يەنە بىر تۈركۈم 109 نەپەر بېرمىنىڭ شىمالىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى مەركەزلىك ھالدا بىز تەرەپكە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى.
بېرمىنىڭ شىمالىدىكى تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتى كۆپ يۈز بېرىش ۋەزىيىتىنى قەتئىي توسۇش ئۈچۈن، ج خ مىنىستىرلىقى يۈننەن ج خ ئورگانلىرىنى چېگرا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىشكە ئورۇنلاشتۇردى، كۆپ قېتىم زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى داۋاملىق قانات يايدۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 1482 نەپەر ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جىنايەت گۇماندارىنى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەردى. 9-ئاينىڭ 16-كۈنى، زەربە بېرىش ھەرىكىتىدىن يەنە خۇش خەۋەر كەلدى، يۈننەن پۇئېر ج خ ئورگىنى چېگرا ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى داۋاملىق قانات يايدۇردى، يەنە 109 نەپەر تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت گۇماندارى ۋە بىر تۈركۈم دېلو سادىر قىلىش قورالى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا قېچىپ يۈرگەن 11 كىشى بار بولۇپ، داۋاملىق زەربە بېرىش ۋەزىيىتى شەكىللەندى.
يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، ئېلىمىز ج خ ئورگانلىرىنىڭ زەربە بېرىش سالمىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز زورىيىشى ۋە خەلقئارا قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىنىڭ ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلىشىشىغا ئەگىشىپ، ئىلگىرى شەرقىي جەنۇبىي ئاسىيا دۆلەتلىرىگە يوشۇرۇنغان تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايەت شايكىلىرى تەدرىجىي بېرمىنىڭ شىمالىدىكى رايونلارغا يۆتكىلىپ، ئاساسلىقى ئېلىمىزنىڭ يۈننەن ئۆلكىسى شىشۇاڭبەننا، پۇئېر، لىنساڭ، دېخۇڭ قاتارلىق جايلار بىلەن قوشنا بولغان بېرما تەرەپكە ئورۇنلاشتى. ج خ مىنىستىرلىقى بۇنىڭغا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، يۈننەن قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنى تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم چىقىرىشنى كۈچەيتىشكە تەشكىللەپ، قانۇن يۈرگۈزۈش ئۇسۇلىدا يېڭىلىق يارىتىپ، ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ خىل تەدبىرلەرنى ئۇنىۋېرسال قوللىنىپ زەربە بېرىش خىزمىتىنى ئىلگىرى سۈردى. ھەرىكەت قانات يايدۇرۇلغاندىن بۇيان، شىشۇاڭبەننا، پۇئېر قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ بوشاشماي تىرىشچانلىق كۆرسىتىشى ئارقىسىدا، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق 1482 نەپەر جىنايەت گۇماندارى بىزگە ئۆتكۈزۈپ بېرىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە توردا قېچىپ يۈرگەن 58 كىشى بار بولۇپ، چېگرا سىرتىدىكى ئالدامچىلىققا چېتىشلىق جىنايەت ئۆتكۈزۈش بوشلۇقى زور دەرىجىدە كىچىكلىتىلدى. مۇشۇ ئاساستا، پۇئېر ج خ ئورگىنى بېرمىنىڭ ئالاقىدار يەرلىك قانۇن ئىجرا قىلىش تارماقلىرى بىلەن بولغان ساقچى ئىشلىرى ھەمكارلىقىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ھەرىكەتنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، جەڭ نەتىجىسىنى داۋاملىق مۇستەھكەملىدى ۋە كېڭەيتتى.
ھازىر ج خ مىنىستىرلىقى خېبېي، جياڭسۇ، جېجياڭ، خېنەن، گۇاڭدۇڭ، چۇڭچىڭ قاتارلىق جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرىنىڭ بىزگە ئۆتكۈزۈپ بەرگەن جىنايەت گۇماندارلىرىنى يۈننەندىن ئارقا-ئارقىدىن يالاپ ئېلىپ كېلىشكە ئورۇنلاشتۇرۇپ، دېلونى رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىش خىزمىتىنى پۈتۈن كۈچى بىلەن قانات يايدۇرۇپ، جىنايەت پاكىتلىرىنى تەلتۆكۈس تەكشۈرۈپ، يۇقىرى-تۆۋەن ئېقىندىكى جىنايەت زەنجىرىنى چوڭقۇر قېزىپ، شايكىلارغا زەربە بېرىش، تورنى بىتچىت قىلىش، يولنى ئۈزۈشتە چىڭ تۇرۇپ، ئالدامچىلىق قىلىش، چېگرادىن ئوغرىلىقچە ئۆتۈش قاتارلىق قانۇنغا خىلاپ جىنايەتلەرگە قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بېرىش بىلەن بىللە، چېگرا ئىچىدىكى باشقا شەكىلدىكى باغلىنىشلىق جىنايەتلەرنى چوڭقۇر قېزىپ، چېگرا ئىچىدىكى ھەمكارلىشىپ جىنايەت ئۆتكۈزگەنلەرگە قانۇن بويىچە ئېغىر زەربە بېرىپ، يۇقىرى بېسىملىق چۆچۈتۈش ھالىتىنى داۋاملىق شەكىللەندۈرۈش كېرەك.
ج خ مىنىستىرلىقىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە بېرمىنىڭ شىمالىدىكى ئېلىمىزگە چېتىشلىق تېلېگراف تور ئالدامچىلىقى جىنايىتىنىڭ كەسكىن، مۇرەككەپ ۋەزىيىتىگە قارىتا، ئالدىنقى باسقۇچلۇق زەربە بېرىش ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. ج خ مىنىستىرلىقى بىلەن يۈننەن ئۆلكىلىك ج خ نازارىتى ئالاقىدار يەرلىك ج خ ئورگانلىرىنى چېگرا ساقچى ئىشلىرى قانۇن ئىجرا قىلىش ھەمكارلىقىغا تايىنىشقا ئورۇنلاشتۇرۇپ، خىزمەت سالمىقىنى ئۈزلۈكسىز زورايتىپ، زەربە بېرىش ھەرىكىتىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈپ، ئالدامچىلىق ئۇۋىلىرىنى تازىلاپ، دېلوغا چېتىشلىق كىشىلەرنى تۇتۇپ، خەلق ئاممىسىنىڭ مال-مۈلۈك بىخەتەرلىكى ۋە قانۇنلۇق ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قەتئىي قوغدايدۇ.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ