مۇھىم خەۋەرلەر

ئارزۇ تولدۇرۇش سودىغا ئايلىنىپ قالسا بولمايدۇ

كىشىلىك ھايات پىلانى تۈزۈشتە «تېز يېتىشتۈرۈش»تىن ئۈمىد كۈتكىلى بولمايدۇ

2023.06.09 01:05 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 6-ئاينىڭ 7-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى يېقىنلىشىپ قالدى، «ئارزۇ تولدۇرۇش» بىر تۈرلۈك سودا سۈپىتىدە كىشىلەرنىڭ نەزەر دائىرىسىگە كىردى. ھەرقايسى چوڭ سۇپىلاردا، نەچچە يۈز يۈەنلىك ئەقلىي ئىقتىدارلىق تولدۇرۇشتىن تارتىپ نەچچە ئون مىڭ يۈەنلىك بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىشقىچە تۈرلۈك ھەقلىق ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتى قىزىپ كەتتى، مۇلازىمەت مەزمۇنى مەكتەپ تەۋسىيە قىلىش، كەسىپنى چۈشەندۈرۈش، ئارزۇ تولدۇرۇش ماھارىتى، گۇمانىي مەسىلىلەرگە جاۋاب بېرىش قاتارلىقلارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.

  ئارزۇ تولدۇرۇشتىن ئىبارەت بۇ ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىنىڭ «2-جەڭ مەيدانى»دا، شەھەر، كەسىپ، نەتىجىنى قانداق تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، ئۆز نومۇرىنىڭ مەنپەئەتىنى ئەڭ يۇقىرى چەككە يەتكۈزۈش ھەر بىر ئوقۇغۇچى چوقۇم يۈزلىنىدىغان ئۆتكەل. ئۇنىڭ ئۈستىگە ئاتا-ئانىلار ئۆز رازىلىقى بىلەن بالىسىنىڭ كىشىلىك ھاياتىدىكى چوڭ ئىشلارغا سېخىيلىق بىلەن ياردەم بېرىدىغان بولغاچقا، ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش مۇلازىمىتى يېڭى ئىستېمال قىزىق نۇقتىسىغا ئايلاندى، مەلۇم دەرىجىدە بۇمۇ بازارنىڭ بىر خىل تاللىشى بولۇپ قالدى. لېكىن ھازىرقى ئەھۋالدىن قارىغاندا، بۇ كەسىپ يەنىلا ياۋايى ئۆسۈش باسقۇچىدا تۇرۇۋاتىدۇ. ئېلان قىلىنغان باھا جەدۋىلىگە ئاساسلانغاندا، ئارزۇ تولدۇرۇشقا بىرگە بىر يېتەكچىلىك قىلىش باھاسى نەچچە مىڭ يۈەندىن نەچچە ئون مىڭ يۈەنگىچە ئىكەن، ئۇنىڭ ئۈستىگە ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىسىنى تېپىشمۇ ئاسان ئەمەسكەن.

  بىراق، بۇنداق يۇقىرى خىراجەت بىلەن تەكلىپ قىلىنغان ئاتالمىش «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرغۇچى»، «ھايات يولىنى پىلانلىغۇچى»لارنىڭ قىممىتى ئانچە يۇقىرى ئەمەس. ئەمەلىيەتتە، «ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانى ئارزۇسىنى تولدۇرغۇچى» ھەرگىزمۇ «دۆلەتنىڭ كەسپىي سالاھىيەت مۇندەرىجىسى»دە ئەمەس، دېمەك بۇ مۇشۇ ساھەدە بىرلىككە كەلگەن ئۆلچەمنىڭ تېخى شەكىللەنمىگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدۇ، يېتەكچىنىڭ كەسپىي بولۇش-بولماسلىقى پۈتۈنلەي مۇلازىمەت ئاپپاراتىنىڭ سۆزىگە باغلىق، بۇ بىر قىسىم ۋىجدانسىز سودىگەرلەرگە پۇرسەت يارىتىپ بەردى.

  تاراتقۇلارنىڭ تەكشۈرۈشىدىن بايقىلىشىچە، كۆپ ساندىكى ئاپپاراتلارنىڭ خىزمەتچى قوبۇل قىلىشىدا «كەسىپ ۋە ئوقۇش تارىخىغا تەلەپ يوق» ئىكەن، ئاتالمىش «مۇتەخەسسىس»لەر قىسقا مۇددەتلىك تەربىيەلىنىش ئارقىلىق كىنىشكا بىلەن ئىش ئورنىغا چىقالايدىكەن، ھەتتا بەزىلىرى پەقەتلا ۋاقىتلىق قوبۇل قىلىنغان جەمئىيەت خادىملىرى بولۇپ، ئورگان تەمىنلىگەن سەھنە سۆزى بويىچە ئىمتىھان بەرگۈچىلەر ۋە ئاتا-ئانىلارغا يېتەكچىلىك قىلىدىكەن. بۇنداق كەسپىيلىكى كەمچىل بولغان ئالىي مەكتەپكە ئارزۇ تولدۇرۇش يېتەكچىلىرى ئوقۇغۇچىلارغا ھەقىقىي ياردەم بېرەلەمدۇ-يوق؟ ياكى تەشۋىشلىنىش پەيدا قىلىپ بايلىق توپلامدۇ؟ بۇنىڭدىن گۇمانلانماي بولمايدۇ. تەقەززالىق ئىچىدە مۇلازىمەت سېتىۋالغان ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارغا نىسبەتەن ئېيتقاندا، پۇلدىن زىيان تارتىش كىچىك ئىش، ئەگەر خاتا يېتەكچىلىككە ئىشىنىپ، ھەقىقىي مۇۋاپىق كېلىدىغان ئالىي مەكتەپلەرنى قولدىن بېرىپ قويسا، كەلگۈسىدە تېخىمۇ كۆپ ۋاقىت ۋە زېھنىي كۈچ سەرپ قىلىپ ئاندىن ئەپسۇسلۇقىنى تولۇقلىيالىشى مۇمكىن.

  بۇلتۇر 6-ئايدا، مائارىپ مىنىستىرلىقى ئاگاھلاندۇرۇش چىقىرىپ، بۇنداق يۇقىرى باھالىق ئارزۇ تولدۇرۇشقا مەسلىھەت بېرىش پائالىيەتلىرىدە سىياسەتنى چۈشەندۈرۈش توغرا بولماسلىق، ئۇچۇر بىلەن تەمىنلەش توغرا بولماسلىق، ھەق ئېلىش قېلىپلاشماسلىق، ھەتتا ئالدامچىلىق قىلىش قاتارلىق مەسىلىلەرنىڭ مەۋجۇتلۇقىنى بىلدۈرگەن. بۇ يىل ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش باشلىنىش ئالدىدا تۇرماقتا، تور ئۇچۇرى، بازار نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قاتارلىق ئالاقىدار تارماقلارمۇ ئالدىن تەييارلىق قىلىپ، كۆزىتىش ۋە نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، قالايمىقان ھەق ئالىدىغان، ساختا تەشۋىقات قىلىدىغان ئاپپاراتلارنى ۋاقتىدا ئەمەلدىن قالدۇرۇپ، تەكشۈرۈپ بىر تەرەپ قىلىپ، ئوقۇغۇچىلار ۋە ئاتا-ئانىلارنىڭ قىلتاققا چۈشۈشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشى كېرەك.

  شۇنىمۇ كۆرۈش كېرەككى، ئۆزىنىڭ قىزىقىشىنى چۈشىنىشتىن جەمئىيەتنىڭ ئېھتىياجىغا بىرلەشتۈرۈ، كەسىپ تەرەققىيات يۆنىلىشىنى بېكىتىشكىچە، يەنە كونكرېت سىستېمىلىق مەشغۇلات كۆرسەتمىسىگىچە ئالىي مەكتەپ ئىمتىھانىدا ئارزۇ تولدۇرۇش بىردەملىك دەتتىكام شەكلىدىكى قارار چىقىرىش ئەمەس، بەلكى ھەربىر ئوقۇغۇچىنىڭ ئۇزاق مۇددەت ئېھتىياتچانلىق بىلەن ئويلىنىشىغا توغرا كېلىدۇ. شۇڭا، يەنە ئائىلە بىلەن مەكتەپ ھەمكارلىشىش، كۈچىنى جارى قىلدۇرۇش، «ئادەتتىكى ۋاقىت»لاردا تېخىمۇ كۆپ كۈچ سەرپ قىلىش لازىم.

  تېگى-تەكتىدىن ئېيتقاندا، مۇلازىمەت سېتىۋېلىشنى ئەيىبلەشكە بولمايدۇ، لېكىن شۇنىمۇ تەكىتلەش كېرەككى، ھايات يولىنى پىلانلىغۇچىلارنىڭ مەسلىھەت بېرىش سەۋىيەسى ھەرقانچە يۇقىرى بولسىمۇ «تېز يېتىلدۈرۈلگەن» مۇلازىمەت ھەرگىزمۇ ئىمتىھان بەرگۈچىلەرنىڭ ئۆزىنى چۈشىنىش، جەمئىيەتنى چۈشىنىش جەريانىنىڭ ئورنىنى ئالالمايدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ