مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىپ، «ئەمگەكنى شەرەپ دەپ بىلىش، سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش»نى يېڭى ئېقىمغا ئايلاندۇرۇش كېرەك

2023.03.12 00:59 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 11-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: مەملىكەتلىك «ئىككى يىغىن» ئېچىلىش ئالدىدا، «سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنى نازارەت قىلىش» توغرىسىدىكى مۇھاكىمە ئۈزلۈكسىز كۈچەيدى. مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى جياڭ شېڭنەن «يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋر»دە ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقىنى قوغداشنى تېخىمۇ كۈچەيتىپ، كارخانا، كەسپىي ئورۇنلارنىڭ سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمىنىڭ ئىجرا قىلىنىش ئەھۋالىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىش كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.

  تەكلىپ بېرىلىشى بىلەنلا، تورداشلارنىڭ قىزغىن ئالقىشىغا ئېرىشتى. بۇنىڭدىن تەكلىپنىڭ خىزمەت سورۇنىدىكى كىشىلەرنىڭ چاڭقىغان يېرىگە بارغانلىقىنى، شۇنداقلا پۇقرالارنىڭ يۈرەك ساداسىنى ئەكس ئەتتۈرگەنلىكىنى كۆرۈۋالغىلى بولىدۇ. «ئەمگەك قانۇنى»دىكى ئالاقىدار بەلگىلىمىلەرگە ئاساسلانغاندا، «سەككىز سائەت» ئەسلىدە ئەمگەك ۋاقتىنىڭ يۇقىرى چېكى بولۇشى كېرەك ئىدى، لېكىن بۈگۈنكى كۈندە بەزى كارخانىلارنىڭ ئەڭ قىسقا خىزمەت ۋاقتىغا ئايلاندى. ھەتتا ئايرىم شىركەتلەر «996 خىزمەت تۈزۈمى»نى يولغا قويۇپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ۋاقتىنى خالىغانچە ئىگىلەپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ قانۇنىي ھوقۇق-مەنپەئەتىگە دەخلى-تەرۇز قىلدى.

  ئۇزاقتىن بۇيان، «ئۇزۇن ۋاقىت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش»نى كىشىلەر ئىزچىل ئەيىبلەپ كەلدى، لېكىن نېمىشقا يەنە قايتا-قايتا چەكلىسىمۇ توختىمايدۇ؟ بۇنىڭ سەۋەبى شۇكى، ئەمگەكچى نىسپىي ئاجىز ئورۇندا تۇرغاچقا، ئادەم ئىشلەتكۈچى ئورۇن بىلەن ئادىل تىركىشەلمەيدۇ، ئۇنىڭ ئۈستىگە بەزى كارخانىلار «ئۇزۇن ۋاقىت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش»نى «كۈرەش قىلىش، كەسىپنى قەدىرلەش» دەپ پەردازلاپ، ئەمگەكچىلەرنى ئوچۇق-ئاشكارا قىستىماقتا. بۇنىڭدىن باشقا، يۇقۇم مەزگىلىدە نۇرغۇن كارخانىلار رەقەملەشكەن ئىش بېجىرىش مۇساپىسىنى تېزلەتتى، ئائىلىدە ئىش بېجىرىش نەتىجىسىدە خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ چەك-چېگراسىنى بارغانسېرى غۇۋالاشتۇردى، شۇنداقلا «ئۇزاق ۋاقىت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش»نى تېخىمۇ «يوشۇرۇن»لاشتۇردى. شۇڭا، «يۇقۇمدىن كېيىنكى دەۋر»دە، بىز سەككىز سائەتلىك خىزمەت تۈزۈمى نازارەتچىلىكىنى كۈچەيتىش ئارقىلىق خىزمەت بىلەن تۇرمۇشنىڭ چەك-چېگراسىنى ئېنىق ئايرىپ، نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش، قانۇن ئىجرا قىلىشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈش ئارقىلىق، ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەشنىڭ چەكسىز ئەدەپ كېتىشىنى توسۇشىمىز ئىنتايىن زۆرۈر.

  «سەككىز سائەتلىك ئىش تۈزۈمىنى تولۇق ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئەمگەكچىلەرنىڭ دەم ئېلىش ھوقۇقى، ساغلاملىق ھوقۇقىنى قوغداپ، ئەمگەكچىلەرنى تېخىمۇ كۆپ ئارام ئېلىش ۋە ئۆگىنىش ۋاقتىغا ئىگە قىلىش كېرەك.» ئەزا جياڭ شېڭنەننىڭ سۆزلىرىدىن چەكتىن ئېشىپ كەتكەن «ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش مەدەنىيىتى»دىكى ئېغىشنى تۈزىتىش ئىرادىسى ئىپادىلەندى، شۇنداقلا پۈتۈن جەمئىيەتكە «ئەمگەكنى شەرەپ دەپ بىلىش، سۈپەتلىك تۇرمۇش كەچۈرۈش» قىممەت يۆنىلىشىنى يەتكۈزدى. يېقىندا، مەملىكەتلىك باش ئىشچىلار ئۇيۇشمىسى ئېلان قىلغان 9-قېتىملىق مەملىكەتلىك ئىشچى-خىزمەتچىلەر قوشۇنىنىڭ ئەھۋالىنى تەكشۈرۈش نەتىجىسىدە كۆرسىتىلىشىچە، ئىشچى-خىزمەتچىلەر خىزمەت ۋە تۇرمۇشنى تەڭپۇڭلاشتۇرۇش، شۇنداقلا تۇرمۇش سۈپىتى جەھەتتە تېخىمۇ يۇقىرى ئىنتىلىشكە ئىگە بولغان. ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ كەسپىي بەخت تۇيغۇسى خىزمەت ئۈنۈمى ۋە يېڭىلىق يارىتىش، ئىجاد قىلىش ھاياتىي كۈچىگە مۇناسىۋەتلىك بولۇپ، كارخانىنىڭ ئالغا ئىلگىرىلىشىدىكى سەل قاراشقا بولمايدىغان بىر قىسمى. شۇڭا، تىرىشىپ خىزمەتنى تۇرمۇش سۈپىتىنى ئۆستۈرۈشكە تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلدۇرۇش ئەمگەكچىلەرنىڭ مەخسۇس ئىنتىلىشى بولۇپلا قالماستىن، بەلكى كارخانا ۋە پۈتكۈل جەمئىيەتنىڭ ئورتاق ئىنتىلىشى بولۇشى كېرەك.

  شۇڭا، كارخانىلار ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش ئارقىلىق مەھسۇلاتنى ئاشۇرۇش، ساغلاملىق ئارقىلىق ئۈنۈمنى ئاشۇرۇشتەك ئادەم ئىشلىتىش ئۇسۇلىنى تەشەببۇسكارلىق بىلەن چۆرۈپ تاشلاپ، ئىشچى-خىزمەتچىلەرنىڭ پاراۋانلىق تەمىناتىغا كاپالەتلىك قىلىش بىلەن بىللە، تېخىمۇ يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تېخىمۇ راھەت خىزمەت مۇھىتى يارىتىشى كېرەك. شۇنىڭ بىلەن بىللە، ئالاقىدار تارماقلارمۇ قائىدىنى يەنىمۇ ئىنچىكىلەشتۈرۈپ، كارخانىلارنىڭ ئەمگەكچىلەرنىڭ خىزمەت ۋاقتىنى قانۇنغا خىلاپ ھالدا ئۇزارتىشىنى جازالاش سالمىقىنى ئاشۇرۇپ، «ئۇزاق ۋاقىت ئىسمېنا قوشۇپ ئىشلەش»تەك كونا يولىنى قەتئىي توسۇپ، «ئەمگەك شەرەپلىك، سۈپەتلىك تۇرمۇش»نى بىر خىل يېڭى ئېقىمغا ئايلاندۇرۇشى كېرەك.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ