مۇھىم خەۋەرلەر

خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى ئاممىنىڭ ئۆزىنىڭ نامىدا توردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىنى تەكلىپ قىلىشتىن ساقلىنىشىنى ئەسكەرتتى

2023.09.26 11:14 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، بەزى ئاپپاراتلار ياكى شەخسلەر «خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى»نىڭ نامىدا توردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىنى تەكلىپ قىلىش ئۇچۇرىنى ئېلان قىلدى. خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى 9-ئاينىڭ 25-كۈنى ئالاقىدار ئەسكەرتمىنى ئېلان قىلدى.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى ئەسكەرتىشتە مۇنداق دەپ كۆرسەتتى: خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى ئەزەلدىن ئالاقىدار توردا كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىنى قوبۇل قىلىش پائالىيىتىنى تەشكىللەپ قانات يايدۇرۇپ باقمىغان، كۆپچىلىكنىڭ ھوشيارلىقنى ئۆستۈرۈپ، كېلىش مەنبەسى ئېنىق بولمىغان ئالاقىدار ئۇچۇرلارغا ئاسانلىقچە ئىشىنىپ كەتمەي، زىيان كېلىپ چىقىشتىن ساقلىنىشىنى ئۈمىد قىلىمىز.

  خەلق ئىشلىرى مىنىستىرلىقى كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى مەھكىمىسى مۇنداق دېدى: جەمئىيەتتىكى ئامما قانۇنسىز ئۇنسۇرلارنىڭ كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىنى تەكلىپ قىلىش نامى بىلەن پايدا ئالغانلىقىنى بايقىسا، خەلق ئىشلىرى تارماقلىرى ياكى باشقا ئالاقىدار تارماقلارغا ئەرز قىلسا، پاش قىلسا بولىدۇ. تەبىئىي شەخس، قانۇنىي شەخىس ياكى باشقا تەشكىلاتلاردىن كۈتۈنۈش مۇلازىمىتى پىدائىيلىرىنى تەكلىپ قىلىشنى باھانە قىلىپ، مال-مۈلۈكنى ئالداپ ئېلىۋالغانلىرىنى ئالاقىدار تارماقلار قانۇن بويىچە تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ