مۇھىم خەۋەرلەر

يۈننەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول ئالتۇن لىنىيەسىنى پۈتۈن كۈچ بىلەن بەرپا قىلدى

2023.09.21 23:52 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: خەلقئارا مال بىرلەشمە تىرانسپورتى كۈنىگە ئوتتۇرا ھېساب بىلەن ئىككى قېتىمدىن كۈنىگە 14 قېتىمغا كۆپەيدى، توشۇلىدىغان مال 10 نەچچە خىلدىن كۆپىيىپ 2000 خىلدىن كۆپرەككە يەتتى، مال ئىمپورت-ئېكسپورتىنىڭ تاموژنىدىن ئۆتۈش ئومۇمىي ۋاقتى قاتناش باشلانغان دەسلەپكى مەزگىلدىكىنىڭ يېرىمىدىن كۆپرەك قىسقاردى... جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىدا قاتناش باشلانغان بىر يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان، ئالتۇن لىنىيەنىڭ ساپلىقى بارغانسېرى ئاشتى. 8-ئاينىڭ 31-كۈنىگىچە، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى پۈتۈن لىنىيە بويىچە جەمئىي 25 مىليون 220 مىڭ توننا يۈك توشۇدى، مال بارىدىغان جاي ۋە مال مەنبەسى دۆلەت ئىچىدىكى 25 ئۆلكىگە چېتىلىدۇ؛ جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يول ترانسپورت تورى 13 دۆلەت ۋە رايونغا مەنپەئەت يەتكۈزدى.

  2021-يىل 12-ئاينىڭ 3-كۈنى، باش شۇجى شى جىنپىڭ سىن ئارقىلىق جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىدا قاتناش باشلاش مۇراسىمىغا قاتناشقاندا مۇنداق كۆرسەتتى: ئىككى تەرەپ غەيرەت ئۈستىگە غەيرەت قوشۇپ، ماھىرلىق بىلەن ئىشلەپ، ياخشى نەتىجە يارىتىپ، تۆمۈريولنى ياخشى قوغداپ، ياخشى يۈرۈشتۈرۈپ، لىنىيە بويىنى ياخشى ئېچىپ، ياخشى قۇرۇپ، ئالتۇن لىنىيە بەرپا قىلىپ، ئىككى دۆلەت خەلقلىرىگە بەخت يارىتىشى كېرەك.

  يۈننەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى چوڭقۇر ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئۈچ يىللىق ھەرىكەت پىلانىنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، دىققەتنى يول ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەشيا ئوبوروتى تۈگۈنى قۇرۇلۇشى، لىنىيە بويىدىكى كەسىپلەرنى ئېچىش ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشكە مەركەزلەشتۈرۈپ، پۈتۈن كۈچ بىلەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولىنىڭ ئالتۇن لىنىيەسىنى بەرپا قىلدى.

  يۈننەن ئۆلكىسى «بىر لىنىيە»نى «بىر تور»غا ئۆزگەرتىپ، يول ئىقتىدارىنى كۈچەپ ئۆستۈرۈپ، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولىنىڭ تەسىر كۆرسىتىش ئۈنۈمىنى ئاشۇردى.

  7-ئاينىڭ 2-كۈنى، ئاپتوموبىل زاپچاسلىرى قاتارلىق ماللارنى توشۇيدىغان بىر پويىز تايلاند لويۇڭفۇدىن يولغا چىقىپ، جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى ئارقىلىق موخەن پورتىدىن يۈننەنگە كىرىپ، يول بويى شىمالغا قاراپ سىچۈەن چېڭدۇغا بېرىپ، جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزىغا ئالمىشىپ، ئەڭ ئاخىرىدا ۋېنگىرىيە پايتەختى بۇداپېشتقا يېتىپ كەلدى. بۇ «لەنساڭجياڭ-مېيگۇڭ-چېڭدۇ-ياۋروپا تېز لىنىيەسى» ئېچىلغاندىن كېيىنكى تۇنجى «جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى + جۇڭگو-ياۋروپا نۆۋەتچى پويىزى» ئەندىزىسى ئارقىلىق چېگرادىن ئۆتىدىغان يۈك پويىزى، شۇنداقلا يۈننەننىڭ يول ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش، ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى قۇرۇشتىكى مۇھىم ئىزدىنىشى.

  يۈننەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى بويىدىكى مۇھىم ئەشيا ئوبوروت تۈگۈنى ۋە تۈگۈن تورىنى ئورۇنلاشتۇرۇش قۇرۇلۇشىنى سىجىل كۈچەيتىپ، رايون خاراكتېرلىك خەلقئارا يۈك تىرانسپورت نۆۋەتچى پويىزى يىغىلىش مەركىزىنى كۈچەپ بەرپا قىلدى. كۇنمىڭ شەھىرى قۇرۇقلۇق پورتى تىپى، ھاۋا پورتى تىپى ۋە سودا مۇلازىمەت تىپىدىن ئىبارەت ئۈچ يول يادرولۇق تۈگۈنىنى قۇرماقتا، پۇئېر شەھىرى ناھىيە تەۋەسىدىكى يۇقىرى سۈرئەتلىك تاشيوللارنى تولۇق تۇتاشتۇرۇش، ئۆزئارا تۇتاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتماقتا...

  مەۋقەنى رايون ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، ئەمەلىي پىلانلاپ، يۈننەن جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى بويىدىكى كەسىپلەرنى ئېچىش ۋە تىجارەت سۇبيېكتلىرىنى يېتىشتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مۇھىم نۇقتا قىلىپ، كەسىپ قۇرۇلمىسىنى سىجىل ئەلالاشتۇرۇپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى.

  دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرىنى ئىنچىكە پىششىقلاش، يېمەكلىك، يېنىك سانائەت، مۇھىت ئاسراش قۇرۇلۇش ماتېرىياللىرى قاتارلىقلار نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇلىدىغان كەسىپلەرگە ئايلانماقتا. كۇنمىڭ شەھىرى «ئەشيا ئوبوروتى + ئېگىزلىك خاس يېزا ئىگىلىك قوشۇمچە مەھسۇلاتلىرى + رەقەملىك يېڭى ئېگىزلىك» كەسپىنى بەرپا قىلدى، يۈشى شەھىرى يېشىل پولات-تۆمۈر، بىيو تېببىي دورىگەرلىك، يېشىل يېمەكلىك تەرەققىياتىنى ئالغا سىلجىتىش قاتارلىق خىزمەتلەرنى ئىلگىرى سۈرۈش مەخسۇس بەنزىسى قۇردى، پۇئېر شەھىرى نىڭئېر خانىزۇ-يىزۇ ئاپتونوم ناھىيەسى پويىز ئىستانسىسى سوغۇق زەنجىرسىمان ئەشيا ئوبوروت باغچىسى قاتارلىق دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق مەھسۇلاتلىرى كەسپىنى تەرەققىي قىلدۇردى، شىشۇاڭبەننا دەيزۇ ئاپتونوم ئوبلاستى مەدەنىيەت-ساياھەت-ساغلاملىق-كۈتۈنۈش، تەبىئىي كاۋچۇك كەسپى ۋە پورت ئىقتىسادى قاتارلىقلارنى نۇقتىلىق يېتىشتۈردى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، يۈننەننىڭ جۇڭگو-لائوس تۆمۈر يولى بويىدىكى تۆت ئوبلاست (شەھەر) جەمئىي 350 تۈردە كېلىشىم ئىمزالىدى، 38 قېتىم سودا يەرمەنكىسى ئۆتكۈزدى، كېلىشىم سوممىسى 100 مىليارد يۈەنگە يېقىنلاشتى.

  يۈننەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات-ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: جۇڭگو-لائوس تۆمۈريولى لىنىيە بويىدىكى مول دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق قاتارلىق بايلىق ئەۋزەللىكىنى ئىقتىسادىي ئەۋزەللىككە ئايلاندۇرۇپ، لىنىيە بويىدىكى كەسىپلەرنىڭ تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولدى.

  2022-يىل 5-ئايدا، يۈننەن شىشۇاڭبەننا ئوبلاستىغا قاراشلىق موخەن بازىرىنىڭ ئومۇمىي گەۋدىسىنى كۇنمىڭ شەھىرىنىڭ ۋاكالىتەن باشقۇرۇشىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. موخەن بازىرى خەلقئارا سودا، پىششىقلاپ ئىشلەش، ياساش، زامانىۋى ئەشيا ئوبوروتىنى نۇقتىلىق تەرەققىي قىلدۇرۇپ، خەلقئارا پۇل مۇئامىلە، خەلقئارا ساياھەت ۋە مائارىپ، داۋالاش قاتارلىق كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرىدۇ. بۇلتۇر موخەن بازىرىنىڭ تاشقى سودا ئىمپورت-ئېكسپورت ئومۇمىي سوممىسى بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن بىر ھەسسىگە يېقىن ئاشتى. بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، موخەن بازىرىنىڭ ئىمپورت-ئېكسپورت مال سودا ئومۇمىي سوممىسى 23 مىليارد 413 مىليون يۈەن بولۇپ، %3.5 ئاشتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ