يېقىندا، خېيلۇڭجياڭنىڭ موخېدا تېمپېراتۇرا تۆۋەنلەپ، ئەڭ تۆۋەن تېمپېراتۇرا نۆل سېلسىيە گىرادۇستىن چۈشۈپ كەتتى، موخې شەھىرى پۇقرالارنىڭ ئىسسىق ئۆيدە ئولتۇرۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، 9-ئاينىڭ 14-كۈنى پار بىلەن تەمىنلەشنى رەسمىي باشلىدى.
پار بىلەن تەمىنلەش سېخىغا كىرگىنىمىزدە، پار بىلەن تەمىنلەش گېنېراتورلار گۇرۇپپىسىنىڭ ھەممىسى ئىشقا كىرىشتۈرۈلدى، ئىشچىلار پار قازاننىڭ تۈرلۈك سانلىق مەلۇماتلىرىنى تەرتىپلىك نازارەت قىلماقتا ۋە تەڭشىمەكتە. كۈزدىن كېيىن تېمپېراتۇرىنىڭ تۆۋەنلىشىگە تاقابىل تۇرۇپ، ئاھالىلەرنىڭ ئىللىق تۇرالغۇ مۇھىتىغا ئىگە بولۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن، شۇ جايدىكى پار بىلەن تەمىنلەش تارماقلىرى 8-ئايدا تۈرلۈك پار بىلەن تەمىنلەش تەييارلىقىنى ياخشى ئىشلىدى ھەمدە 9-ئاينىڭ 11-كۈنى پار قازاننى ئىشقا كىرىشتۈردى.
موخې دەرياسى جۇڭگونىڭ ئەڭ شىمالىغا جايلاشقان بولۇپ، قىش پەسلى ئۇزۇن ھەم سوغۇق، يىللىق ئوتتۇرىچە تېمپېراتۇرىسى تەخمىنەن نۆلدىن تۆۋەن 3.5 سېلسىيە گىرادۇس. ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىل موخې شەھىرى پىلاندىكى پۇرۇپكىنى ئېچىش ۋاقتىدىن 11 كۈن بۇرۇن بولۇپ، پار بىلەن تەمىنلەش ۋاقتى كېلەر يىلى 5-ئاينىڭ ئوتتۇرىلىرىغىچە داۋاملىشىدىكەن، مەملىكەت بويىچە بىرقەدەر بالدۇر پار بىلەن تەمىنلىنىدىغان رايونلارنىڭ بىرى ئىكەن.
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ