مۇھىم خەۋەرلەر

شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا راسچوت قىلىش ئومۇميۈزلۈك يولغا قويۇلدى

قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇلىنى چىقىم قىلىش نىسبىتى تاماملانغان قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك

2023.09.21 23:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: شىنجاڭ ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى، ئاپتونوم رايونلۇق تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى، ئاپتونوم رايونلۇق مالىيە نازارىتى يېقىندا بىرلىشىپ «ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا راسچوت قىلىشنى يولغا قويۇش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە قىسقارتىلىپ «پىكىر» دېيىلىدۇ)نى ئېلان قىلدى، ئاپتونوم رايون بويىچە شارائىتى يار بېرىدىغان ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل-ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش جەريانىدا راسچوت قىلىش يولغا قويۇلىدۇ، ھۆددىگە بەرگۈچىنىڭ توختامدا بېكىتىلگەن ۋاقىت ئىچىدە پۈتۈشكەن نىسبەت بويىچە قۇرۇلۇش جەريانىدىكى قۇرۇلۇش راسچوت پۇلىنى بېرىشى تەلەپ قىلىندى. ھۆكۈمەت ئورگانلىرى، كەسپىي ئورۇنلار، دۆلەت كارخانىلىرىنىڭ قۇرۇلۇش سۈرئىتى پۇلىنى چىقىم قىلىش نىسبىتى تاماملانغان قۇرۇلۇش پۇلىنىڭ %80 ىدىن تۆۋەن بولماسلىقى كېرەك، توختامدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا راسچوت قىلىش مۇددىتى پۈتۈشۈلمىگەن بولسا، مۇددىتى 28 كۈن بولىدۇ.

  «قۇرۇلۇش جەريانى راسچوتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى بىناكارلىق كەسپىنى ئەلالاشتۇرۇش، <بېرىش، باشقۇرۇش، مۇلازىمەت قىلىش> ئىسلاھاتىدىكى مۇھىم تەدبىر» دېدى ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى پارتگۇرۇپپىسىنىڭ ئەزاسى، مۇئاۋىن نازىر لى لىنيۈ، ئۇ يەنە مۇنداق دېدى: ئاپتونوم رايون بويىچە ئۆي-ئىمارەت قۇرۇلۇشى ۋە شەھەر مەمۇرىيىتى ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانى راسچوتىنىڭ يولغا قويۇلۇشى ئىلگىرىكى قۇرۇلۇش پۈتۈنلەي پۈتكەندىن كېيىن ئاندىن راسچوت قىلىش ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتتى، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىنكى راسچوت تۈزۈش ۋە تەكشۈرۈش خىزمىتىنى باسقۇچقا بۆلۈپ ئالدىغا سۈرۈش ئارقىلىق پۈتكەن قۇرۇلۇشنىڭ راسچوت دەۋرىنى ئۈنۈملۈك قىسقارتقىلى بولىدۇ، ھازىر يولغا قويۇلۇۋاتقان پۇل راسچوتىدىكى تۈرلۈك نۇقسانلارنى تۈگىتىپ، دېھقان ئىشلەمچىلەرنىڭ ئىش ھەققى ۋە قۇرۇلۇش پۇلىنى نېسى قالدۇرۇش مەسىلىسىنى ھەل قىلىپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا پەيدا بولغان قۇرۇلۇش باھاسىنى ھېسابلاش زىددىيەت ماجىرالىرىنى ۋاقتىدا ئالدىنى ئېلىپ ۋە پەسەيتىپ، ھەرقايسى تەرەپلەرنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداپ، بىناكارلىق كەسپىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرگىلى بولىدۇ.

  «پىكىر»دە، راسچوت دەۋرىنى ئايرىش، راسچوت ماتېرىياللىرىنى باشقۇرۇش، قۇرۇلۇش پۇلىنى چىقىم قىلىش كېپىللىكى، مەسلىھەت بېرىش مۇلازىمىتى قاتارلىق جەھەتلەردە تېخىمۇ ئېنىق تەلەپلەر ئوتتۇرىغا قويۇلدى.

  ئىگىلىنىشىچە، 2022-يىلى، ئاقسۇ ۋىلايىتى ۋە قاراماي شەھىرى ئالدى بىلەن پۈتۈن شىنجاڭدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدا راسچوت قىلىشنى نۇقتىدا سىناق قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇرغان. كېيىنكى قەدەمدە، ئاپتونوم رايونلۇق تۇرالغۇ ۋە شەھەر-يېزا قۇرۇلۇشى نازارىتى خەلق تۇرمۇشىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا يېقىنلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدىكى راسچوت سىياسىتىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش بويىچە تەربىيەلەش سالمىقىنى زورايتىپ، يولغا قويۇش جەريانىدىكى راسچوت تۈرلىرىنى ئىز قوغلاپ تەكشۈرۈشنى كۈچەيتىپ، خېرىدار چاقىرىش-خېرىدار چىقىش، قۇرۇلۇشنىڭ پۈتۈش باھاسىنى باشقۇرۇش ۋە باھا ھېسابلاشنى ئاساس قىلىش مۇلازىمەت ھالقىسىدا قۇرۇلۇش قىلىش جەريانىدىكى راسچوت يانداش تەدبىرلىرىنى تەتقىق قىلىپ مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشتۈرۈپ، سىياسەتنى ھەقىقىي مەشغۇلات قىلغىلى بولىدىغان، ئەمەلىيلەشتۈرگىلى بولىدىغان قىلىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ