مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلىغا مۇناسىۋەتلىك ئۇقتۇرۇش چىقاردى

2022.11.24 15:07 مەنبە: خەلق تورى

  بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا ئالاقىدار ئىشلارنى ئايدىڭلاشتۇردى.


  مۇخبىرنىڭ 22-چېسلا بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىدىن ئىگىلىشىچە، كۆپ قاتلاملىق، كۆپ تىرەكلىك ياشانغاندا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى سىستېمىسى قۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىغا تۈرتكە بولۇش ئۈچۈن، بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى يېقىندا «سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كەسپىنى يولغا قويۇشىغا ئالاقىدار ئىشلار توغرىسىدىكى ئۇقتۇرۇش» نى تارقاتقان.


  ئۇقتۇرۇشتا سۇغۇرتا شىركەتلىرىنىڭ شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كەسپىنى قانات يايدۇرۇشىدىكى ئاساسىي تەلىپى بەلگىلىنىپ، ئاساسلىقى كاپىتال ئەمەلىي كۈچى بىر قەدەر كۈچلۈك، تىجارىتى بىر قەدەر قېلىپلاشقان شىركەتلەرنى تاللاپ قاتناشتۇرۇش ئايدىڭلاشتۇرۇلدى.
ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار كۆرسىتىلدى: سۇغۇرتا شىركەتلىرى شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمى تەلىپىنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، ئاددىي، چۈشىنىشلىك، بىخەتەر، مۇقىم، ئۇزاق مۇددەت قىممىتىنى ساقلايدىغان ۋە ئاشۇرىدىغان سودا كۈتۈنۈش سۇغۇرتىسى بىلەن تەمىنلەپ، خېرىدارلارنىڭ ھوقۇق-مەنپەئەتىنى قوغداش مېخانىزمىنى مۇكەممەللەشتۈرۈپ، خەلقنىڭ كۈنسېرى ئېشىۋاتقان كۆپ خىللاشقان ياشانغاندا كۈتۈنۈش ئېھتىياجىنى قاندۇرۇشى كېرەك. سۇغۇرتا شىركىتى شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىگە قاتناشقۇچىلارنى تەلەپكە ئۇيغۇن يىللىق پۇل سۇغۇرتىسى ۋە قوش كاپالەت سۇغۇرتىسى قاتارلىقلار بىلەن تەمىنلىسە بولىدۇ.


  ئۇقتۇرۇشتا مۇنۇلار تەلەپ قىلىندى: سۇغۇرتا شىركىتى سۇغۇرتىغا قاتناشقۇچىلار بىلەن ئايرىم سۇغۇرتا توختامى تۈزۈشى ھەمدە شىركەتنىڭ ئالاقىدار ئۇچۇر سىستېمىسىدا بۇ توختامغا ئېنىق بەلگە قويۇشى، سۇغۇرتىلانغۇچىنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغى ئىسچوتىدىكى مەبلەغنى ئىشلىتىپ باشقىلارنى سۇغۇرتىلاشنى قوبۇل قىلماسلىقى كېرەك؛ شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغىنى باشقۇرۇش-تىزگىنلەشنى كۈچەيتىپ، شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى سۇغۇرتا مەھسۇلاتىغا ئالاقىدار كەسىپلەردە يۈز بەرگەن تۈرلۈك مەبلەغ مۇئامىلىسىنى شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى مەبلىغى ئىسچوتىنى يېپىق باشقۇرۇش تەلىپىگە ئۇيغۇنلاشتۇرۇش كېرەك.


  بانكا-سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتىنىڭ ئالاقىدار تارمىقىنىڭ مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: بانكا- سۇغۇرتا نازارەتچىلىكى كومىتېتى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇش قائىدىسىنى داۋاملىق مۇكەممەللەشتۈرۈپ، شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى كەسپىنى نازارەت قىلىپ باشقۇرۇشنى كۈچەيتىپ، شىركەتنىڭ تىجارەت ھەرىكىتىنى قېلىپلاشتۇرۇپ، شەخسلەرنىڭ ياشانغاندا كۈتۈنۈش پۇلى تۈزۈمىنىڭ ساغلام تەرەققىياتىنى ئىلگىرى سۈرىدۇ.


  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز


  مەنبە: خەلق تورى
مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ