مۇھىم خەۋەرلەر

ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، جۇڭگو -ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرىمىز

2023.09.21 23:50 مەنبە: خەلق تورى

  9 - ئاينىڭ 12 - كۈنى، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ ئامېرىكا -جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى گېرىن ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى مو يې، مەكماللىنغا جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، «يېڭى دەۋردىكى جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتى يېڭى دەۋردىكى ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى ئەزالارنىڭ قاتنىشىشى ۋە قوللىشىغا موھتاج، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنىڭ ئىككى دۆلەت خەلقلىرى ئارىسىدا ئەۋلادمۇئەۋلاد داۋاملىشىشىنى ئۈمىد قىلىمەن» دەپ تەكىتلىدى.

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور»، «دوستلۇق، ھۆرمەت، چۈشىنىش ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ئىنتايىن مۇھىم»، «بىزنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى»... ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋە ئامېرىكىلىق ئالىملار مۇنداق بىلدۈردى: ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا ۋارىسلىق قىلىپ، ئامېرىكا - جۇڭگو خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىگە نىسبەتەن ئىنتايىن مۇھىم، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ئۇچار يولۋاس ئەترىتىگە ئوخشاش تېخىمۇ كۆپ ھەمكارلىق ھېكايىلىرىنى يېزىپ، ئالدىنقىلار ئورناتقان دوستلۇق ئاساسىدا داۋاملىق ئالغا ئىلگىرىلەيمىز.

  «ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى».

  ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى 1998 - يىلى قۇرۇلغان بولۇپ، جۇڭگو - ئامېرىكا ئاۋىياتسىيە تارىخىي ۋەقەلىرىنى تەتقىق قىلىش ۋە خاتىرىلەشنى ئىلگىرى سۈرۈشنى مەقسەت قىلغان ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇق تەشكىلاتى. يېقىندا، فوندى جەمئىيەتنىڭ رەئىسى گېرىن بىلەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى مو يې، مەكماللىن رەئىس شى جىنپىڭغا بىرلىكتە خەت يېزىپ، فوندى جەمئىيەت ۋە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەرنىڭ جۇڭگو بىلەن ئامېرىكىنىڭ دوستانە ئالاقىسىنى قوللىغانلىقى ۋە ئۇنىڭغا تۈرتكە بولغانلىقىغا دائىر ئەھۋاللارنى تونۇشتۇرۇپ، جۇڭگو ـ ئامېرىكا ھەمكارلىقىنىڭ قىممەتلىك مەنىۋى بايلىقىغا ۋارىسلىق قىلىدىغانلىقى ۋە ئۇنى ئەۋج ئالدۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

  «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنىڭ ئەھمىيىتى مۇھىم، زور، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىگە كۆڭۈل بۆلگەنلىكىگە رەھمەت. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوند جەمئىيىتىنىڭ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشقا قوشقان تۆھپىسىنى مۇئەييەنلەشتۈرۈشى بىزگە زور ئىلھام بولدى» دېدى گېرىن.

  ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ پېشقەدەم ئەسكەرلىرى مو يې بىلەن مەكماللىن 100 ياشلارغا كىرىپ قالغان بولسىمۇ، يەنىلا جۇڭگو - ئامېرىكا خەلق ئىچى دوستلۇقىنى ئىلگىرى سۈرۈشكە تىرىشىۋاتىدۇ. بۇ يىل كۈز ۋە قىشتا، ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوند جەمئىيىتى، جۇڭگو خەلق تاشقى دوستلۇق جەمئىيىتى ۋە جۇڭگودىكى نۇرغۇن ئۆلكە، شەھەرلەر بىرلىكتە «قەھرىمانلارنى ئەستە ساقلاش ___ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ۋە 14 - ئاۋىياتسىيە ئەترىتىنىڭ جۇڭگوغا ياردەم بەرگەنلىكىنىڭ 80 يىللىقىنى خاتىرىلەش سۈرەت كۆرگەزمىسى»نى ئۆتكۈزىدۇ، مو يې بىلەن مەكماللىن يەنە بىر قېتىم جۇڭگوغا كېلىدۇ.مويې رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىنى تاپشۇرۇۋالغاندىن كېيىن مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھى ئامېرىكا - جۇڭگوغا نۇرغۇن پايدىلىق ئىلھاملارنى ئېلىپ كەلدى. ئىلگىرى ئامېرىكا - جۇڭگو ئارمىيە خەلقى پىداكارلىق بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتقان. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ دوستانە ھەمكارلىقى ئىككى دۆلەت خەلقىگە بەخت يارىتىدۇ. نۆۋەتتە ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ ئورتاق كەلگۈسىمىزگە چوڭقۇر تەسىر كۆرسىتىدۇ».

  مەكماللىن مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى قەدىرلەيدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھى ئامېرىكا - جۇڭگو دوستلۇقى ۋە ھەمكارلىقىنىڭ سىمۋولى، ئىككى دۆلەت ياشلىرىنىڭ ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىغا داۋاملىق ۋارىسلىق قىلىشى ۋە ئۇنى جارى قىلدۇرۇشىنى ئۈمىد قىلىمەن، ئامېرىكا - جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا تىلەكداشلىق بىلدۈرىمەن».

  «ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ھەم چوقۇم ھەمكارلىشىشى كېرەك».

  1941 - يىلى، ئامېرىكا گېنېرالى چېنناد «جۇڭگو ھاۋا ئارمىيەسى ئامېرىكا جۇڭگوغا ياردەم بېرىش پىدائىيلار ئاۋىياتسىيە ئەترىتى» (ئۇچار يولۋاس ئەترىتى)نى تەشكىللەپ، جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا تاقابىل تۇرغان. ئۇچار يولۋاس ئەترىتى ياپونىيەنىڭ 2600دىن ئارتۇق ھەربىي ئايروپىلانىنى ئېتىپ چۈشۈرگەن، 44 پاراخوتنى چۆكتۈرۈۋەتكەن ۋە يارىلاندۇرغان، ياپونىيە ئارمىيەسىنىڭ 60مىڭدىن ئارتۇق ئەسكىرىنى ئېتىپ ئۆلتۈرگەن. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ جەڭ قىلىپ، جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتى تارىخىدا قىممەتلىك سەھىپىلەرنى پۈتكەن.

  رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت خەلقى ياپون فاشىستلىرىغا قارشى تۇرۇش ۋە زەربە بېرىش كۈرىشىدە دۈشمەنگە قارشى بىر سەپتە تۇرۇپ، قانلىق كۈرەش سىناقلىرىغا بەرداشلىق بېرىپ، چوڭقۇر دوستلۇق ئورناتتى. كەلگۈسىگە نەزەر سالساق، جۇڭگو بىلەن ئامېرىكا ئىككى چوڭ دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، مۇقىملىقى ۋە تەرەققىياتىدا تېخىمۇ مۇھىم مەسئۇلىيەتنى ئۈستىگە ئالغان، شۇنداقلا يەنە ئۆزئارا ھۆرمەت قىلىش، تىنچ بىللە تۇرۇش، ھەمكارلىشىپ تەڭ نەپ ئېلىشنى جەزمەن ئىشقا ئاشۇرۇشى كېرەك.

  «ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھى زامان ھالقىغان بولۇپ، دوستلۇق ۋە ھەمكارلىقنىڭ سىمۋولى، ئۇ ئامېرىكا - جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ ئورتاق مەنىۋى مىراسى» دېدى گېرىن.

  ئامېرىكا - جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى ھازىرغىچە ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى 500گە يېقىن پېشقەدەم ئەسكەر ۋە نەچچە يۈز پېشقەدەم ئەسكەرنىڭ ئائىلە تەۋەلىرىنى باشلاپ جۇڭگوغا زىيارەتكە كەلدى، ئۇلار جۇڭگونىڭ 12 ئۆلكىدىكى 25 شەھەرگە بېرىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ قىزغىن قارشى ئېلىشىغا ئېرىشتى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتىدىكى پېشقەدەم ئەسكەرلەر جۇڭگونىڭ تەرەققىيات ئۆزگىرىشلىرىدىن ھەيران بولۇپ، جۇڭگونىڭ قولغا كەلتۈرگەن غايەت زور نەتىجىلىرىدىن خۇشال بولدى.«ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو ھەمكارلاشسا بولىدۇ، ھەم چوقۇم ھەمكارلىشىشى كېرەك، بۇ بىزنىڭ قەتئىي ئېتىقادىمىز. بىز بىر قاتار پائالىيەتلەرنى ئۆتكۈزۈش ئارقىلىق ئامېرىكا - جۇڭگو ياشلىرى ئارىسىدا دوستلۇق ۋە ھەمكارلىق ئىدىيەسىنى تارقىتىشنى ئۈمىد قىلىمىز. بىز نۇرغۇن ئامېرىكىلىقلارغا جۇڭگونىڭ تەسەۋۋۇرىدىكىگە ئوخشىمايدىغانلىقىنى، دوستلۇق، ھۆرمەتلەش، چۈشىنىشنىڭ ئىككى دۆلەت ئۈچۈن ناھايىتى مۇھىم ئىكەنلىكىنى ئېيتىمىز» دېدى. گېرىن.ئامېرىكا يېڭى مېكسىكا ئىشىتاتى تارىخشۇناسلىق پىروفېسسورى كېنىنېس خامموند مۇخبىرلارغا مۇنداق دېدى: «رەئىس شى جىنپىڭ يېقىندىن بۇيان ئامېرىكىلىق دوستلارغا كۆپ قېتىم جاۋاب خەت قايتۇرۇپ، كىشىلەرگە ئامېرىكا - جۇڭگو ھەمكارلىقىنىڭ ئۇزاق تارىخقا ئىگە ئىكەنلىكى، خەلق ئوتتۇرىسىدا چوڭقۇر دوستلۇقنىڭ بارلىقىنى ئەسكەرتتى. نۆۋەتتە، ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ 80 نەچچە يىل ئىلگىرى ئورناتقان دوستلۇقىنى قايتا ئەسلەش ئىككى دۆلەت مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىياتىغا ناھايىتى زور ئىلھام بولدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتى بىزنى تېخىمۇ پارلاق كەلگۈسىگە قاراپ ئىلگىرىلەشكە ئىلھاملاندۇردى. ئامېرىكا بىلەن جۇڭگو نۇرغۇن ئورتاق خىرىسقا دۇچ كەلمەكتە، مەسىلىلەرنى ھەمكارلىشىپ ھەل قىلىشى كېرەك».«ئىككى دۆلەتنىڭ خەلق ئىچى دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتىدۇ».

  رەئىس شى جىنپىڭ جاۋاب خېتىدە جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ ئۈمىدى خەلقتە، ئاساسى خەلق ئارىسىدا، كەلگۈسى ياشلاردا، دەپ كۆرسەتتى. گېرىن بۇنى ئېتىراپ قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈپ مۇنداق دېدى: 80 نەچچە يىل ئىلگىرى، نۇرغۇن ئامېرىكىلىق ياشلار ئۇچار يولۋاس ئەترىتىگە قاتنىشىپ، جۇڭگو خەلقى بىلەن مۈرىنى مۈرىگە تىرەپ كۈرەش قىلىپ، ياپون فاشىستلىرىنىڭ تاجاۋۇزچىلىقىغا ئورتاق تاقابىل تۇرغان، بۇ تارىخ ئامېرىكا - جۇڭگو ھەمكارلىقى ۋە دوستلۇقىنىڭ كۈچىنى نامايان قىلىدۇ. ھازىر گەرچە ھايات قالغان پېشقەدەم بىر ئەۋلاد ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ئەزالىرى بارغانسېرى ئازلاپ كەتكەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇچار يولۋاس ئەترىتىنىڭ ھېكايىسىنى ئاڭلاپ چوڭ بولغان ياش ئەۋلادلار ئامېرىكا بىلەن جۇڭگونىڭ ياخشى، مۇستەھكەم ھەمكارلىق مۇناسىۋىتى ئورنىتىشنىڭ مۇھىملىقىنى چۈشىنىدۇ.

  ئامېرىكا-جۇڭگو ئاۋىياتسىيە مىراسلىرى فوندى جەمئىيىتى دوستلۇق مەكتىپى تۈرىنىڭ مۇدىرى، ئۇچار يولۋاس ئەترىتى پېشقەدەم ئەسكىرىنىڭ ئەۋلادى مارگارىت كىنكانۇن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «رەئىس شى جىنپىڭنىڭ جاۋاب خېتىدىكى كىشىنى ئىلھاملاندۇرىدىغان سۆزلەر بىزنى ئامېرىكا-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقلىرى 80 نەچچە يىل ئىلگىرى شەكىللەندۈرگەن ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنىڭ بۈگۈنكى كۈندىمۇ يەنىلا ئىككى دۆلەتنىڭ ئەلئارا دوستلۇقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا ئىجابىي تەسىر كۆرسىتەلەيدىغانلىقىغا ئىشەندۈردى. ئۇچار يولۋاس ئەترىتى روھىنى جارى قىلدۇرۇش تىرىشچانلىقىغا قاتناشقانلىقىمدىن ئىنتايىن خۇشالمەن.

  ئامېرىكا كۇئېن فوندى جەمئىيىتىنىڭ رەئىسى روبېرت لاۋرېنس كۇئېن مۇنۇلارنى بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ ئامېرىكىدىكى دوستانە زاتلارغا جاۋاب خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ ئامېرىكا-جۇڭگو ئەلئارا دوستلۇقىغا ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. بۇ جاۋاب خەت ئامېرىكا-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈشتە مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ