غالجىر كېسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى يەنىمۇ ياخشى ئىشلەش ئۈچۈن، دۆلەت كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش-كونترول قىلىش ئىدارىسى، دۆلەت سەھىيە-ساغلاملىق كومىتېتى 9 - ئاينىڭ 16 - كۈنى «غالجىر كېسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش خىزمەت قائىدىسى (2023 - يىللىق نەشرى)» نى ئېلان قىلدى.
ئۇچرىشىش ئۇسۇلى ۋە ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىگە ئاساسەن غالجىر كېسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشى ئۈچ دەرىجىگە ئايرىلىدۇ.
ھايۋانلار بىلەن ئۇچرىشىش ياكى ئۇلارغا يەم بېرىش ۋە ياكى ھايۋانلارنىڭ تېرىسىنى يالاپ قويۇشى1-دەرىجىلىك ئاشكارىلىنىش بولىدۇ.
تېرە يېنىك چىشلەنگەن ياكى روشەن قان چىقمىغان، يېنىك تاتىلاپ زەخىملەندۈرۈرۈش، سۈرۈلۈپ زەخىملىنىش 2-دەرىجىلىك ئاشكارىلىنىش بولىدۇ.
بىر ياكى كۆپ جايدىكى ئۆتۈشمە خاراكتېرلىك تېرە چىشلەنگەن، تاتىلانغان، زەخىملەنگەن تېرە يالانغان، ئوچۇق يارا ئېغىزى، شىللىق پەردە شۆلگەي ياكى توقۇلمىلار بىلەن بۇلغانغان ياكى شەپەرەڭ بىلەن بىۋاسىتە ئۇچراشقان بولسا 3-دەرىجىلىك ئاشكارىلىنىش بولىدۇ.
غالجىر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش ئامبۇلاتورىيەسىدىكى تېببىي خادىملار ئاشكارىلىنىش دەرىجىسىگە ھۆكۈم قىلغاندىن كېيىن، ئاشكارىلانغۇچىغا غالجىر كېسىلىنىڭ زىيىنى ۋە قوللىنىشقا تېگىشلىك بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرلىرىنى ۋاقتىدا ئۇقتۇرۇشى كېرەك. ئەھۋالدىن خەۋەرلىنىپ قوشۇلغاندىن كېيىن، تېببىي خادىملار ئۇلارغا يارا ئېغىزىنى مۇناسىپ بىر تەرەپ قىلىش تەدبىرى قوللىنىدۇ.
قائىدىدە مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەرلىك سەھىيە، ساغلاملىق تارماقلىرى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تارماقلىرى تەۋەلىكىدىكى غالجىر كېسىلىنىڭ ئالدىنى ئېلىش، بىر تەرەپ قىلىش ئامبۇلاتورىيەلىرىنى مۇۋاپىق ئورۇنلاشتۇرۇشى كېرەك. غالجىر كېسىلىنىڭ ئاشكارىلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ۋە ئۇنى بىر تەرەپ قىلىش بىلەن شۇغۇللىنىدىغان تېببىي خادىملار ناھىيە دەرىجىلىك ۋە ئۇنىڭدىن يۇقىرى يەرلىك سەھىيە-ساغلاملىق تارماقلىرى، كېسەللىكلەرنى كونترول قىلىش تارماقلىرى تەشكىللىگەن كەسپىي جەھەتتىكى تەربىيەلەشكە قاتنىشىپ باھالاشتا لاياقەتلىك بولغاندىن كېيىن ئىش ئورنىغا چىقسا بولىدۇ.
مەنبە: خەلق تورى