خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 9-ئاينىڭ 19-كۈنى جامائەت خەۋپسىزلىكى مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىنىشىچە، مەملىكەت بويىچە جامائەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرىنىڭ يازلىق ئامانلىق ساقلاش بويىچە زەربە بېرىش-تۈزەش ھەرىكىتىنى 4-قېتىملىق ئىلگىرى سۈرۈش يىغىنى 9-ئاينىڭ 18-كۈنى بېيجىڭدا ئېچىلغان بولۇپ، «سۈرئەتنى ئاشۇرۇپ ھەيدەش، ئادەمنى ئارتۇق سېلىش، يۈكنى نورمىدىن ئاشۇرۇش، چارچىغاندا ھەيدەش» (قىسقارتىپ «ئۈچنى ئاشۇرۇش، چارچىغاندا ھەيدەش» دېيىلىدۇ)، ھاراق ئىچىپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، مەست بولۇپ ئاپتوموبىل ھەيدەش، ئاپتوموبىلنى تېز ھەيدەشتە بەسلىشىش، شاۋقۇن چىقىرىپ ھەيدەش قاتارلىق گەۋدىلىك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزۈش قىلمىشلىرىنى تەكشۈرۈپ تىزگىنلەش سالمىقىنى زورايتىپ، خەتەرلىك، پارتلايدىغان بۇيۇملارنى ياساش، سېتىش، ساقلاش، توشۇش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايى قىلمىشلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىپ، تۆمۈر يول، خەلق ئاۋىياتسىيەسى، پورت ۋە مېترو، ئاممىۋى ئاپتوبۇس قاتارلىقلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، ئالاقىدار تارماقلار بىلەن بىرلىكتە ساياھەت مەنزىرە رايونلىرىنىڭ بىخەتەرلىكىنى قوغداشنى كۈچەيتىپ، زور ئاممىۋى بىخەتەرلىك ۋەقەلىرىنىڭ يۈز بېرىشىدىن قەتئىي ساقلىنىش لازىملىقى تەكىتلەندى.
«يازلىق ھەرىكەت» قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، جايلار، ساقچى تۈرلىرى تارماقلىرى نۇقتا، سىزىق، دائىرىنى بىرلەشتۈرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، زەربە بېرىش، ئالدىنى ئېلىش، باشقۇرۇش، تىزگىنلەشنى تەڭ تۇتۇپ، كۆرۈنەرلىك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈردى. ج خ مىنىستىرلىقى ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرىنى جەڭ قىلىشقا جۈرئەت قىلىش، چوقۇم غەلىبە قىلىش، ئاخىرغىچە چىڭ تۇتۇشتەك غەيرەت بىلەن قەلب ۋە كۈچنى مۇجەسسەملەپ، «يازلىق ھەرىكەت»نى ئاخىرلاشتۇرۇش جېڭىدە غەلىبە قىلىشقا ئورۇنلاشتۇردى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: باشتىن-ئاخىر كىرىچنى چىڭىتىپ، نۇقتىلىق ھالقىلارغا يەنىمۇ كۈچەپ، دېلو بېجىرىشكە ھەيدەكچىلىك قىلىش، توپلىشىپ جەڭ قىلىش، رايون بىرلەشمە جېڭى قىلىش، يوشۇرۇن خەۋپنى تۈگىتىش قاتارلىق خىزمەت سالمىقىنى يەنىمۇ زورايتىپ، تىرىشىپ خەلق ئاممىسىنىڭ جوڭچيۇ بايرىمى ۋە دۆلەت بايرىمىنى خۇشال-خۇرام ئۆتكۈزۈشى ئۈچۈن بىخەتەر، مۇقىم ئىجتىمائىي مۇھىت يارىتىپ بېرىش كېرەك.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ