مۇھىم خەۋەرلەر

ئۈچ تارماق خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى

2023.09.21 15:11 مەنبە: خەلق تورى

  يېقىندا، دۆلەت رېۋىزىيە كومىتېتى بەنگۇڭتىڭى، ئالىي خەلق تەپتىش مەھكىمىسى بەنگۇڭتىڭى، ج خ مىنىستىرلىقى بەنگۇڭتىڭى بىرلىشىپ «خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى دېلولىرىنى بېجىرىش جەريانىدا پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى پىكىر» (تۆۋەندە «پىكىر» دېيىلىدۇ) نى بېسىپ تارقاتتى، دېلو بېجىرىش سالمىقىنى يەنىمۇ ئاشۇرۇپ، پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەشنى ئومۇميۈزلۈك ئىلگىرى سۈرۈپ، دۆلەت خەۋپسىزلىكى، جەمئىيەت خەۋپسىزلىكى ۋە خەلق ئاممىسىنىڭ جانىجان مەنپەئەتىنى تېخىمۇ ياخشى قوغداش ئۈچۈن، رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، ج خ ئورگانلىرىنىڭ خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنى بېجىرىشتە پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش بويىچە ھەمكارلىشىش ۋە ماسلىشىش خىزمىتىنى ھەقىقىي كۈچەيتىشىگە ئېنىق تەلەپ قويۇلدى.

  «پىكىر»دە ھەمكارلىشىش، ماسلىشىش مېخانىزمى قۇرۇلۇشىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تارماق قاتناشقان، مەسئۇلىيىتى ئېنىق، ماسلىشىشى كۈچلۈك، ئايلىنىشى يۇقىرى ئۈنۈملۈك بولغان خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى ساھەسىدىكى پۇل يۇيۇش جىنايىتىگە زەربە بېرىش ۋە ئۇنى تۈزەش ھەمكارلىق مېخانىزمىنى ئورنىتىپ، خىزمەتتە بىرىكمە كۈچ شەكىللەندۈرۈپ، ئالاقىدار دېلولارنى بېجىرىشنىڭ ئومۇمىي تەلىپى، مەسئۇلىيەت ئىش تەقسىماتى، خىزمەت مېخانىزمى، تەشكىلىي رەھبەرلىك قاتارلىق مەسىلىلەر ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.

  «پىكىر»دە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ھەر دەرىجىلىك رېۋىزىيە ئورگانلىرى، تەپتىش ئورگانلىرى، ج خ ئورگانلىرى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىدىكى پۇل يۇيۇشقا قارشى تۇرۇش خىزمىتىنى دۆلەت خەۋپسىزلىكىنى قوغداش ئومۇمىيىتىگە قويۇپ بىرتۇتاش پىلانلاپ ئىگىلەپ، يېڭى خەۋپسىزلىك ئەندىزىسى ئارقىلىق يېڭى تەرەققىيات ئەندىزىسىگە كاپالەتلىك قىلىشى كېرەك. ھەم يۇقىرى ئېقىندىكى خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنى ئۈنۈملۈك تەكشۈرۈش، ھەم پۇل يۇيۇش جىنايىتىنى بېجىرىشكە ئەھمىيەت بېرىپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتى بىلەن پۇل يۇيۇش جىنايىتىدىن ئىبارەت «بىر دېلونى قوش تەكشۈرۈش» مېخانىزمىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، خىيانەتچىلىك، پارىخورلۇق جىنايىتىنىڭ جىنايەت تاپاۋىتى ۋە پايدىسىنىڭ نەگە كەتكەنلىكى ۋە يۆتكىلىش جەريانىنى ماس قەدەمدە تەكشۈرۈش كېرەك.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ