گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى زور ئوت ئاپىتى خەۋپى ساقلانغان 31 ئورۇنغا نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلدى
مۇخبىرنىڭ 24-چېسلا جىددىي ئىشلارنى باشقۇرۇش مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى يېقىندا ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ، چۇجۈ 1-داۋىس خوجىلىق باشقۇرۇش (بېيجىڭ) چەكلىك شىركىتى، تيەنجىن شەھىرى ۋۇچىڭ رايونى بەختلىك دېھقانلار ئارامگاھى قاتارلىق زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان 31 ئورۇننىڭ تۈزىتىش خىزمىتىگە نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: جايلار تۈزىتىش مەسئۇلىيىتىنى ئايدىڭلاشتۇرۇپ، تۈزىتىش مەسئۇلىيىتى، تەدبىرى، مەبلىغى، ۋاقىت چېكى ۋە لايىھەسىدىن ئىبارەت «بەشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇشقا ھەيدەكچىلىك قىلىپ، ۋاقتىدا تۈزىتىشكە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. تەرتىپكە سېلىپ بولغاندىن كېيىن، ھەرقايسى ئوت ئۆچۈرۈش، قۇتقۇزۇش باش ئەترەتلىرى باش بولۇپ تەكشۈرۈپ ئۆتكۈزۈۋالىدۇ. شۇنىڭ بىلەن بىللە، جايلار بىرنى بىلىش ئارقىلىق باشقىلارنىمۇ بىلىپ، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيەلەرنىڭ مەسىلە تىپلىرى گەۋدىلىك، تۈزەش قىيىن بولغان زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان بىر تۈركۈم ئورۇنلىرىغا مەركەزلىك ھەيدەكچىلىك قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. خىزمەت تەدبىرى كۈچلۈك بولماي، بىرقەدەر چوڭ ئوت ئاپىتى ھادىسىسى يۈز بەرسە، جاۋابكارلىقنى تەكشۈرۈشنى قاتتىق يولغا قويۇش كېرەك. گوۋۇيۈەن بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش كومىتېتى ئىشخانىسى جايلارنىڭ نۇقتىلىق ھەيدەكچىلىك قىلىش ۋە تۈزىتىش ئەھۋالىنى ۋاقتىدا نازارەت قىلىپ تەكشۈرىدۇ.
مەملىكەت بويىچە زور ھادىسە يوشۇرۇن خەۋپىنى مەخسۇس تەكشۈرۈش-تۈزەش 2023-يىللىق ھەرىكىتى بۇ يىل 4-ئاينىڭ 25-كۈنى قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار دىققەتنى ئادەم زىچ، سەزگۈر ۋە ئالاھىدە، ئارىلاشما ئىشلەپچىقىرىش تىجارىتى قاتارلىق ئۈچ تۈرلۈك نۇقتىلىق سورۇن ۋە بەلگىلىمىگە خىلاپ ئېلېكتىر كەپشەرلەش مەشغۇلاتى، بەلگىلىمىگە خىلاپ ھالدا ئاسان ئوت ئالىدىغان، كۆيۈشچان ئىسسىقلىق ساقلاش ماتېرىياللىرىنى ئىشلىتىش، تارقاقلاشتۇرۇش يولىنى ئىگىلىۋېلىش قاتارلىق سەككىز تۈرلۈك گەۋدىلىك مەسىلىگە مەركەزلەشتۈرۈپ، مەخسۇس تەكشۈرۈش-تۈزەش خىزمىتىنى پۇختا ئىلگىرى سۈردى. ھازىرغا قەدەر، جەمئىيەتتىكى 1 مىليون 850 مىڭ ئورۇن (قېتىم) تەكشۈرۈلۈپ، 2مىليون 170 مىڭ ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى بايقالدى، 2 مىليون 90 مىڭ ئورۇننى تۈزىتىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىندى؛ زور ئوت ئاپىتى يوشۇرۇن خەۋپى ساقلانغان 6106 ئورۇن، ئۆلكە، شەھەر، ناھىيە ئۈچ دەرىجىلىك 2530 ئورۇنغا ۋىۋىسكا ئېسىلىپ، بىخەتەرلىك خەۋپ-خەتىرى ۋاقتىدا تۈگىتىلىپ، ئوت ئاپىتى ۋەزىيىتى ئۈنۈملۈك تىزگىنلەندى.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ