مۇھىم خەۋەرلەر

نېمىشقا بىر قىسىم ئامما ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئىشەنمەيدۇ؟

2023.09.08 01:33 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 9-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، پارتىيەنى ئومۇميۈزلۈك قاتتىق ئىدارە قىلىشنىڭ سىجىل چوڭقۇرلىشىشى، ئاساسىي قاتلامدىكى تۈرلۈك ئىشلارنىڭ قېلىپلىشىش دەرىجىسىنىڭ ئۈزلۈكسىز ئۆسۈشىگە ئەگىشىپ، ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ قالايمىقان ئىش قىلىش بوشلۇقى زور دەرىجىدە كىچىكلىدى. لېكىن بىر قىسىم ئامما كەنتنىڭ ئاممىۋى ئىشلىرى ئۈستىدە توختالغاندا، يەنىلا يېزا كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىك پوزىتسىيەسىدە بولدى. ئۆزى رازى بولمىغان ئىشقا يولۇققان ھامان بەزىلەر ئاغرىنىپ: «ئۇلارنىڭ مۇناسىۋىتى بار»، «يەڭ ئىچىدە مەشغۇلات قىلىدۇ»، «ئانچە-مۇنچە ھىيلە-مىكىر بار» دېيىشىدۇ. ئەمىليەتتە نۇرغۇن ۋاقىتلاردا ئەمەلىيەت ئۇنداق ئەمەس. بۇنىڭغا قارىتا، يېزا-كەنت كادىرلىرى ئۇۋالچىلىق ھېس قىلىپ، «جان تىكىپ خىزمەت قىلساممۇ، ئاخىرىدا يەنىلا ياخشى بولالمىدىم» دەپ قارايدۇ.

  غەربىي جەنۇبتىكى مەلۇم ناھىيەدە 2-دەرىجىلىك تاشيول ياسىلىدىغان بولۇپ، مەلۇم كەنتنىڭ تەخمىنەن 20 مو يېرى ئېلىنغان. كۆپچىلىك بۇنىڭ ئۈچۈن تالاش-تارتىش قىلىشقان. يېزىلىق ھۆكۈمەت «تەقسىمات لايىھەسىنى ئامما ۋەكىللىرى مۇزاكىرە قىلىپ ماقۇللىغان» دېگەن. بىر قىسىم كەنت ئاھالىلىرى بۇنىڭ ئىچىدە ھىيلە-مىكىر بارلىقىغا قەتئىي ئىشىنىدىغانلىقىنى ئېيتىپ، «چوقۇم كەنت پارتىيە ياچېيكىسىنىڭ شۇجىسى يېزا كادىرلىرى بىلەن بىرلىشىپ ساختىپەزلىك قىلغان» دېيىشكەن. پىكىرلىشىش نەتىجىسىز بولغانلىقتىن، ئامالسىز يۇقىرى دەرىجىلىك ھۆكۈمەتنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ئارىلىشىشقا مەجبۇر بولغان.

  تەكشۈرۈش ئارقىلىق بۇنىڭ ئىچىدە مەنپەئەت يەتكۈزۈش قاتارلىق مەسىلىلەر يوقلۇقى جەزملەشتۈرۈلگەن. بۇ جەريان ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ خىزمەت يۈكىنى ئېغىرلاشتۇرۇپلا قالماي، قۇرۇلۇش سۈرئىتىگىمۇ تەسىر يەتكۈزگەن. يېزىلىق ھۆكۈمەت خادىملىرى بەك ئۇۋالچىلىق ھېس قىلغان.

  خەۋەر قىلىنىشىچە، ئاساسىي قاتلامدا بۇنداق مىساللار ئاز ئەمەسكەن. بولۇپمۇ مەنپەئەت تەقسىماتى، ماجىرالارنى مۇرەسسە قىلىش، سىياسەتتىن بەھرىمەن بولۇش قاتارلىق ئىشلارغا چېتىلغاندا، ئەگەر ئۆزىنىڭ پسىخىك مۆلچەرىگە يەتمىسە، بىر قىسىم ئامما ئاسانلا ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىگە ئېتىبار بەردى، شەخسىي مەنپەئەتنى كۆزلىدى، دەپ پەرەز قىلغان. ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئۆزىنى سەۋەبسىزلا ئۇۋالچىلىققا ئۇچرىغاندەك ھېس قىلىپ، خىزمەت ئاكتىپلىقىغا تەسىر يەتكەن.

  ئاساسىي قاتلام قانداق كادىرلارغا ئېھتىياجلىق؟ جاۋاب شۇكى، ھەم ئاممىنىڭ مەسىلىنى ھەل قىلىشىغا ياردەم بېرەلەيدىغان كادىرلارغا موھتاج ھەم ئوڭۇشسىزلىققا بەرداشلىق بېرەلەيدىغان، ئازار يېگەندە، گاڭگىراپ قالغاندا مەسئۇلىيىتىدە چىڭ تۇرالايدىغان كادىرلارغا موھتاج. بىز ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنى «يۈرەكلىك» ھالدا ئۇۋالچىلىقنى سىغدۇرۇشقا، لېكىن بىر قىسىم ئاممىنىڭ ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئىشەنمەسلىكىدىكى سەۋەبنى تېخىمۇ چوڭقۇر تەھلىل قىلىشقا ئىلھاملاندۇرىمىز.

  نېمىشقا بىر قىسىم ئامما ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىغا ئىشەنمەيدۇ؟ يىغىنچاقلاپ ئېيتقاندا، تۆۋەندىكىدەك تۆت سەۋەب بار.

  بىرىنچى، بىر قىسىم ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئامما بىلەن ئانچە تونۇشمايدىغان بولغاچقا، بىرەر ئىشقا يولۇققاندا ئاسانلىقچە ئىشەنچكە ئېرىشەلمەيدۇ. بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مۇنداق دېدى: يېزا-بازار كادىرلىرى، كەنت كادىرلىرىنىڭ ھازىر ئىشى مۇرەككەپ، تۈرلۈك ۋەزىپىلەرنىڭ ھۆددىسىدىن تەستە چىقىدۇ، ئادەتتە ئامما بىلەن سىردىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئاز، ئاممىنىڭ ئويلىغانلىرى، ئارزۇ-تەلەپلىرىنى چۈشىنىش يېتەرلىك ئەمەس، ئاممىمۇ يېزا-بازار، كەنت كادىرلىرىنىڭ كۈن بويى نېمە ئىش قىلىۋاتقانلىقىنى بىلمەيدۇ، بۇنىڭ بىلەن بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى ئاممىنىڭ چۈشىنىشىگە ئېرىشەلمەسلىكنى كەلتۈرۈپ چىقىرىدۇ.

  ئىككىنچى، قىسمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ ئىستىلى قوپال، پىكىرلىشىش ئۇسۇلى قاتتىق. «بۇ تۈرنى مەن نۇرغۇن يوللارنى قاتراپ قولغا كەلتۈرگەن، سىلەرنىڭ يەنە پىكرىڭلار بارمۇ؟»، «ئىمزا قويمىسىڭىز، ھېچنېمىگە ئېرىشەلمەيسىز!» دېگەندەك قاتتىق گەپلەرنى ئاڭلىغان ئادەم تەبىئىيلا بىئارام بولىدۇ، پىكىر ئالماشتۇرۇش ئۈنۈمىمۇ تەبىئىيلا تۆۋەنلەپ كېتىدۇ. نەتىجىدە «كادىرلار ئاممىنى گەپ ئاڭلىمايدۇ، دەپ قارايدۇ، ئامما كادىرلارنى قاملاشمىغان كادىر دەپ قارايدۇ».

  ئۈچىنچى، پىرىنسىپقا ئەھمىيەت بەرمەي، سالاچىلىق قىلىپ، زىددىيەت ۋە يوشۇرۇن خەۋپنى قالدۇرۇپ قويىدۇ. بەزى ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىدا «بىر ئىش كۆپ بولغاندىن بىر ئىش ئاز بولغان ياخشى» دەيدىغان ئىشنى تىنجىتىش روھىي ھالىتى مەۋجۇت، «ئىشنى پۈتتۈرۈشنىڭ ئۆزى تىنچ-ئامان بولغانلىق، ئىشنى بېسىقتۇرۇشنىڭ ئۆزى سەۋىيە دېگەنلىك، ئىش چىقماسلىقنىڭ ئۆزى قابىلىيەت دېگەنلىك، مۇرەسسە قىلىش دەل ئىناقلىق» دەيدىغان سەپسەتىگە ئىشەنگەچكە، قائىدە-پىرىنسىپقا ئەمەل قىلماي، تۈزۈم يوچۇقىنى قالايمىقان ئاچىدۇ، ھەتتا كۆپ ساندىكى كىشىلەرنىڭ مەنپەئەتى ياكى پىرىنسىپىنى قۇربان قىلىشتىن باش تارتماي مۇرەسسە قىلىپ ئالماشتۇرىدۇ. گەرچە بىر مەھەل مەسىلە ھەل قىلىنغان بولسىمۇ، لېكىن مەسىلە يوشۇرۇن خەۋپى يوشۇرۇنۇپ قالىدۇ.

  تۆتىنچى، دۇدۇقلاش ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. قىسمەن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ يېڭى سىياسەتنى چۈشىنىش، ئىگىلەش دەرىجىسى يۇقىرى ئەمەس، بىر تەرەپ قىلىش ئۇسۇلى مۇۋاپىق ئەمەس، بۇمۇ ئاسانلا ئاممىنىڭ گۇمانىنى قوزغايدۇ. «مەن بەزى كادىرلارنىڭ ئامما مەسلىھەت سورىغاندا تۈزۈك جاۋاب بېرەلمەي، دۇدۇقلاپ يۈرگەنلىكىنى بايقىدىم، ئاممىنىڭ گۇمانلىنىشى ئەجەبلىنەرلىك ئەمەس» دەيدۇ بىر يېزا-بازار رەھبىرى، ئۇ يەنە مۇنداق دەيدۇ: مەسىلىنى مۇۋاپىق بىر تەرەپ قىلىش-قىلالماسلىق ئاساسىي قاتلام كادىرلىرىنىڭ كەسپىي ساپاسى ۋە ئىقتىدارىغا باغلىق.

  يېزا-كەنت كادىرلىرى يېزا-كەنتلەرنى ئىدارە قىلىشتىكى «باشلامچىلار»، پارتىيە ۋە ھۆكۈمەتنىڭ دېھقانلار ئاممىسى بىلەن ئالاقە باغلىشىدىكى كۆۋرۈك ۋە ۋاسىتە، يېزا-كەنت جەمئىيىتى جىددىي ئۆزگىرىۋاتقان، كەنت ئاھالىلىرىنىڭ ئېھتىياجىنىڭ كۈنسېرى كۆپ خىللىشىۋاتقان شارائىتتا، ئاممىۋى خىزمەت ئىقتىدارى ۋە كەسپىي ساپاسىنى جىددىي ئۆستۈرۈش كېرەك.

  ئاساسىي قاتلامدىكى ئاممىنىڭ ئىشەنچىسىگە ئېرىشىش ئۈچۈن ئاساسىي قاتلام كادىرلىرى مەسئۇلىيەتنى دادىل زىممىسىگە ئېلىپ، تەشەببۇسكارلىق بىلەن ئىشلەپ، ئاممىنىڭ مەنپەئەتىگە ئۇيغۇن كەلسىلا، ئارىلىشىشقا، قارار قىلىشقا جۈرئەت قىلىپ، ئاممىغا چىن قەلبىدىن ئۆزىنىڭ يۆلەنچۈككە، ئىستىقبالغا ئىگە ئىكەنلىكىنى ھېس قىلدۇرۇشى كېرەك؛ شۇنىڭ بىلەن بىللە، ياخشى ئىشنى ياخشى قىلىشتا، ئادىل، دۇرۇس بولۇشتا چىڭ تۇرۇپ، ئادىل بولۇش ئارقىلىق كىشىلەرنى قايىل قىلىش كېرەك.

  بولۇپمۇ دېھقانلارغا نەپ يەتكۈزۈش سىياسىتى، تۆۋەن تۇرمۇش كاپالىتى ئارقىلىق ياردەم بېرىش، قۇتقۇزۇش قاتارلىق ئىشلاردا ئادىل، باراۋەر، ئومۇمنىڭ بىلەن شەخسنىڭ ئىشلىرىنىڭ ئايدىڭ بولۇشىنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، تونۇش ۋە ناتونۇشلارغا پەرقلىق مۇئامىلە قىلمىغاندىلا ئاندىن ئاممىنى قائىدە بىلەن قايىل قىلىپ، ھېسسىيات بىلەن تەسىرلەندۈرۈپ، ھەرخىل زىددىيەت، ماجرالارنى ياخشى ھەل قىلغىلى بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ