مۇخبىرنىڭ بۈگۈن ج خ مىنىستىرلىقىدىن ئىگىلىشىچە، ج خ ئورگانلىرى «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى» قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى مۇشتۇمزورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىدە كۆرۈنەرلىك ئۈنۈمگە ئېرىشكەن، ھازىرغا قەدەر بۇنداق رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 310 تەشكىلاتنى بىتچىت قىلغان.
تونۇشتۇرۇلۇشىچە، ج خ مىنىستىرلىقى «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى» قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى مۇشتۇمزورلۇق جىنايەتلىرىگە زەربە بېرىش، تۈزەش مەخسۇس ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇشنى ئورۇنلاشتۇرغاندىن بۇيان، جايلاردىكى ج خ ئورگانلىرى قاتتىق زەربە بېرىپ، كۆپ تەرەپتىن تەڭ تۇتۇش قىلىپ، قانۇنسىز كان ئېچىش، قانۇنسىز قۇم-شېغىل قېزىش قاتارلىق تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتقا بۇزغۇنچىلىق قىلىشتەك قانۇنغا خىلاپ جىنايەت ئۆتكۈزگەن مۇشتۇمزورلارغا قانۇن بويىچە قاتتىق زەربە بەردى، ھازىرغا قەدەر مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق 310 تەشكىلاتنى بىتچىت قىلدى، بۇنىڭ ئىچىدە رەزىل كۈچلەرگە چېتىشلىق 100 تەشكىلات، 113 رەزىل جىنايەت گۇرۇھى، 97 رەزىل كۈچلەر شايكىسى، 5000 دىن ئارتۇق دېلو پاش قىلىنىپ، ياخشى تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىت كۈچلۈك قوغدالدى.
مەخسۇس ھەرىكەتتە، ج خ مىنىستىرلىقى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ رەزىل كۈچلەرنى تازىلاش، رەزىللىكنى تۈگىتىش كۈرىشىنى دائىملىق قانات يايدۇرۇش توغرىسىدىكى ئورۇنلاشتۇرما، تەلەپلىرىنى چوڭقۇر ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى» دىن ئىبارەت رەزىل كۈچلەرنى قانۇن بويىچە قاتتىق جازالاشتا چىڭ تۇرۇپ، توختىماي قوغلاپ زەربە بېرىپ، قانۇنسىز كان ئېچىش، بۇزغۇنچىلىق خاراكتېرىدىكى كان ئېچىشقا چېتىشلىق رەزىل كۈچلەر سادىر قىلغان دېلو بولسىلا، بىردەك دەرىجىسىنى ئۆستۈرۈپ رازۋېدكا قىلىپ بېجىرىپ، ئاخىرىغىچە تەكشۈرۈشنى ئېنىق تەلەپ قىلدى؛ ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ تەبىئىي بايلىق ساھەسىگە چېتىلىدىغان مۇشتۇمزورلۇققا چېتىشلىق 27 چوڭ دېلونى ھەيدەكچىلىك قىلىپ بېجىرىپ، نەق مەيداندا ھەيدەكچىلىك قىلىش، كۆرۈنمە چاستوتا ئارقىلىق ئورۇنلاشتۇرۇش، مۇتەخەسسىسلەر قوللاش، كېلىشىپ سۆھبەتلىشىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش قىلىش قاتارلىق ئۇسۇللارنى قوللىنىپ بېجىرىشنى كۈچلۈك ئىلگىرى سۈردى؛ ماس قەدەمدە «مالىيە مەنبەسىنى ئۈزۈپ تاشلاش»، «ئارقا تىرەك تورىنى بۇزۇۋېتىش» ھەرىكىتىنى قانات يايدۇرۇپ، بىر تۈركۈم رەزىل كۈچلەر توپلىغان قانۇنسىز مال-مۈلۈكنى قايتۇرۇۋالدى؛ ئۇزاق ئۈنۈملۈك، دائىملىق تۈزەشتە چىڭ تۇرۇپ، كەسىپكە مەسئۇل تارماقلار بىلەن ئۇچۇردىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش، يىپ ئۇچىنى ئۆتكۈزۈپ بېرىش، ئومۇمىي ئۇقتۇرۇش چىقىرىپ ئىنكاس قايتۇرۇش، بىرلىشىپ قانۇن ئىجرا قىلىش قاتارلىق ئۇزاق ئۈنۈملۈك مېخانىزمنى يەنىمۇ ئورنىتىپ ۋە مۇكەممەللەشتۈرۈپ، جازا ئىجرا قىلىشنى جىپسىلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، بايقالغان كەسىپ باشقۇرۇشتىكى يوچۇقلارنى مەنبەدىن تۈزەشنى ۋاقتىدا ئىلگىرى سۈرۈپ، مەركەزلىك مەخسۇس زەربە بېرىشنى دائىملىق زەربە بېرىش، تۈزەشكە ئۆزگەرتىشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى» پەيدا بولىدىغان تۇپراقنى قەتئىي يوقىتىش كېرەك. ھەر دەرىجىلىك ج خ ئورگانلىرى ئاممىغا تايىنىش، ئاممىنى سەپەرۋەر قىلىشتا چىڭ تۇرۇپ، تەشكىللىك جىنايەتكە قارشى تۇرۇش قانۇنىنى تەشۋىق قىلىش، ئىزچىللاشتۇرۇش خىزمىتىگە بىرلەشتۈرۈپ ئاممىنىڭ پاش قىلىش يوللىرىنى راۋانلاشتۇرۇپ، ئاممىنى پائال پاش قىلىش، كەڭ كۆلەمدە قاتنىشىشقا سەپەرۋەر قىلىپ، مەخسۇس ھەرىكەتتە تېخىمۇ زور ئەمەلىي ئۈنۈمنى قولغا كەلتۈرۈشكە تۈرتكە بولدى؛ مۇشتۇمزورلۇققا، رەزىللىككە چېتىشلىق يىپ ئۇچىغا «قايتا قاراپ چىقىش»، «تېگىنى ئېنىقلاش»نى قانات يايدۇرۇپ، تەھلىل قىلىپ ھۆكۈم قىلىشنى كۈچەيتىپ، پەردە ئارقىسىغا يوشۇرۇنغان مۇشتۇمزورلارنى چوڭقۇر قېزىپ، «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى»گە يوشۇرۇنغۇدەك جاي قالدۇرماسلىق كېرەك.
ج خ مىنىستىرلىقى جىنايى ئىشلار رازۋېدكا ئىدارىسىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: ج خ ئورگانلىرى پارتىيە 20-قۇرۇلتىيىنىڭ روھىنى ئەستايىدىل ئۆگىنىپ ۋە ئىزچىللاشتۇرۇپ، سۈزۈك سۇ، يېشىل تاغنىڭ ئۆزى بىر بايلىق دېگەن ئىدىيەنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، تەجرىبىلەرنى يەكۈنلەپ، نەتىجىلەرنى مۇستەھكەملەپ، «قۇم-شېغىل زومىگەرلىرى»، «كان زومىگەرلىرى» قاتارلىق تەبىئىي بايلىق ساھەسىدىكى مۇشتۇمزور، رەزىل كۈچلەرنىڭ جىنايى قىلمىشلىرىغا بالدۇر زەربە بېرىش، بىخلانغان ھامان زەربە بېرىش، باش كۆتۈرگەن ھامان زەربە بېرىشتەك يۇقىرى بېسىم ھالىتىنى باشتىن-ئاخىر ساقلاپ، ياخشى تەبىئىي ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قەتئىي قوغداپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەتنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تېخىمۇ ياخشى مۇلازىمەت قىلىمىز ۋە كاپالەتلىك قىلىمىز.
كۆرۈپ بېكىتكۈچى: تۇرغۇن ئابلىز
مەنبە: خەلق تورى
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ

ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ