شى جىنپىڭ رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولودىن بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.23 11:04 مەنبە: خەلق تورى

  11 - ئاينىڭ 22 - كۈنى چۈشتىن كېيىن، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ خەلق سارىيىدا رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ رەئىسى ۋولودىن بىلەن كۆرۈشتى.

  شى جىنپىڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو بىلەن رۇسىيە ئۆزئارا ئەڭ چوڭ قوشنا دۆلەتلەر، شۇنداقلا بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى خەۋپسىزلىك كېڭىشىگە دائىمىي ئەزا دۆلەتلەر بولۇپ، كەڭ ئورتاق مەنپەئەتكە ئىگە. بۇ يىل مەن زۇڭتۇڭ پۇتىن بىلەن ئىككى قېتىم يۈزتۇرا چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن رۇسىيەنىڭ ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىشى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا نۇرغۇن يېڭى ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدىم. كېلەر يىلى جۇڭگو بىلەن رۇسىيە دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 75 يىللىقى، جۇڭگو تەرەپ رۇسىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، مەڭگۈ ئىناق قوشنىلاردىن بولۇپ، دوستانە ئۆتىدىغان، ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىشىدىغان، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئالىدىغان ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە يېڭى ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ قوشۇشنى، دۇنيانىڭ گۈللىنىشى، مۇقىملىقى ئۈچۈن تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق بىلەن تەمىنلەشنى خالايدۇ.

  شى جىنپىڭ مۇنداق تەكىتلىدى: قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش جۇڭگو - رۇسىيە مۇناسىۋىتىنىڭ پۇختا قەدەم بىلەن ئۇزاققىچە داۋاملىشىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رول ئوينايدۇ. رۇسىيە دۆلەت دۇماسىنىڭ جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن قانۇن چىقىرىش تەجرىبىلىرىنى ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ھەرقايسى مەخسۇس كومىتېتلىرى، پارلامېنت ئەزالىرى دوستلۇق گۇرۇپپىسىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپ ھەمكارلىقىنى تېخىمۇ مۇكەممەل قانۇن تىرىكى بىلەن تەمىنلەپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى ئورتاق بەرپا قىلىش تەشەببۇسى بىلەن ياۋروپا - ئاسىيا ئىقتىساد ئىتتىپاقىنى ئۇدۇللاشتۇرۇشقا ياخشى كاپالەتلىك قىلىپ، شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك سۇپىلاردىكى ئالاقە ۋە ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن.

  ۋولودىن مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن زۇڭتۇڭ پۇتىننىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، رۇسىيە - جۇڭگو مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى سەۋىيەگە يەتتى. رۇسىيە دۆلەت دۇماسىدىكى ھەرقايسى پارتىيە - گۇرۇھلار جۇڭگو بىلەن بولغان دوستانە مۇناسىۋەتنى راۋاجلاندۇرۇشنى قوللاشتا يۈكسەك ئورتاق تونۇشقا ئىگە. رۇسىيە تەرەپ بىر جۇڭگو سىياسىتىگە قەتئىي ئەمەل قىلىدۇ، جۇڭگو تەرەپنىڭ دۆلەتنىڭ ئىگىلىك ھوقۇقى ۋە زېمىن پۈتۈنلۈكىنى قوغدىشىنى قەتئىي قوللايدۇ. رۇسىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپ بىلەن بىرلىكتە ئىككى دۆلەت قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرى ۋە پارتىيەلەر ئارىسىدىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەت دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ مۇھىم ئورتاق تونۇشىنى پائال ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، خەلقلەر دوستلۇقى ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل تەرەققىياتىنى كۈچلۈك قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى خالايدۇ.

  ۋاڭ يى، پېڭ چىڭخۇا كۆرۈشۈشكە قاتناشتى.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ