دىپلوماتىيە مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى جاۋ لىجيەن 23-چېسلا رەسمىيەتلىك مۇخبىرلار يىغىنىغا رىياسەتچىلىك قىلدى. بىر مۇخبىر: «يېقىندا، جۇڭگو دۆلەت ئالەم قاتنىشى ئىدارىسى بىلەن ب د ت تاشقى ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسى بىرلىكتە ئۆتكۈزگەن مۇھاكىمە يىغىنىدا، ب د ت تاشقى ئالەم بوشلۇقى مەھكىمىسىنىڭ مۇۋەققەت باشلىقى ھېدمان جۇڭگونىڭ ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىشىدە دۇنيانىڭ دىققىتىنى تارتقۇدەك نەتىجىلەرنى قولغا كەلتۈرگەنلىكىنى ئېيتقان. باياناتچى بۇنىڭغا قانداق قارايدۇ؟» دېدى.
جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: بىز ھېدمان ئەپەندىنىڭ پوزىتسىيەسىنى ئالقىشلايمىز. 21-چېسلا، ب د ت نىڭ جۇڭگو بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ۋە يېڭىلىق يارىتىش يەر شارى ھەمراھلىق مۇناسىۋىتى مۇھاكىمە يىغىنى خەينەندە ئۆتكۈزۈلدى. رەئىس شى جىنپىڭنىڭ مۇھاكىمە يىغىنىغا تەبرىك خېتى ئەۋەتىشى جۇڭگونىڭ خەلقئارا ئالەم قاتنىشى ھەمكارلىقى ۋە ب د ت نىڭ رولىنى جارى قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدىغانلىقىنى نامايان قىلدى. ئالەم بوشلۇقى ئىنسانلارنىڭ ئورتاق زېمىنى، ئالەم بوشلۇقى ئۈستىدە ئىزدىنىش ئىنسانلارنىڭ ئورتاق ئىشى. جۇڭگو ئىزچىل باراۋەر ئاساستا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش، تىنچ پايدىلىنىش ۋە سىغدۇرۇشچان تەرەققىي قىلىش ئاساسىدا بوشلۇق ئۈستىدە ئىزدىنىش ھەمكارلىقىنى قانات يايدۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ كەلدى، بىز نۇرغۇن دۆلەت ۋە رايونلارنىڭ ئالەم قاتنىشى ئاپپاراتلىرى ۋە تەشكىلاتلىرى بىلەن ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالاپ، كۆپ خىل شەكىلدىكى ھەمكارلىق تۈرلىرىنى يولغا قويدۇق.
جاۋ لىجيەن مۇنداق دېدى: جۇڭگو ئالەم بوشلۇقى پونكىتىنى ب د ت غا ئەزا بارلىق دۆلەتلەرگە ئېچىۋېتىشى ب د ت نىڭ «ئالەم بوشلۇقىدىن پۈتۈن دۇنيا ئورتاق بەھرىلىنىش» تەشەببۇسىنىڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمى بولۇپ، ھەر قايسى تەرەپلەرنىڭ مۇئەييەنلەشتۈرۈشىگە ئېرىشتى. جۇڭگو تاشقى بوشلۇقتىن تىنچ پايدىلىنىشقا كۈچ چىقارغان بارلىق دۆلەت ۋە رايونلار بىلەن ھەمكارلىشىپ، تاشقى بوشلۇق ساھەسىدە ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، قول تۇتۇشۇپ ئىنسانىيەت مەدەنىيىتىنى تېخىمۇ كەڭ ئالەم بوشلۇقىغا يۈزلەندۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ