مۇھىم خەۋەرلەر

2024-يىللىق ئاسپىرانتلىققا ئىمتىھان بېرىشكە ئالدىن تىزىملىتىش باشلاندى

2023.09.26 00:15 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 25-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مائارىپ مىنىستىرلىقى تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2024-يىللىق مەملىكەتلىك ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھانىنىڭ دەسلەپكى ئىمتىھانى 2023-يىل 12-ئاينىڭ 23-كۈنىدىن 24-كۈنىگىچە ئېلىنىدىغانلىقى بېكىتىلگەن، ئىمتىھان ۋاقتى ئۈچ سائەتتىن ئېشىپ كەتكەن ياكى رەسىم تاختىسى ئىشلىتىش قاتارلىق ئالاھىدە تەلەپلەر قويۇلغان ئاز ساندىكى ئىمتىھان تۈرلىرى 12-ئاينىڭ 25-كۈنىگە ئورۇنلاشتۇرۇلغان. توردا تىزىملىتىش خىزمىتى 2023-يىل 10-ئاينىڭ 8-كۈنىدىن 10-ئاينىڭ 25-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە) ئورۇنلاشتۇرۇلدى، ئالدىن تىزىملىتىش خىزمىتى 9-ئاينىڭ 24-كۈنىدىن 9-ئاينىڭ 27-كۈنىگىچە (ھەر كۈنى سائەت 9 دىن 22 گىچە) ئورۇنلاشتۇرۇلدى.

  توردا تىزىملىتىش ئاخىرلاشقاندىن كېيىن، ئۆلكە دەرىجىلىك مائارىپقا ئوقۇغۇچى قوبۇل قىلىش ئىمتىھان ئاپپاراتلىرى توردا جەزملەشتۈرۈش خىزمىتىنى تەشكىللەپ، ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ تىزىملىتىش ئۇچۇرىنى تەكشۈرىدۇ. بارلىق ئوقۇغۇچىلار چوقۇم بەلگىلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە توردا تىزىملىتىش ۋە توردا جەزملەشتۈرۈشنى تاماملىشى كېرەك، ۋاقتى ئۆتۈپ كەتسە قايتا تولۇقلاپ بېجىرىلمەيدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ