دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى: ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدىكى سۈرئەت تېزلىتىش ۋاسىتىسى ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرالمايدۇ.
بەزى ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىلىرى ئابۇنىچىلار سۈرئەت تېزلىتىش ۋاسىتىسى ئارقىلىق ئالدىن بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، دەپ جاكارلىغان، دۆلەت تۆمۈريول گۇرۇھى يولۇچى تىرانسپورت بۆلۈمىنىڭ مەسئۇلى 20-چېسلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ھەرقانداق ئابۇنىچىنىڭ ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىش ھوقۇقى بولمايدۇ، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىدىن سېتىۋالغان ھەرقانداق باھادىكى سۈرئەت تېزلىتىش ۋاسىتىسىدىن ئالدىن بېلەت سېتىۋېلىشنى ئىشقا ئاشۇرغىلى بولمايدۇ.
بۇ مەسئۇل خادىم مۇنۇلارنى بىلدۈردى: تۆمۈر يول تارماقلىرى ئىزچىل ئادىل، ھەققانىي بولۇش پىرىنسىپىدا چىڭ تۇرۇپ، تېخنىكىلىق ۋاسىتە قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ، يولۇچىلارنىڭ قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى ۋە نورمال بېلەت سېتىش تەرتىپىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قوغداپ، تۆمۈر يول 12306 سىستېمىسىنى ھەر ۋاقىت كۆزىتىش ۋە چوڭ سانلىق مەلۇماتلارنى تەھلىل قىلىش ئارقىلىق، بېلەت سېتىۋېلىشتا نورمالسىز بولغان خېرىدارلارنى بايقىغان ھامان، ئۇلارغا قارىتا چەكلەش تەدبىرى قوللىنىدۇ. بەزىلەر بېلەت قايتۇرۇش قاتارلىق سەۋەبلەر تۈپەيلىدىن يېڭى بېلەت سوممىسى پەيدا بولغاندا، تۆمۈر يول 12306 سىستېمىسى ئالدى بىلەن كاندىدات بېلەت سېتىۋېلىش تالونىنى قاندۇرۇپ، يولۇچىلار تاپشۇرغان تالوننىڭ ئىلگىرى-كېيىنلىك تەرتىپى بويىچە نەقلەشتۈرىدۇ، ھېچقانداق قوشۇمچە ھەق ئېلىنمايدۇ.
تۆمۈر يول تارماقلىرى شۇنى ئەسكەرتىدۇكى، يولۇچىلار بېلەت سېتىۋېلىشنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولۇش نىسبىتىنى ئۆستۈرمەكچى بولسا، پويىز بېلىتىنىڭ باشلىنىش بېكىتىنىڭ سېتىلىش ۋاقتىنى ئالدىن سۈرۈشتۈرۈپ، بىرىنچى ۋاقىتتا بېلەت سېتىۋالسا بولىدۇ، ئەگەر سېتىۋالالمىسا، تولۇقلىما بېلەت سېتىۋېلىش تالونىنى ۋاقتىدا تاپشۇرۇشى كېرەك؛ چوقۇم تۆمۈر يول ھۆكۈمەت بېلەت سېتىش يولىدىن بېلەت سېتىۋېلىش، ئۈچىنچى تەرەپ سۇپىسىنىڭ تەشۋىقاتىغا ئىشەنمەسلىك، ئىقتىسادىي زىيان ۋە شەخسىي ئۇچۇر بىخەتەرلىكى خەۋپ-خەتىرىدىن ساقلىنىشى كېرەك.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ