ئىلگىرىلىشىگە تۈرتكە بولۇشنى ئارزۇ قىلىدۇ. ئۇرۇگۋاي تەرەپ لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە لاتىن ئامېرىكىسى - جۇڭگو مۇنبىرى قۇرۇلۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن پائال رولىنى جارى قىلدۇرۇشنى خالايدۇ.

  سۆھبەتتىن كېيىن، ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش ھەمكارلىق يىرىك پىلانى، سودا - سېلىنما، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل تەرەققىيات، يېزا ئىگىلىكى، سەھىيە، مائارىپ، مەدەنىيەت، پەن - تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ۋە تاموژنا تەكشۈرۈش - كارانتىن قىلىش قاتارلىق ساھەلەردىكى كۆپ تۈرلۈك ئىككى تەرەپ ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنىڭ ئىمزالىنىشىغا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.

  سۆھبەتتىن ئىلگىرى، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىدا لاكاللې ئۈچۈن قارشى ئېلىش مۇراسىمى ئۆتكۈزدى.

  تيەنئەنمېن مەيدانىدا 21 پاي ھۆرمەت توپى ئېتىلدى، مۇراسىم ئەسكەرلىرى سەپكە تىزىلىپ ھۆرمەت بىلدۈردى. ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت باشلىقلىرى پاراتنى كۆزدىن كەچۈرۈش مۇنبىرىگە چىققاندا، ھەربىي ئوركېستىر جۇڭگو بىلەن ئۇرۇگۋاي ئىككى دۆلەتنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئورۇنلىدى. لاكاللې شى جىنپىڭنىڭ ھەمراھلىقىدا جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسى ھۆرمەت قاراۋۇللىرى ئەترىتىنى كۆزدىن كەچۈردى ھەم مۇراسىم سەپ شەكلىنى كۆردى.

  شۇ كۈنى كەچتە، شى جىنپىڭ خەلق سارىيىنىڭ ئالتۇن رەڭلىك چوڭ زالىدا لاكاللې ئۈچۈن قارشى ئېلىش زىياپىتى ئۆتكۈزدى.

  ۋاڭ يى يۇقىرىقى پائالىيەتلەرگە قاتناشتى.

  لاكاللې جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى تەرەپ «جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتى بىلەن ئۇرۇگۋاي شەرقىي قىرغاق جۇمھۇرىيىتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىش توغرىسىدىكى قوشما باياناتى»نى ئېلان قىلدى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ