دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى ماۋ نىڭ 20-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
يىغىندا، بىر مۇخبىر ئامېرىكىنىڭ سودا مىنىستىرى رايموندونىڭ خۇاۋېي يېڭى تېلېفونىدىن «خاتىرجەمسىزلىك» ھېس قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەنلىكى توغرىسىدا سوئال سورىدى.
ماۋ نىڭ مۇنداق دېدى: خۇاۋېي شىركىتىنىڭ يېڭى تىپتىكى تېلېفوننى قاچان بازارغا سېلىشنى تاللىشى كارخانىنىڭ ئۆزىنىڭ قارارى، مەن چۈشەنمەيمەن. ئامېرىكا سودا مىنىستىرىنىڭ ئالاقىدار پوزىتسىيەسى توغرىسىدا سىزگە شۇنى ئېيتىپ قويايكى، بىز ئامېرىكىنىڭ دۆلەت بىخەتەرلىكى ئۇقۇمىنى ئومۇملاشتۇرۇپ، جۇڭگو كارخانىلىرىنى بېسىشىغا ئىزچىل قارشى تۇرىمىز. بۇ خىل كەمسىتىش ۋە ئادىل بولمىغان ئۇسۇل ئەركىن سودا پىرىنسىپى ۋە خەلقئارا ئىقتىساد-سودا قائىدىسىگە بۇزغۇنچىلىق قىلىدۇ، شۇنداقلا پۈتۈن دۇنيانىڭ ئىشلەپچىقىرىش-تەمىنلەش زەنجىرىنىڭ مۇقىملىقىنى قالايمىقانلاشتۇرىدۇ، ھەرقانداق بىر تەرەپنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلمەيدۇ.
بىز يەنە ئامېرىكىغا شۇنى دېمەكچىمىزكى، چەكلەش، بېسىم ئىشلىتىش جۇڭگونىڭ تەرەققىياتىنى توسۇپ قالالمايدۇ، پەقەت جۇڭگونىڭ مۇستەقىل، ئۆزىنى قۇدرەت تاپقۇزۇش، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش ئىرادىسى ۋە ئىقتىدارىنى كۈچەيتىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ