مۇھىم خەۋەرلەر

دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقى ئىنكاس قايتۇردى

2023.09.26 11:17 مەنبە: خەلق تورى

  دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى: ئالاقىدار دوكلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئادىل بولمىغان ۋاسىتىلەر ئارقىلىق جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بېرىدۇ

  ئالاقىدار دوكلاتلارنىڭ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا قارىتا تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىقىنى ئېچىپ بەرگەنلىكى توغرىسىدا، دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ۋاڭ ۋېنبىن 25-چېسلا مۇنداق دېدى: بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ قانۇنسىز ۋە ئادىل بولمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق ئېچىپ بەردى. ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا قاراتقان «سىياسىي مەجبۇرلاش» ئىشىغا قاتناشماي، ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلەن ئادىل، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  شۇ كۈندىكى رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىدا، بىر مۇخبىر مۇنداق دەپ سورىدى: جۇڭگو دۆلەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقى 20-چېسلا «ئامېرىكا ئاخبارات ئورگىنىنىڭ تور مەخپىيەتلىكنى ئوغرىلاشتىكى ئاساسلىق رەزىل ۋاسىتىسى»نى ئېلان قىلىپ ، ئامېرىكىنىڭ جۇڭگونىڭ تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلىغانلىق ئەھۋالىنى پاش قىلدى ھەمدە ئامېرىكا ھۆكۈمىتى 2009- يىلىدىن باشلاپ خۇاۋېي باش ئىشىتابىنىڭ مۇلازىمىتېرىغا تاجاۋۇز قىلىپ كىرىپ، نازارەت قىلىشنى داۋاملىق قانات يايدۇرغانلىقىنى كۆرسەتتى. جۇڭگو بۇنىڭغا قانداق باھا بېرىدۇ؟

  بىز ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ مەسئۇلىيەتسىز قىلمىشىنى ئەيىبلەيمىز. ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: پاكىت يەنە بىر قېتىم شۇنى ئىسپاتلىدىكى، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى بىر تەرەپتىن جۇڭگونىڭ تور مەخپىيتىنى پۈتۈنلەي ئوغرىلاپ، جۇڭگونىڭ تور بىخەتەرلىكىگە زور خەۋپ ئېلىپ كەلدى، يەنە بىر تەرەپتىن، «جۇڭگو خاككېرلىرى ھۇجۇم قىلىش نەزەرىيەسى» ساختا ئۇچۇرىنى ئۈزلۈكسىز پەيدا قىلدى ۋە تارقاتتى. بۇ قىلمىشى تىپىك، ساختا بولغان سىياسىي نەيراڭۋازلىق.

  تېخىمۇ دىققەت قىلىشقا ئەرزىيدىغىنى شۇكى، ئالاقىدار دوكلاتلار ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ 2009-يىلىدىن باشلاپ جۇڭگوغا قارىتا تور مەخپىيەتلىكىنى ئوغرىلاشقا باشلىغانلىقىنى ئېچىپ بەردى. ۋاڭ ۋېنبىن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ئۇزاقتىن بۇيان، ئامېرىكا ئاغزى -ئاغزىغا تەگمەي «دۆلەت بىخەتەرلىكى»نى باھانە قىلىپ، خۇاۋېينى ئۆز ئىچىگە ئالغان جۇڭگونىڭ يۇقىرى پەن-تېخنىكا كارخانىلىرىغا زەربە بەردى. لېكىن ئالاقىدار دوكلاتتا كۆرسىتىلىشىچە، «ئوغرىلىق» ئۇسۇلى بىلەن بولسىمۇ، ئامېرىكا ھۆكۈمىتى يەنىلا ئاتالمىش «ئىسپات»نى تاپالمىدى. بۇ ئامېرىكا ھۆكۈمىتىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا زەربە بېرىشى ئاتالمىش «دۆلەت بىخەتەرلىكى» ئۈچۈن ئەمەس، بەلكى نورمال رىقابەتتە ئالدىدا تۇرۇشقا ئامالسىز قالغاندا، قانۇنسىز ۋە ئادىل بولمىغان ۋاسىتىلەر بىلەن جۇڭگو كارخانىلىرىنىڭ تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلغانلىقىنى تولۇق ئاشكارىلاپ بەردى.

  ۋاڭ ۋېنبىن مۇنداق دېدى: بىز ئالاقىدار دۆلەتلەرنىڭ ئامېرىكىنىڭ جۇڭگو كارخانىلىرىغا قاراتقان «سىياسىي مەجبۇرلاش» ئىشىغا قاتناشماي، ئىستراتېگىيەلىك مۇستەقىللىقتا چىڭ تۇرۇپ، ئوبيېكتىپ، ئادىل پوزىتسىيە بىلەن ئادىل، ئوچۇق، سىغدۇرۇشچان ۋە كەمسىتمەيدىغان سودا مۇھىتىنى قوغدىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ