مۇھىم خەۋەرلەر

ئۆز خەۋىرىمىز

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

ئەزا ليۇ ۋېي شەھەر ئامبىرى قۇرۇپ، توردا مال سېتىۋېلىشتا «شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك» مەسىلىسىنى ھەل قىلىش تەكلىپى بەردى

2023.03.12 00:54 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 3-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: «شىنجاڭدا ياشايدىغانلارنىڭ ھەممىسى توردا مال سېتىۋالغاندا، پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك مەسىلىسىدە چوڭقۇر تەسىراتقا ئىگە.» 3-ئاينىڭ 6-كۈنى، مەملىكەتلىك ئىككى يىغىندا، مەملىكەتلىك سىياسىي كېڭەشنىڭ ئەزاسى، شىنجاڭ جۈنباڭ مەبلەغ سېلىش چەكلىك شىركىتىنىڭ باش مۇدىرى ليۇ ۋېي گۇرۇپپا مۇزاكىرىسىدە، توردا مال سېتىۋالغاندا «شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك» مەسىلىسىگە قارىتا، كۆلەملىك بەش شەھەر ئامبىرى قۇرۇش تەكلىپىنى ئوتتۇرىغا قويدى.

  «بۈگۈنكى كۈندە، توردا نەرسە-كېرەك سېتىۋېلىش كىشىلەرنىڭ كۈندىلىك تۇرمۇشىنىڭ ئايرىلماس بىر قىسمىغا ئايلاندى، لېكىن شىنجاڭلىقلار ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسىدا نەرسە-كېرەك سېتىۋالغاندىن كېيىن، دائىم <شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەيدىغانلىقى> توغرىسىدىكى ئەسكەرتىشنى كۆرىدۇ، ھەتتا كىرا ھەققى تاۋار باھاسىدىن خېلىلا يۇقىرى ئىكەنلىكىنى كۆرۈدۇ.» ليۇ ۋېي مۇنداق قارىدى: «شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك» مەسىلىسى ھەم ئىستېمال بازىرىغا تۈرتكە بولۇشقا پايدىسىز، ئىچكى ئايلىنىشنىڭ راۋان تەرەققىياتىغا توسقۇنلۇق قىلىدۇ، ھەم شەرقىي، غەربىي قىسىمنىڭ ماس تەرەققىياتىغا پايدىسىز بولۇپ، شىنجاڭدىكى ھەر مىللەت ئاممىنىڭ بەختلىك تۇرمۇش كۆرسەتكۈچىنى تۆۋەنلىتىۋېتىدۇ.

  مەشغۇلاتچانلىققا ئىگە تەكلىپلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇش ئۈچۈن، ئۇ مەخسۇس ئىككى يىغىندىن بۇرۇن بېيجىڭ، شىئەن قاتارلىق جايلارغا بېرىپ تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلىپ، جىڭدۇڭ قاتارلىق قىسمەن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىسى، ئامباردا ساقلاش، ئەشيا ئوبوروتى كارخانىلىرى بىلەن چوڭقۇر پىكىر ئالماشتۇرۇپ، «شىنجاڭغا پوچتا ھەققىنى كۆتۈرمەسلىك»نى كەلتۈرۈپ چىقارغان توسۇق نۇقتا مەسىلىلىرىنى رەتلەپ چىقتى: شىنجاڭ بىلەن قىسمەن تاۋارلارنى ئىشلەپچىقىرىش، پىششىقلاش ئورنىنىڭ ئارىلىقى يىراق، ئۇششاق تاۋارلارنىڭ ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخى يۇقىرى؛ تەرەققىي قىلمىغان رايون بولغاچقا، توردىن سېتىۋالغان تاۋارلارنىڭ ئوتتۇرىچە باھاسى بىر قەدەر تۆۋەن، پايدىسى ئەشيا ئوبوروتى تەننەرخىنى قاپلىيالمايدۇ. بۇنىڭغا قارىتا، ئۇ: ئۈرۈمچى، كۈيتۈن، بورتالا، ئاقسۇ، قەشقەردە بەش كۆلەملەشكەن شەھەر ئامبىرى قۇرۇپ، ئەتراپتىكى 300 كىلومېتىردىن 400 كىلومېتىرغىچە رايوننى قاپلاپ، شىنجاڭنىڭ ئەشيا ئوبوروتىدىكى قىيىن نۇقتا، توسۇق نۇقتىلارنى راۋانلاشتۇرۇش؛ يەرلىكتىكى ئۈچتىن تۆتكىچە پۇقراۋى ياكى ئارىلاشما تۈزۈمدىكى رايون خاراكتېرلىك ئوتتۇرا، كىچىك تىپتىكى ئەشيا ئوبوروت كارخانىلىرىغا يار-يۆلەك بولۇپ، ئەتراپتىكى 300 كىلومېتىردىن 400 كىلومېتىرغىچە دائىرىدە يەتكۈزۈپ بېرىشنى تاماملاش ھەم قىسقا مۇددەت ئىچىدە تولۇقلىما بېرىشتىن ئىبارەت تەكلىپ بەردى.

  ليۇ ۋېي يەنە مۇنداق تەكلىپ بەردى: شەھەر ئامبىرى قۇرۇلۇشىنى شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش تۈرىگە كىرگۈزۈپ، شىنجاڭغا نىشانلىق ياردەم بېرىش مەبلىغىدىن پايدىلىنىپ، قۇرۇلۇش پۈتكەندىن كېيىن ئېلېكتىرونلۇق سودا سۇپىلىرىنىڭ ئىشلىتىشىگە ئىجارە بېرىپ، سىمۋوللۇق ھالدا بىرقەدەر تۆۋەن ئىجارە ھەققى ئېلىپ، شىنجاڭدىكى %80 تىن ئارتۇق رايوننىڭ توردا مال سېتىۋېلىشتىكى پوچتا ھەققىنى كۆتۈرۈشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، چېگرا رايوننىڭ ئىقتىسادىي ۋە ئىجتىمائىي مۇقىملىقى، تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرۈش كېرەك.

  مۇخبىرنىڭ ئىگىلىشىچە، نۆۋەتتە، ئاپتونوم رايونىمىز ئۈرۈمچى، ئاقسۇدا ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېز يەتكۈزۈشتە ئايرىپ بىر تەرەپ قىلىش «قوش تۈگۈن» ئىستراتېگىيەسىنى يولغا قويۇشقا تۈرتكە بولغان. بولۇپمۇ ئاقسۇ ۋىلايىتىدە ئاپتونوم رايون دەرىجىلىك تېز يەتكۈزۈش تۈگۈنى قۇرۇش جەنۇبىي شىنجاڭغا كىرىپ-چىقىدىغان پوچتا يوللانمىلىرىنى ئاقسۇدا يىغىپ تارقىتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇشقا تۈرتكە بولۇپ، جەنۇبىي شىنجاڭنىڭ يەتكۈزۈش ئۈنۈمىنى ئۆستۈرۈپ، مۇناسىۋەتلىك كەسىپلەرنىڭ توپلىنىپ تەرەققىي قىلىشىغا تۈرتكە بولىدۇ.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ