مۇھىم خەۋەرلەر

بىر تەرەپتىن پۇلنى قايتۇرۇپ بىر تەرەپتىن پۇل يىغىدىغان كەنت شۇجىسى

2023.09.08 01:34 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: بەنجۇ كەنتىدە يېرىم ئۆمۈر خىزمەت قىلغان كەنت شۇجىسى لو باۋجىن كەنتنىڭ تەرەققىياتىغا گۇۋاھ بولدى. لېكىن شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئۇ يەنە كەنت شۇجىسىنىڭ ھوقۇقىنى «تىللا تۆكۈلىدىغان دەرەخ» دەپ قاراپ، كەنت قۇرۇلۇشىنى ھۆددىگە بېرىش، كەنت ئاھالىلىرى ئۆي سېلىش، كەنت كادىرلىرىنى تەربىيەلەش، كەنت دەرىجىلىك مەبلەغنى ئىشلىتىش قاتارلىق بايلىق شىلىۋالىدىغان ھەر بىر ساھە ئۇنىڭ بايلىق توپلاش قورالى بولۇپ قالدى.

  لو باۋجىن، جياڭسۇ ئۆلكىسى لىياڭ شەھىرى كۇنلۇن كوچا باشقارمىسى بەنجۇ كەنتى پارتىيە باش ياچېيكىسىنىڭ سابىق شۇجىسى. كۆپ يىللاردىن بۇيان، ئۇ كەنت شۇجىسىلىق ئورنىدا كۆرەڭلەپ، ئۆز بېشىمچىلىق قىلىپ، ئۆز گېپىنى يورغىلىتىپ، بەزى قۇرۇلۇش تۈرلىرىنىڭ تەدبىر بەلگىلەش ھوقۇقىنى ئۆز قولىدا تۇتۇپ كەلگەن. 2016-يىلى، لو باۋجىن كەنتتىكى قۇرۇلۇشنى ئۆزى بىلەن مۇناسىۋىتى ياخشى بولغان ياڭ فامىلىلىككە تاپشۇرۇپ بەرگەن. 1 مىليون 500 مىڭ يۈەن قۇرۇلۇش پۇلى ھېساباتقا كىرگەندىن كېيىن، ياڭ فامىلىلىك لو باۋجىنغا 200 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئەۋەتىپ رەھمەت ئېيتقان. بۇنىڭ پايدىسىنى كۆرگەندىن كېيىن، لو باۋجىن يەنە كۆپ قېتىم «ھەمكارلىشىش» پۇرسىتى يارىتىپ، ھەر قېتىمدا 20 مىڭ يۈەندىن 100 مىڭ يۈەنگىچە نەق پۇل ياكى باشقا پۇل-مال ئالغان.

  2016-يىل 4-ئايدىن 2022-يىل 1-ئايغىچە، لو باۋجىننىڭ بېكىتىشى ۋە كۆرسىتىشى بىلەن، ياڭ فامىلىلىك ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ بەنجۇ كەنتىدىكى يەتتە توپا تىندۇرۇش ۋە تازىلاش قۇرۇلۇشىنى ئۈستىگە ئالغان، لو باۋجىن بۇنىڭدىن 530 مىڭ يۈەن نەق پۇل ئالغان.

  لو باۋجىن بۇ «قارا پۇل»لارنى ئالغانلىقتىن خۇددى پىچاقنىڭ بىسىدا ماڭغاندەك كۈن بويى قورقۇپ يۈرگەن. بىرسىنىڭ ئۇنى پاش قىلغانلىقىنى ئاڭلىغاندىن كېيىن، لو باۋجىن ئولتۇرالماي قالغان، ئۇ بىر قىسىم زاڭ پۇلنى قايتۇرۇپ، ئۆزىنى «دالدىغا ئېلىش»نى قارار قىلغان. ئۇ «بۇ پۇلنى ئالغاندىن كېيىن ھامان ئىش چىقىدىغانلىقىنى بىلەتتىم، شۇڭا كېچىدە ئۇخلىيالمىدىم. بەزى خاتالىقلارنى ئۆتكۈزدۈم، پۇشايمان قىلساممۇ ئۈلگۈرەلمەيمەن» دېدى.

  بىراق، شامال ئۆتۈپ كەتكەندىن كېيىن، لو باۋجىن يەنە ئەپت-بەشىرىسىنى ئاشكارىلاپ، بىر تەرەپتىن پۇلنى قايتۇرۇپ، بىر تەرەپتىن پۇل يىغىپ، تېخىمۇ ھەددىدىن ئېشىپ ھەدەپ بايلىق توپلاپ، بەنجۇ كەنتىنىڭ كوللېكتىپ مەبلىغىنى ئۆزىنىڭ پۇل ئېلىش ماشىنىسى قىلىپ، كەنتتىكى نەقلەشتۈرگىلى بولىدىغان بايلىقنىڭ ھەممىسىنى «پاك-پاكىز يەپ تۈگەتكەن».

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بايقىلىشىچە، 2008-يىلىدىن 2022-يىلىغىچە، لو باۋجىن ۋەزىپىسىدىكى قولايلىقتىن پايدىلىنىپ، باشقىلارغا مەنپەئەت يەتكۈزۈپ، نەق پۇل، ھاراق-تاماكا، قول سائىتى قاتارلىق پۇل-ماللارنى قانۇنسىز قوبۇل قىلىپ، جەمئىي 710 مىڭ يۈەندىن ئارتۇق پۇل-مال ئالغان.

  2022-يىل 8-ئايدا، لو باۋجىن سىياسىي ئىنتىزامغا، پاكلىق ئىنتىزامىغا خىلاپلىق قىلىپ، تەسىر كۈچىدىن پايدىلىنىپ پارا ئېلىش جىنايىتى ۋە دۆلەت خادىمى ئەمەسلەرنىڭ پارا ئېلىش جىنايىتىگە چېتىشلىق بولغانلىقتىن، پارتىيەدىن قوغلاش جازاسى بېرىلدى. 2022-يىل 10-ئايدا، لو باۋجىنغا لىياڭ شەھەرلىك خەلق سوت مەھكىمىسى بىر يىل سەككىز ئايلىق مۇددەتلىك قاماق جازاسى بەردى، قوشۇمچە 150 مىڭ يۈەن جەرىمانە قويدى.

  ئاممىنىڭ ئەتراپىدىكى «مىكرو چىرىكلىك» كىچىكتەك كۆرۈنگەن بىلەن، لېكىن زىيىنى ناھايىتى . بۇ دېلو يۈز بەرگەندىن كېيىن، لىياڭ شەھەرلىك ئىنتىزام تەكشۈرۈش كومىتېتى، رېۋىزىيە كومىتېتى كۇنلۇن كوچىسىغا ئىنتىزام تەكشۈرۈش، رېۋىزىيە تەكلىپنامىسى تارقىتىپ، كۇنلۇن كوچا باشقارمىسى پارتكومىنىڭ دېلونى ئۆرنەك قىلىپ، دېلو ئارقىلىق ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈرۈشىگە ھەيدەكچىلىك ۋە يېتەكچىلىك قىلدى. شۇنىڭ بىلەن بىللە، پۈتۈن شەھەر دائىرىسىدە كەنت (مەھەللە) كادىرلىرىنىڭ يەر ئېلىش، چېقىش-كۆچۈرۈش، قۇرۇلۇش تۈرى، كوللېكتىپ مەبلىغىنى ئىشلىتىش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ئىش ئورنى خەۋپ-خەتىرىنى چوڭقۇر تەكشۈرۈپ، كىچىك، مىكرو ھوقۇقنى نازارەت قىلىش تىزىملىكى تۈزۈپ، كەنت كادىرلىرىنىڭ پاكلىق ئارخىپىنى رەتلەپ، ھوقۇقتىن ئۆز بېشىمچىلىق بىلەن پايدىلىنىش بوشلۇقىنى مەنبەدىن قىسقارتتى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ