خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 21-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جۇڭگونىڭ دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ رۇسىيەدە دۆلەت ئىشلىرى زىيارىتىدە بولۇش ئالدىدا، «شى جىنپىڭنىڭ خەلققە يېقىشلىق سۆزلىرى __ شى جىنپىڭ ياخشى كۆرىدىغان ماقال-تەمسىللەر» نىڭ 2- بۆلۈمى (رۇسچە نۇسخىسى) رۇسىيەنىڭ ھەرقايسى چوڭ ئاساسىي ئېقىم تېلېۋىزىيە ئىستانسىسىلىرىدا قويۇلۇشقا باشلىدى.
«شى جىنپىڭنىڭ خەلققە يېقىشلىق سۆزلىرى __ شى جىنپىڭ ياخشى كۆرىدىغان ماقال-تەمسىللەر» نىڭ 2-بۆلۈمى (رۇسچە نۇسخىسى) رەئىس شى جىنپىڭنىڭ بىر قاتار مۇھىم سۆزى، ماقالە ۋە سۆزلىرىدە نەقىل كەلتۈرۈلگەن جۇڭگونىڭ قەدىمكى ئەسەرلىرى ۋە كىلاسسىك سۆزلىرىدىن تاللاپ ئېلىنغان بولۇپ، «ئەمەلىي ئىشلەش»، «ساداقەت»، «سەمىمىيلىك»، «ھەمبەھىرلىنىش»، «يېشىللىق» قاتارلىق تېمىلار چۆرىدىلىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ چوڭقۇر مەدەنىيەت ئاساسى ۋە خەلقنى ئاساس قىلىش، چوڭقۇر ئائىلە-دۆلەت ھېسسىياتى جانلىق ئەكس ئەتتۈرۈلۈپ، جۇڭخۇا ئەنئەنىۋى مەدەنىيىتى ئۆز ئىچىگە ئالغان يېڭى دەۋر مەزمۇنى ۋە يەرشارىلاشتۇرۇش قىممىتى شەرھلەنگەن.
ئىگىلىنىشىچە، «شى جىنپىڭنىڭ خەلققە يېقىشلىق سۆزلىرى __ شى جىنپىڭ ياخشى كۆرىدىغان ماقال-تەمسىللەر» رۇس، ئىنگلىز، ياپون، كورېيە، ئىسپاھان تىللىرىغا تەرجىمە قىلىنىپ ئېلان قىلىنغان.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ