مۇخبىرنىڭ شىمالىي ۋەيتەن خەلقئارا سۇ تىرانسپورتى مۇنبىرى ئاخبارات ئېلان قىلىش يىغىنىدىن ئىگىلىشىچە: نۆۋەتتە، دۆلىتىمىز 100 نەچچە دۆلەت ۋە رايون بىلەن ھاۋا يولى ئالاقىسى ئورناتقان، مۇلازىمەت تورى ئۈزلۈكسىز مۇكەممەللەشكەن، سۇ تىرانسپورتىنىڭ تۇتىشىش دەرىجىسى دۇنيا بويىچە ئالدىنقى ئورۇندا تۇرغان. دۆلىتىمىز كېمە خوجايىنلىرى ئىگە بولغان كېمە ئەترىتىنىڭ كۆلىمى 249 مىليون 200 مىليون توننىغا يېتىپ، ئومۇمىي تونناژدا دۇنيا بويىچە ئەڭ چوڭ كېمە خوجايىنى دۆلىتىگە ئايلانغان.
ئۇنىۋېرسال قاتناش تىرانسپورت سىستېمىسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇش سۈپىتى بىلەن سۇ تىرانسپورت كەسپى ئىقتىساد، جەمئىيەت تەرەققىياتى ۋە دۆلەتنىڭ مۇھىم ئىستراتېگىيەسىگە مۇلازىمەت قىلىپ، جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئەمەلگە ئاشۇرۇشقا ياردەم بېرىدىغان مۇھىم تىرەك. نۆۋەتتە، مەملىكەت بويىچە سۇ يولى يۈك تىرانسپورت مىقدارى، يۈك ئوبوروت مىقدارىنىڭ ئۇنىۋېرسال قاتناش - تىرانسپورت سىستېمىسىدا ئىگىلىگەن نىسبىتى ئايرىم -ئايرىم ھالدا ٪16.9 ۋە ٪53.5كە يەتكەن. سۇ تىرانسپورتى دۆلىتىمىزنىڭ تاشقى سودا تىرانسپورت مىقدارىنىڭ تەخمىنەن ٪95نى ئۈستىگە ئېلىپ، ئاشلىق، ئېنېرگىيە بايلىقى قاتارلىق نۇقتىلىق ماددىي ئەشيا تىرانسپورتى ۋە خەلقئارا ۋە دۆلەت ئىچى ئەشيا ئوبوروتى تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ بىخەتەر، مۇقىم، راۋان بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىشتا مۇھىم رولىنى جارى قىلدۇرغان.
پورتنىڭ يۈك توشۇش مىقدارىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىز پورتلىرىنىڭ مال كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى ۋە يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى ئۇدا نەچچە يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، دۇنيا بويىچە يۈك ۋە يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش - چىقىش مىقدارى جەھەتتە ئالدىنقى ئون ئورۇندا تۇرىدىغان پورتلار ئىچىدە، دۆلىتىمىز ئايرىم -ئايرىم ھالدا 8 - ۋە 7 – ئورۇندا تۇرغان. 2022 - يىلى مەملىكەت بويىچە پورتلارنىڭ مال كىرگۈزۈش -چىقىرىش مىقدارى 15 مىليارد 685 مىليون توننىغا، يۈك ساندۇقى كىرگۈزۈش - چىقىرىش مىقدارى 296 مىليون ئۆلچەملىك ساندۇققا يەتكەن.ئىچكى دەريالاردىكى يۈك توشۇش مىقدارىدىن قارىغاندا، دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى دەريالاردىكى يۈك تىرانسپورت مىقدارى ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، ئىچكى دەريالاردا قاتناش مۇساپىسى دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان، چاڭجياڭ دەرياسى غول لىنىيەسى ئۇدا كۆپ يىل دۇنيا بويىچە ئىچكى دەريا تىرانسپورتىدىكى ئەڭ ئالدىراش، توشۇش مىقدارى ئەڭ كۆپ ئالتۇن سۇ يولىغا ئايلانغان. 2022 - يىلى دۆلىتىمىزنىڭ ئىچكى دەريا تىرانسپورتىدىكى يۈك توشۇش مىقدارى 4 مىليارد 402 مىليون توننىغا، يۈك ئوبوروت مىقدارى 1 تىرىليون 900 مىليارد توننا كىلومېتىرغا يېتىپ، رايون ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىياتىغا تىرەك بولۇش، مۇلازىمەت قىلىش ۋە كاپالەتلىك قىلىش ئىقتىدارى كۆرۈنەرلىك ئاشقان.
ئەقلىي ئىقتىدارلىق تەرەققىيات جەھەتتە، دۆلىتىمىز ئاپتوماتلاشقان يۈك ساندۇقى پىرىستانىدىن 16نى قۇرغان، 10 نەچچىسى قۇرۇلۇۋاتقان، قۇرۇلغان ۋە قۇرۇلۇۋاتقان كۆلەم جەھەتتە دۇنيا بويىچە بىرىنچى ئورۇندا تۇرغان. نۆۋەتتە مەملىكەت بويىچە ئېلېكتىرونلۇق سۇ يولى خەرىتىسى ئېلان قىلىنغان مۇساپە 5700 كىلومېتىردىن ئاشقان، چاڭجياڭ دەرياسى سۇ سىستېمىسىنىڭ ئېلېكتىرونلۇق سۇ يولى خەرىتىسىدىكى غول ۋە تارماق لىنىيەنى تۇتاشتۇرۇش سىجىل ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، سۇ يولىنىڭ يۈرۈشىنى كۆزىتىش، پەلەمپەيسىمان لوكنى بىرلىكتە تەڭشەش، مۇلازىمەت رايونىنىڭ ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش قاتارلىق رەقەملەشتۈرۈپ، ئەقلىي ئىقتىدارلىق تىپ ئۆزگەرتىپ تەرەققىي قىلدۇرۇش تېزلىتىلگەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ