مۇھىم خەۋەرلەر

باش شۇجى شى جىنپىڭ «بىر ساراي، بىر ھويلا»نى كۆزدىن كەچۈردى ھەمدە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتناشتى

«جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاچقۇچى < ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش > تە»

2023.06.07 14:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق گېزىتى مۇخبىرى دۇ شاڭزې خەۋىرى


  ۋاقتى: 6-ئاينىڭ 1-كۈنىدىن 2-كۈنىگىچە
كۈنتەرتىپى: جۇڭگو دۆلەت نەشر سارىيى، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتىنى كۆزدىن كەچۈرۈش ھەمدە مەدەنىيەتكە ۋارىسلىق قىلىش ۋە ئۇنى تەرەققىي قىلدۇرۇش سۆھبەت يىغىنىغا قاتنىنىش بېيجىڭ ئوتتۇرا ئوق سىزىقىنىڭ شىمالغا سوزۇلغان لىنىيەسىدە، جۇڭگو تارىخ تەتقىقات يۇرتى قۇرۇلۇشى تولىمۇ ھەيۋەتلىك بولۇپ، بىنانىڭ ئاستىدىن ئۈستۈنكى قەۋەتكىچە، نەچچە مىڭ يىل تارىخقا قىسقىغىنە ۋاقىتتىلا نەزەر سالغىلى بولاتتى.


  بىنانىڭ ئاستىدا، غەربىي جوۋ سۇلالىسى دەۋرىدىكى خې زۈنگە «جۇڭگو تۇرالغۇسى» دېگەن خەت ئويۇلغان مەخسۇس كۆرگەزمە بار. تاش بۇيۇملار، ساپال بۇيۇملار، قاشتاش بۇيۇملار، برونزا، شايى ۋە بامبۇك پۈتۈكلەر مىڭ يىللىق مەدەنىيەتنى ئۆزىگە مۇجەسسەملىگەن. ئۈستۈنكى قەۋەتتە، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىغا مۇناسىۋەتلىك بىر مەيدان سۆھبەت يىغىنى ئېچىلغانىدى.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ ئاساسىي مەقسەتنى باشتىلا ئوتتۇرىغا قويۇپ: «مەدەنىيەت دۆلەتنىڭ ئاساسى، دۆلەتنىڭ تەقدىرىگە مۇناسىۋەتلىك. بۇ مەزگىلدە، مەن جۇڭگوچە سوتسىيالىستىك مەدەنىيەت قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈش، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ زامانىۋى مەدەنىيىتىنى بەرپا قىلىشتىن ئىبارەت بۇ مۇھىم تېما ئۈستىدە ئىزچىل ئويلاندىم، يەنى < جۇڭگو تۇرالغۇسى > دىن< جۇڭگو قانداق> قىچە بولغان دەۋر تېمىسى مېنى ئويلاندۇردى.


  سۆز قىلغان بىرنەچچە ئىلىمدار باش شۇجى شى جىنپىڭ بىلەن يۈز تۇرانە كۆرۈشتى. ئۇلار قەيەردىن كەلگەن، قەيەرگە بارىدۇ دېگەن ئاساستا چوڭقۇر تېمىلار ئۈستىدە مۇزاكىرە قىلدى.


  باش شۇجى كۆڭۈل قويۇپ ئاڭلىدى.


  بىر ئىلىمدار مۇنداق دېدى: «مەدەنىيەت قاتۇرۇلغان ھەيكەل ئەمەس، بەلكى ئېقىۋاتقان ئېقىن سۇ، لېكىن سۇنىڭ قايسى يۆنىلىشكە قاراپ ئېقىشى رېئال ئەمەلىيەت ئېھتىياجى ۋە ئىجتىمائىي تۈزۈمدىن ئايرىلالمايدۇ».


  يەنە بىرى مۇنداق دېدى: «پەن-تېخنىكا توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەيدۇ، مەدەنىيەت بولسا < ئالدى- كەينىگە قاراپ ئىش كۆرۈش >دۇر. گەرچە <كەلگۈسى كەلدى> دېگەن بۇ سۆز ناھايىتى كەڭ تارقالغان بولسىمۇ، لېكىن <ئۆتمۈش كەتمىدى> دېگەننى ئۇنتۇپ قالماسلىق كېرەك».


  «جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ مىللەت بولۇپ، دۇنيا مىللەتلىرى قاتارىدا باشتىن ـ ئاخىر قەد كۆتۈرۈپ تۇرالىشىدىكى بىر مۇھىم سەۋەب شۇكى، جۇڭخۇا مەدەنىيىتى كۈچلۈك مەنىۋى تىرەك ۋە مول مەدەنىيەت ئوزۇقى بىلەن تەمىنلىگەنلىكتىن»دېدى بىر ئىلىمدار.


  نەزەر سالىمىز، تارىخنىڭ چوڭقۇر قاتلىمىغا، مەدەنىيەت تومۇرىغا ۋە توققۇز ئايماقنىڭ جەۋھىرىگە نەزەر سالىمىز. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇھىم سۆزىنى شانلىق ھەم ئۇزاق جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىدىن باشلىدى.


  ئۈزلۈكسىزلىك، ئىجادچانلىق، بىردەكلىك، سىغدۇرۇشچانلىق، تىنچلىق، باش شۇجى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ گەۋدىلىك ئالاھىدىلىكىنى ئىخچام شەرھلىدى، ئەمما بۇ قانداقمۇ مەدەنىيەتنى بايان قىلغانلىق بولسۇن؟ بۇنىڭ ئالدىنقى شەرتى بىر-بىرىگە ماس كېلىش، نەتىجە بىر-بىرىگە مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش، يول ئاساسىنى مۇستەھكەملەش، يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئېچىش، مەدەنىيەتنىڭ ئاساسىي گەۋدىلىكىنى مۇستەھكەملەش، باش شۇجى «ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش»نىڭ مۇھىم ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر تەھلىل قىلدى، ئەمما بۇ قانداقمۇ «بىرلەشتۈرۈش» بىلەنلا چەكلىنىپ قېلىش بولسۇن؟


  مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىپ، ئېچىۋېتىش، سىغدۇرۇشچان بولۇش، توغرا يولدا چىڭ تۇرۇپ يېڭىلىق يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئۇ قانداق قىلغاندا يېڭى دەۋرنىڭ يېڭى مەدەنىيەت بۇرچىنى تېخىمۇ ياخشى ئۈستىگە ئالغىلى بولىدىغانلىقىنى چوڭقۇر چۈشەندۈردى، ئەمما بۇ قانداقمۇ مەدەنىيەتنى چۈشەندۈرۈش بولسۇن؟


  بۇ مۇھىم سۆزنىڭ باش-ئايىغى، جەۋھىرى بىر يول، يەنى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىش يولى.


  مەدەنىيەت ئارقىلىق مىللەتنى ئويلاش، بىر مىللەتنىڭ روھى، پەزىلىتى، ئېتىقادى، قەلبى ۋە جاسارىتىنى چۈشىنىش كېرەك. مەسىلەن، بىردەكلىك ئۈستىدە توختالغاندا، باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزلىرى جاراڭلاپ، كىشى قەلبىگە بىۋاسىتە تەسىر كۆرسىتەتتى: «جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ بىردەكلىكى تۈپ جەھەتتىن جۇڭخۇا مىللىتى مەدەنىيىتىنىڭ يۇغۇرۇلۇپ بىر گەۋدىگە ئايلىنىشىنى، زور ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان تەقدىردىمۇ مۇستەھكەم ئۇيۇشۇشىنى، دۆلەت زېمىنىنىڭ ئايرىلماسلىقى، دۆلەتنىڭ قالايمىقان بولماسلىقى، مىللەتنىڭ چېچىلىپ كەتمەسلىكى ۋە مەدەنىيەتنىڭ ئۈزۈلۈپ قالماسلىقىدەك ئورتاق ئېتىقادىنى بەلگىلىگەن. دۆلەتنىڭ بىرلىكىنىڭ مەڭگۈ جۇڭگونىڭ يادرولۇق مەنپەئىتىنىڭ يادروسى ئىكەنلىكىنى، كۈچلۈك، بىرلىككە كەلگەن دۆلەتنىڭ ھەر مىللەت خەلقىنىڭ تەقدىرى بىلەن مۇناسىۋەتلىك ئىكەنلىكىنى بەلگىلىگەن».


  بۇ دۆلەت كىلاسسىك ئەسەرلەرنى ئوقۇپ، نەچچە مىڭ يىلنى بېسىپ ئۆتتى؛ بۇ دۆلەت ماركسىزم كىلاسسىك ئەسەرلىرىنى ئۆگىنىپ، نەچچە يۈز يىلنى بېسىپ ئۆتتى. بوران-چاپقۇندىن ھالقىپ، داغدام يولدا مېڭىپ، مەدەنىيەت چوڭ دۆلەتنىڭ قان تومۇرىغا سىڭىپ، ئۇزۇن سەپەردە مەزمۇت قەدەم تاشلىدى.


  يول ئايىغىمىز ئاستىدا.


  سۆھبەت يىغىنىدا، با شۇجى شى جىنپىڭنىڭ تەلەپپۇزى تىنچ ھەم كۈچكە تولغان ھالدا:«بىزنىڭ سوتسىيالىزمىمىز نېمە ئۈچۈن ئوخشىمايدۇ؟ نېمە ئۈچۈن ھاياتىي كۈچكە تولىدۇ؟ مۇھىمى جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكتە، جۇڭگوچە ئالاھىدىلىكنىڭ ئاچقۇچى <ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش> تە»دېدى.


  «مەۋقەنى قاينام-تاشقىنلىققا چۆمگەن 5000 يىلدىن ئارتۇق جۇڭخۇا مەدەنىيەت تارىخىغا قويغاندىلا، ئاندىن جۇڭگو يولىنىڭ تارىخىي مۇقەررەرلىكى، مەدەنىيەت ئىچكى خاس مەزمۇنى ۋە ئۆزگىچە ئەۋزەللىكىنى ھەقىقىي چۈشەنگىلى بولىدۇ. تارىخىي ئىجابىي ۋە سەلبىي جەھەتتىكى تەجرىبىلەر شۇنى ئىسپاتلىدىكى، <ئىككىنى بىرلەشتۈرۈش> بىزنىڭ مۇۋەپپەقىيەت قازىنىشىمىزدىكى ئەڭ چوڭ ئەڭگۈشتەر».


  نەزەرىيە بىلەن ئەمەلىيەت دۆلەتنى ئىدارە قىلىش، ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈشتىن ئىبارەت چوڭ ئىشنى كۆزدە تۇتتى. بۇ ماقالىنىڭ ھەممىلا يېرىدە ئۆتمۈش بىلەن ھازىرنىڭ دىئالوگى بار. باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق دېدى: «پارتىيەمىز يولغا قويغان خەلق قۇرۇلتىيى تۈزۈمى، سىياسىي مەسلىھەت ئېلىپ بېرىش تۈزۈمى جۇڭخۇا مەدەنىيلىكىنىڭ خەلقنى ئاساس قىلىش ئىدىيەسى، جاھاننى ئورتاق ئىدارە قىلىش ئىدىيەسى، <جۇمھۇرىيەت>، <مەسلىھەتلىشىش> تىن ئىبارەت ھاكىمىيەت يۈرگۈزۈش ئەنئەنىسى، <ھەممىنى ئۆز ئىچىگە ئېلىش، ئوخشاشلىقلاردا بىرلىككە كېلىپ، پەرقلەرنى ساقلاپ قېلىش> تىن ئىبارەت سىياسىي ئەقىل-پاراسەت بىلەن چوڭقۇر باغلىنىشلىق. بىز فېدېراتسىيە تۈزۈمى، ئىتتىپاق تۈزۈمىنى يولغا قويماي، بىرلا تۈزۈمدىكى دۆلەت شەكلىنى بېكىتىپ، مىللىي رايون ئاپتونومىيەسى تۈزۈمىنى يولغا قويدۇق، بۇ دەل ئىچكى جەھەتتە مۇجەسسەملەنگەن، كۆپ مەنبەلىك، بىر گەۋدىلەشكەن جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ تەرەققىيات چوڭ يۈزلىنىشىگە ماسلىشىپ، توققۇز ئوبلاست ئورتاق بولۇش، ئالتە توختام ئىستىلى بىر بولۇش، ھەممە يەر بىر ئائىلە بولۇشتەك جۇڭگو مەدەنىيىتىنىڭ بۈيۈك بىرلىك ئەنئەنىسىگە ۋارىسلىق قىلغانلىق».


  ئۇزاق قەدىمىي مەدەنىيەت ئىزنالىرى شانلىق سەھىپىگە ئىگە، بۈگۈنكى جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ ئۇلۇغ گۈللىنىشى جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى قۇرۇلغان 100 يىلدىن ئارتۇق ۋاقىتتا بېسىپ ئۆتكەن يولدىن باشلانغان، جۇڭخۇا مىللىتىنىڭ 5000 يىلدىن ئارتۇق ئازاب-ئوقۇبەت ۋە شانلىق مەدەنىيەت تارىخىدا تېخىمۇ چوڭقۇر يىلتىز تارتقان.


  بۇ يولنى توغرا تاپقاندىن كېيىن دادىل ئىزدىنىپ، توختىماي ئالغا ئىلگىرىلەش كېرەك.
بۇنىڭغا ئۆزىگە ئىشىنىش تولغان.


  باش شۇجى شى جىنپىڭ مۇنداق ھۆكۈم چىقاردى: «مەدەنىيەت ئىشەنچىنى چىڭىتىشتا، ئۆز يولىمىزدا مېڭىشتا چىڭ تۇرۇش كېرەك». «ئۇزاق مۇددەت تىرىشىش ئارقىلىق، بىزنىڭ < جۇڭگو بىلەن غەربنىڭ تالاش-تارتىشى> نى ھەل قىلىش شارائىتىمىز ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا تېخىمۇ كۈچلۈك بولدى، شۇنداقلا ئىلگىرىكى ھەرقانداق دەۋردىكىگە قارىغاندا، قەدىمكى بىلەن ھازىرقىنى يۇغۇرۇپ، جۇڭگو بىلەن غەربنى تۇتاشتۇرىدىغان بىر تۈركۈم مەدەنىيەت نەتىجىلىرىگە تېخىمۇ جىددىي ئېھتىياجلىق بولدۇق.


  يېڭىلىق يارىتىش باشتىن-ئاخىر سىڭدۈرۈلگەن.


  بۇ سۆزلەر مول ئەقىل-پاراسەتكە ئىگە:« <بىرلەشتۈرۈش> نىڭ ئۆزى يېڭىلىق يارىتىش، شۇنىڭ بىلەن بىر ۋاقىتتا يەنە كەڭ نەزەرىيە ۋە ئەمەلىيەتتە يېڭىلىق يارىتىش بوشلۇقىنى ئاچتى. <ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش> بىزگە ئىدىيە ۋە مەدەنىيەت تەشەببۇسكارلىقىنى ئىگىلەتتى ھەمدە يول، نەزەرىيە ۋە تۈزۈمگە كۈچلۈك تەسىر كۆرسەتتى».


  «تېخىمۇ مۇھىمى شۇكى، < ئىككىنچى بىرلەشتۈرۈش > يەنە بىر قېتىم ئىدىيەدە ئازاد بولۇش، بىزنى تېخىمۇ كەڭ مەدەنىيەت بوشلۇقىدا جۇڭخۇانىڭ مۇنەۋۋەر ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتىنىڭ قىممەتلىك بايلىقىدىن تولۇق پايدىلىنىپ، كەلگۈسىگە يۈزلەنگەن نەزەرىيە ۋە تۈزۈمدە يېڭىلىق يارىتىش ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىمكانىيىتىگە ئىگە قىلدى».


  ئىلىمدارلار پۈتۈن دىققىتى بىلەن يىغىن مەزمۇنىنى ئاڭلىدى. ھەرقايسى ساھە، ھەرقايسى رايونلاردىن كەلگەن بۇ يىغىنغا قاتناشقۇچىلارنىڭ ئوخشاش بولمىغان تونۇش ۋە ئەمەلىيەت جۇغلانمىسى بار ئىدى، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ سۆزى ئوخشاش بولمىغان نۇقتىدىن پىكىر يۈرگۈزۈلگەن بولسىمۇ، لېكىن ئورتاق بۇرچ، ئورتاق كەلگۈسىگە ئىگە ئىدى.


  ئۇلار باش شۇجىنىڭ بۇ سۆزىنى ئېسىدە چىڭ ساقلىدى: «تارىخقا ئەڭ ياخشى ۋارىسلىق قىلىش يېڭى تارىخ يارىتىش؛ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىگە بولغان ئەڭ چوڭ ھۆرمەت ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنىڭ يېڭى ھالىتىنى يارىتىش».

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ