ھەر بىر تال توق قىزىل قەھۋە پۇرچىقى دېھقانلارنىڭ نەچچە يىل كۆڭۈل قويۇپ پەرۋىش قىلغانلىقىنىڭ نەتىجىسى، ھەر بىر ئىستاكان خۇشبۇي يۈننەن قەھۋەسى قەھۋە ئۇستىسىنىڭ ئۇستىلىق بىلەن تەڭشەپ چىقىشىدىن ئايرىلالمايدۇ.
ھازىر، يۈننەن پۇئېر شەھىرىدىكى 700 مىڭ موغا يېقىن قەھۋە يىغىۋېلىش مەزگىلىگە كىرگەن بولۇپ، مۆلچەرلىنىشىچە 54 مىڭ توننا قەھۋە پۇرچىقى يىغىۋېلىنىدىكەن، ئەگەر 10 گىرام قەھۋە تالقىنىدا بىر ئىستاكان قەھۋە دەملەپ چىققىلى بولسا، بۇ قەھۋە پۇرچىقىدا 4 مىليارد 50 مىليون ئادەمنىڭ ھەر بىرىنى بىر ئىستاكان قەھۋە بىلەن تەمىنلىگىلى بولىدىكەن. مەملىكەت بويىچە قەھۋە تېرىلغۇ كۆلىمىنىڭ %98 ى ، قەھۋە مەھسۇلات مىقدارىنىڭ %99 ى يۈننەندە. 2022- يىلى بۇ يەرنىڭ قەھۋە پۇرچىقى مەھسۇلات مىقدارى 113 مىڭ توننىغا يېتىپ، ئوتتۇرىچە باھاسى خەلقئارا قەھۋە زاكاز مال باھاسىدىن ئېشىپ كەتتى، مۆلچەرلىنىشىچە بۇ جاينىڭ كىرىمى 30 مىليارد يۈەندىن ئاشىدىكەن.
بىر ئىستاكان ئىچىشلىك قەھۋە دەملەپ چىقىش ئۈچۈن پۇرچاقنىڭ سۈپىتى مۇھىم بولۇپلا قالماي، دەملەنگەن چاغدىكى سۇ تېمپېراتۇرىسى، سۇ مىقدارى، سۇ قۇيۇش ئۇسۇلىمۇ ئۇنىڭ تەمىگە تەسىر كۆرسىتىدۇ. قەھۋە ئۇستىسىنىڭ قەھۋە دەملەشتىكى ئالتۇن نىسبەتلىك فورمۇلاسى: 10 گىرام قەھۋە تالقىنى + 150 ~ 180 مىللىلىتىر سۇ + 90 گىرادۇس ئەتراپىدىكى سۇ تېمپېراتۇرىسى. قېنى تېزدىن بۇ ئۇسۇلنى سىناپ بېقىڭ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ