دىڭ شۆشياڭ رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى

2023.11.22 09:12 مەنبە: مەركىزى تېلېۋىزىيە تورى

  ج ك پ مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 11-ئاينىڭ 20-كۈنى بېيجىڭدا رۇسىيەنىڭ بىرىنچى مۇئاۋىن زۇڭلىسى بېلوۋۇسوف بىلەن بىرلىكتە جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ 10-قېتىملىق يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.

  دىڭ شۆشياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بۇ يىل كىرگەندىن بۇيان، جۇڭگو-رۇسىيە باشلىقلىرى ئىككى قېتىم ئۇچرىشىپ، بۇنىڭدىن كېيىنكى بىر مەزگىلدىكى ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتى ۋە ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ئۇلۇغۋار پىلانىنى تۈزدى. جۇڭگو رۇسىيە بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئومۇميۈزلۈك ياخشى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ بىرتۇتاش پىلانلاش-ماسلاشتۇرۇش رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق يوشۇرۇن كۈچىنى داۋاملىق قېزىپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقتا يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولۇپ، جۇڭگو-رۇسىيەنىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنىڭ مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، ئىككى دۆلەت ۋە ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى نەپ يەتكۈزۈشنى خالايدۇ.

  دىڭ شۆشياڭ جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇش توغرىسىدا مۇنداق تۆت تۈرلۈك تەكلىپنى ئوتتۇرىغا قويدى. بىرىنچى، مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى كەلگۈسىنى ئورتاق پىلانلاپ، پىلانلاش ۋە يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنىڭ چوڭقۇرلىشىشى ۋە ئەمەلىي بولۇشىغا يېتەكچىلىك قىلساق. ئىككىنچى، نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقتا ئۈزلۈكسىز يېڭى نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرۈشنى بىرلىكتە ئىلگىرى سۈرۈپ، ئىككى دۆلەت كارخانىلىرىنى قوللاش، يېتەكلەشنى كۈچەيتىپ، ئارزۇسى، شارائىتى، ئەمەلىي كۈچى بار كارخانىلارنى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشكە ئىلھاملاندۇرساق. ئۈچىنچى، يەرلىك ھەمكارلىقنىڭ يېڭى ۋەزىيىتىنى بىرلىكتە يارىتىپ، رايونلارنىڭ بىر بىرىنى تولۇقلىشىغا تۈرتكە بولۇپ، سودا، مەبلەغ سېلىش، يول ۋە سۇپا قۇرۇلۇشىنى تېخىمۇ ياخشى بىر تۇتاش پىلانلاپ، يېزا ئىگىلىك ھەمكارلىقى ئۈلگە كۆرسىتىش رايونى، قاتناش ئۇل ئەسلىھە قاتارلىق ساھەلەردىكى ئەمەلىي ھەمكارلىقنى چوڭقۇرلاشتۇرساق. تۆتىنچى، ئۇزاق مۇددەتلىك ھەمكارلىق يېڭى مەنزىلىنى بىرلىكتە ئېچىپ، تۇتاشتۇرۇش، ماسلاشتۇرۇشنى داۋاملىق كۈچەيتىپ، ياخشى مۇھىت يارىتىپ، ئىككى تەرەپلىك مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرسەك.

  بېلوۋۇسوف مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رۇسىيە بىلەن جۇڭگونىڭ يېڭى دەۋردىكى ئومۇميۈزلۈك ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق ھەمراھىلىق مۇناسىۋىتى مىسلىسىز يۇقىرى سەۋىيەدە تۇرۇۋاتىدۇ. رۇسىيە جۇڭگو بىلەن ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئىستراتېگىيەنى تۇتاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-رۇسىيە مەبلەغ سېلىش ھەمكارلىق كومىتېتىنىڭ رولىنى تولۇق جارى قىلدۇرۇپ، ئىككى تەرەپنىڭ ئەمەلىي ھەمكارلىقىدا تېخىمۇ كۆپ نەتىجە يارىتىشقا تۈرتكە بولۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆز تەرەققىياتى، گۈللىنىشىگە كۈچ قوشۇشنى خالايدۇ.
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ