مۇھىم خەۋەرلەر

سىنىپ مۇدىرى چۈشلۈك قاراپ بېرىش ۋاقتىدا ئوقۇغۇچىنى ئۇردى، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىنى تەكلىپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇلدى

2023.09.18 13:57 مەنبە: خەلق تورى

  يۈننەن سىفەن داشۆسى قارمىقىدىكى باشلانغۇچ مەكتەپ تور بېكىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، توردا تارقالغان «سىنىپ مۇدىرى چۈشلۈك قاراپ بېرىش ۋاقتىدا بىر ئوقۇغۇچىنى ئۇردى» دېگەن خەۋەرگە قارىتا، بۇ مەكتەپ ئەھۋال ئومۇمىي ئۇقتۇرۇشى ئېلان قىلغان، تولۇق تېكىستى تۆۋەندىكىچە:

  2023-يىل 6-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەكتىپىمىزنىڭ ئوقۇتقۇچىسى ۋاڭ ×× سىنىپنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىش تەرتىپىنى ساقلاۋاتقاندا، ئوقۇغۇچى ياڭ ×× باشقا ئوقۇغۇچىلارنىڭ چۈشلۈك دەم ئېلىشىغا كاشىلا قىلغانلىقى ئۈچۈن، ۋاڭ ×× كۆپ قېتىم تەنقىد قىلىپ توسقان بولسىمۇ ئۈنۈمى بولمىغاندىن كېيىن، ئوقۇتۇشتا ئىشلىتىلىدىغان سىزغۇچ بىلەن ئوقۇغۇچىنىڭ سول بىلىكى، جەينىكىگە ئۇرۇپ زەخىملەندۈرگەن. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، مەكتىپىمىز بۇ ئىشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، تېزدىن تەكشۈرۈش خىزمەت گۇرۇپپىسى قۇرۇپ، ئالاقىدار تارماقلارغا ماسلىشىپ تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىش خىزمىتىنى قانات يايدۇردى. 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، مەكتەپ ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسەن، ۋاڭ ×× نى تەكلىپ قىلىشنى ئەمەلدىن قالدۇرۇش قاتارلىق بىر تەرەپ قىلىش چارىسىنى چىقاردى.

  نۆۋەتتە، ئوقۇغۇچى ياڭ ××نىڭ ئاتا-ئانىسى ئوتتۇرىغا قويغان ئالاقىدار تەلەپلەرگە قارىتا، مەكتەپ ئالاقىدار تارماقلارغا پائال ماسلىشىپ، قانۇن-بەلگىلىمە بويىچە مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىۋاتىدۇ. بۇنىڭدىن كېيىن، مەكتەپ ئوقۇتقۇچىلىق ئەخلاقى، ئوقۇتقۇچىلىق ئىستىلى قۇرۇلۇشىنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، ئوقۇتقۇچىلارنىڭ كەسپىي ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، بۇ خىل قىلمىشلارنىڭ قايتا يۈز بېرىشىنى قەتئىي توسىدۇ. كەڭ ئاتا-ئانىلار ۋە ئوقۇتقۇچى-ئوقۇغۇچىلارنىڭ خىزمىتىمىزنى نازارەت قىلىشىنى سەمىمىي قارشى ئالىمىز.

  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ