مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكىنىڭ «تۆھپىكار» جاسۇسى جۇڭگودا قولغا چۈشتى!

2023.09.18 01:04 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 15-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: 2023-يىل 5-ئاينىڭ 15-كۈنى، جياڭسۇ ئۆلكىسى سۇجوۋ شەھەرلىك ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن لياڭ چېڭيۈنگە مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىپ، سىياسىي ھوقۇقىدىن ئۆمۈرۋايەت مەھرۇم قىلدى ھەم 500 مىڭ يۈەن شەخسىي مال-مۈلكىنى مۇسادىرە قىلىپ، ئۇنىڭ 30 نەچچە يىللىق ئامېرىكا جاسۇسىلىق ھاياتىنى ئاخىرلاشتۇردى. لياڭ چېڭيۈن 1945-يىلى جۇڭگو شياڭگاڭدا تۇغۇلغان، 1983-يىلى ئامېرىكىنىڭ ئوتتۇرا قىسمىدىكى مەلۇم شەھەردە ئاشخانا ئاچقان. 1986-يىلى ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى خادىملىرى لياڭ چېڭيۈن بىلەن كۆپ قېتىم سۆھبەتلىشىپ، ئۇنىڭغا كىنىشكىسىنى كۆرسىتىپ، سالاھىيىتىنى بىلدۈرۈپ، لياڭ چېڭيۈندىن ئۆزلىرى بىلەن ھەمكارلىشىشنى تەلەپ قىلغان.

  1989-يىلى، ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى لياڭ چېڭيۈن بىلەن رەسمىي «ھەمكارلىق كېلىشىمى» ئىمزالاپ، ئۇنى يىپ ئۇچى بىلەن تەمىنلىگۈچىلىككە قوبۇل قىلىپ، مەخپىي ئالاقىلىشىش ئۇسۇلىنى پۈتۈشكەن، ھەر ئايدا 1000 دوللار بېرىشكە ۋەدە بەرگەن ھەمدە نەتىجىسىگە قاراپ مۇكاپات تارقاتقان. شۇ يىلى لياڭ چېڭيۈن ئامېرىكا تەۋەلىكىگە ئۆتكەن.

  لياڭ چېڭيۈننىڭ ئامېرىكىدىكى ئىجتىمائىي ئوبرازىنى پەردازلاش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەرەپ قاتتىق باش قاتۇرۇپ، ئۇنىڭ ئوبرازىنى ئويدۇرۇپ چىقىرىپ، ئۇنىڭ ئەنگلىيەدە ئالىي مەكتەپتە ئوقۇش، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىدا ئەمەلدار بولۇش، ۋيېتنامغا بېرىپ ئۇرۇشقا قاتنىشىش قاتارلىق تەرجىمىھالىنى ئويدۇرۇپ چىقارغان، يەنە ئۇنىڭدىن تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئامېرىكىدىكى ئىشتاتلىق پارلامېنت ئەزالىرىغا پۇل ئىئانە قىلىپ قىممىتىنى ئۆستۈرۈشنى تەلەپ قىلغان.

  لياڭ چېڭيۈننىڭ جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرى ئارىسىدىكى تەسىر كۈچىنى ئاشۇرۇش ئۈچۈن ئامېرىكا مەبلەغ بىلەن تەمىنلەپ، ئۇنىڭ پۇل ئىئانە قىلىش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق نۇرغۇن جۇڭگو چياۋمىنلىرى ئىجتىمائىي تەشكىلاتلىرىنىڭ باشلىقى، پەخرىي باشلىقى، كېڭەش باشلىقى بولۇشىغا قوماندانلىق قىلغان.

  لياڭ چېڭيۈننىڭ جۇڭگودىكى داڭقىنى كېڭەيتىش ئۈچۈن، ئامېرىكا تەرەپ ئۇنىڭ جۇڭگوغا بېرىپ خەير-ساخاۋەت ئىشلىرىغا ئىئانە قىلىشىغا قوماندانلىق قىلىپ، ئامال قىلىپ «ۋەتەنپەرۋەر خەير-ساخاۋەتچى»دىن ئىبارەت «ساختا نىقاب» بەرپا قىلغان.

  مۇشۇنداق ساختا قىياپەتلەر ئارقىسىدا، لياڭ چېڭيۈن ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يول كۆرسىتىشى بىلەن دۆلىتىمىزگە قارىتا جاسۇسلۇق ئاخبارات پائالىيىتىنى ھەدەپ قانات يايدۇرغان:

  ___ يېقىنلىشىپ تىڭتىڭلىغان. لياڭ چېڭيۈن تاماق يېگەچ مۇڭدىشىش، بايراملاردا يوقلاش، چياۋمىنلار ئۆمىكى تەشكىللەش قاتارلىق شەكىللەر ئارقىلىق ئېلىمىزنىڭ ئامېرىكىدا تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرى ۋە خادىملىرىغا يېقىنلىشىپ، ئاخبارات تىڭ تىڭلاپ، ئامېرىكىدىكى جۇڭگولۇقلار، جۇڭگو چياۋمىنلىرىنى نازارەت قىلغان ھەمدە مەخسۇس يانفون ۋە ئېلېكتىرونلۇق پوچتا يوللانمىسى ئارقىلىق ھەر ۋاقىت ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىغا دوكلات قىلغان.

  ___ نازارەت قىلىپ مەخپىيەتلىك ئوغرىلىغان. لياڭ چېڭيۈن جۇڭگولۇق خادىملارنىڭ ئامېرىكىغا بېرىپ ھۆكۈمەت ئىشىنى قانات يايدۇرۇش ئەھۋالىدىن خەۋەر تاپقان ھامان ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىغا دوكلات قىلغان ھەمدە ئامېرىكا تەرەپنىڭ لايىھەسى بويىچە ئامېرىكىغا بارغان خادىملارنى جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى ئالدىن نازارەت قىلىش ئۈسكۈنىسى ئورنىتىپ قويغان ئاشخانا ياكى مېھمانسارايغا ئېلىپ بېرىپ، ئاخباراتنى ئالداپ قولغا چۈشۈرگەن، ھەتتا شەھۋانىي قىلتاق قۇرۇپ، دۆلىتىمىز خادىملىرىنى ئاغدۇرمىچىلىق قىلىشقا مەجبۇرلاشقا ئۇرۇنغان.

  ___ بېلىق تۇتۇپ قانۇن ئىجرا قىلغان. لياڭ چېڭيۈن يەنە ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ يەمچۈكى بولۇپ، بېلىق تۇتۇپ قانۇن ئىجرا قىلىشقا ياردەملەشكەن. ئامېرىكا تەرەپ لياڭ چېڭيۈندىن بەلگىلەنگەن ئورۇنغا بېرىپ نىشاندىكى كىشىلەر بىلەن كۆرۈشۈپ، قارشى تەرەپنى سەزگۈر نەرسىلەر سودىسى بىلەن شۇغۇللىنىشقا قىزىقتۇرۇپ، «دەلىل-ئىسپات» توپلاپ، ئاتالمىش «جۇڭگو جاسۇسلۇق دېلوسى»نى ئويدۇرۇپ چىقىشنى تەلەپ قىلغان.

  بىر نەچچە ئامېرىكىلىق جاسۇسنىڭ قوماندانلىقىدا، لياڭ چېڭيۈن ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى ئۈچۈن جۇڭگوغا ئالاقىدار نۇرغۇن ئاخباراتلارنى توپلىغان. ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى باش شتابىنىڭ مەسئۇلى ئۇنىڭغا «تۆھپە مېدالى» بەرگەن.

  2020-يىلى، پۈتۈن دۇنيادا يېڭى تىپتىكى تاجسىمان ۋىرۇسلۇق ئۆپكە ياللۇغى يۇقۇمى پارتلىدى، خەلقئارا نۆۋەتچى ئايروپىلانلار قاتناشتىن توختىدى. ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنى جۇڭگونىڭ ئاخباراتىغا ئېرىشىشكە ئالدىراپ، 75 ياشلىق لياڭ چېڭيۈننىڭ جۇڭگوغا يوشۇرۇن كىرىشىگە قوماندانلىق قىلغان ھەمدە ئۇنىڭ ئۈچۈن ئەتراپلىق چېگرادىن كىرىش ھەرىكەت لايىھەسىنى تۈزۈپ بەرگەن. 2020-يىلىنىڭ ئاخىرىدا، لياڭ چېڭيۈن نۇرغۇن كىملىك ھۆججەتلىرىنى ئىشلىتىپ، شياڭگاڭ ئارقىلىق ئىچكىرى ئۆلكىلەرگە كېلىپ، ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ كۆرسەتمىسى بويىچە تۈرلۈك ئىجتىمائىي پائالىيەتلەرگە كۆپ قېتىم قاتنىشىپ، ئېلىمىزدىكى ھەر ساھە زاتلىرى بىلەن كەڭ ئۇچرىشىپ ئاخبارات توپلىغان.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگانلىرى ئەتراپلىق تەھقىقلەش ئارقىلىق لياڭ چېڭيۈننىڭ جاسۇسلۇق ھەرىكىتى توغرىسىدىكى بىر قاتار دەلىل-ئىسپاتلارنى ئىگىلەپ، ئۇنىڭغا قانۇن بويىچە جىنايى ئىشلار بويىچە مەجبۇرلاش تەدبىرى قوللاندى ھەمدە ئەدلىيە ئورگانلىرىغا ئۆتكۈزۈپ بەردى. بۇ يىل 5-ئايدا لياڭ چېڭيۈن جاسۇسلۇق جىنايىتى بىلەن مۇددەتسىز قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.

  دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنى مۇنۇلارنى ئەسكەرتىدۇ:

  جاسۇسلۇق جىنايىتى دۆلەت بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزىدىغان جىنايەت. دۆلىتىمىز «جىنايى ئىشلار قانۇنى»نىڭ 110-ماددىسىدا جاسۇسلۇق تەشكىلاتىغا قاتنىشىپ ياكى جاسۇسلۇق تەشكىلاتى ۋە ئۇنىڭ ۋاكالەتچىسىنىڭ ۋەزىپىسىنى قوبۇل قىلىپ، دۆلەتنىڭ بىخەتەرلىكىگە خەۋپ يەتكۈزگەنلەرگە ئون يىلدىن يۇقىرى مۇددەتلىك قاماق جازاسى ياكى مۇددەتسىز قاماق جازاسى بېرىلىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن. بۇ دېلودا لياڭ چېڭيۈن جاسۇسلۇق رەسمىيىتىنى ئۆتەپ، ئامېرىكا جاسۇسلۇق ئاخبارات ئورگىنىنىڭ ۋەزىپىسىنى ئۇزاق مۇددەت قوبۇل قىلىپ، دۆلىتىمىزنىڭ بىخەتەرلىكىگە ئېغىر خەۋپ يەتكۈزگەن، دۆلىتىمىزنىڭ ئەدلىيە ئورگانلىرى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالىدى.

  چېگرا سىرتىدا جاسۇسلۇق تەشكىلاتىنىڭ تەھدىت سېلىشىغا ئۇچرىغاندا قانداق قىلىش كېرەك؟ دۆلىتىمىزنىڭ «جاسۇسلۇققا قارشى تۇرۇش قانۇنى»نىڭ 55-ماددىسىدا، چېگرا سىرتىدا تەھدىتكە ئۇچراپ ياكى ئالدىنىپ جاسۇسلۇق تەشكىلاتى، دۈشمەن تەشكىلاتقا قاتنىشىپ، دۆلىتىمىزنىڭ خەۋپسىزلىكىگە خەۋپ يەتكۈزىدىغان ھەرىكەتلەر بىلەن شۇغۇللانغانلاردىن دۆلىتىمىزنىڭ چەت ئەلدە تۇرۇشلۇق ئاپپاراتلىرىغا ئەھۋالنى ۋاقتىدا ئەينەن چۈشەندۈرگەنلىرى ياكى چېگرادىن كىرگەندىن كېيىن بىۋاسىتە ياكى ئىشلەيدىغان ئورنى ئارقىلىق ئەھۋالنى دۆلەت خەۋپسىزلىكى ئورگىنىغا ۋاقتىدا ئەينەن چۈشەندۈرگەنلىرى ھەمدە پۇشايمان قىلىش ئىپادىسى بولغانلىرى سۈرۈشتۈرۈلمىسىمۇ بولىدۇ، دەپ بەلگىلەنگەن.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ