مۇھىم خەۋەرلەر

جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى، چاڭجياڭ،تاۋفېن مۇكاپاتىنى تارقىتىش دوكلات يىغىنى ئۆتكۈزۈلدى، سەي چى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى

2023.11.22 13:12 مەنبە: خەلق تورى

  32-، 33-نۆۋەتلىك جۇڭگو ئاخبارات مۇكاپاتى ۋە 17-نۆۋەتلىك چاڭجياڭ، تاۋفېن مۇكاپاتىنى تارقىتىش دوكلات يىغىنى 21-چېسلا بېيجىڭدا ئېچىلدى. ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى مۇكاپاتقا ئېرىشكۈچىلەر ۋەكىللىرى بىلەن كۆرۈشتى.

  چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9 يېرىمدا، سەي چى خەلق سارىيىنىڭ شىمالىي زالىغا كېلىپ، مۇكاپاتقا ئېرىشكەن ۋەكىللەرنى قىزغىن تەبرىكلىدى ھەمدە كۆپچىلىك بىلەن خاتىرە سۈرەتكە چۈشتى.

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بيۇروسىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت تەشۋىقات بۆلۈمىنىڭ باشلىقى لى شۇلېي كۆرۈشۈشتە بىللە بولدى، دوكلات يىغىنىغا قاتناشتى ھەمدە سۆز قىلدى.

  يىغىندا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ئاخبارات خىزمەتچىلىرى شى جىنپىڭ مەدەنىيەت ئىدىيەسىنى ئۆگىنىش، ئىگىلەشنى زۆرۈر دەرسلىك قىلىپ، بۇ مۇھىم ئىدىيەنىڭ مۇھىم ئەھمىيىتى، مول مەزمۇنى ۋە ئەمەلىي تەلىپىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈشى، ئاخبارات ئاممىۋى پىكىر خىزمىتىنىڭ ھەرقايسى تەرەپلىرىدىكى پۈتۈن جەريانىنى ئاڭلىق ئىزچىللاشتۇرۇپ ۋە ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يېڭى دەۋردىكى ھېسسىياتلىق، قابىلىيەتلىك، مەسئۇلىيەتچان ئاخباراتچىلاردىن بولۇشقا تىرىشىش كېرەك.يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: ئاخبارات سېپىدىكىلەر ئىشەنچنى كۈچەيتىشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، ئىجابىي تەشۋىقاتنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو ۋە چەت ئەللەرنى تۇتاشتۇرىدىغان يېڭى ئۇقۇم، يېڭى كاتېگورىيە، يېڭى بايانلار ئارقىلىق جۇڭگو ھېكايىسى، جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ ھېكايىسى ۋە يېڭى دەۋر ھېكايىسىنى ياخشى سۆزلىشى، يېڭى تېخنىكا، يېڭى سۇپا، يېڭى ۋاسىتىلەردىن پائال پايدىلىنىپ، پۈتۈن تاراتقۇ تارقىتىش سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئاخبارات ئاممىۋى پىكرى خىزمىتىدە ئۈزلۈكسىز يېڭى ۋەزىيەت يارىتىشى كېرەك.

  جۇڭگو مۇخبىرلار جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى خې پىڭ يىغىندا سۆز قىلدى. خەلق دېڭىز ئارمىيەسى گېزىتخانىسى، ئىشچىلار گېزىتخانىسى، خەلق گېزىتى ئىدارىسى، شىنخۇا ئاگېنتلىقى، مەركىزىي رادىيو-تېلېۋىزىيە باش ئىستانسىسى، جېجياڭ رادىيو-تېلېۋىزىيە گۇرۇھى، خاربىن گېزىتخانىسىنىڭ ۋەكىللىرى سۆز قىلدى. مەركەز تەشۋىقات، ئىدىيە، مەدەنىيەت خىزمىتىگە رەھبەرلىك قىلىش گۇرۇپپىسىنىڭ ئەزالىرى، مەركەز ۋە دۆلەت ئورگانلىرىدىكى ئالاقىدار تارماقلار، مەركەزدىكى ئاساسلىق ئاخبارات ئورۇنلىرىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە ئاخبارات خىزمەتچىلىرى ۋەكىللىرىدىن بولۇپ 310 كىشى يىغىنغا قاتناشتى.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ