مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

بىرلىشىپ ھەرىكەت قىلىش ھاياتىي كۈچ قوشتى، يېڭى ئەۋزەللىك ئورتاق يارىتىلدى

چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونى قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى پۇختا قەدەم بىلەن ئىلگىرى سۈرۈلدى

2022.08.05 21:30 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 5-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى:

  ئاپتوموبىل كەسپىدە قايسى ماركا ئەڭ كۈچلۈك؟

  غەربىي جەنۇب رايونىدا، چۇڭچىڭ ۋە سىچۈەن چېڭدۇ رايونلىرىدا، كىشىلەرگە تونۇشلۇق داڭلىق ماركىلار بار. چۇڭچىڭنىڭ چاڭئەن قاتارلىق ماركىلىرى ئالدىنقى ئەسىرنىڭ 90-يىللىرىدىلا پۈتۈن مەملىكەتكە تونۇلغان. يېقىنقى 10 يىلدا، 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھىنىڭ داجۇڭ، ۋولۋو قاتارلىق داڭلىق ماركىلىرى ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ چېڭدۇغا ماكانلىشىپ، ئاپتوموبىل كەسپى توپىنىڭ قەد كۆتۈرۈشىگە تۈرتكە بولدى. بوشلۇق ئارىلىقى شۇنداق يېقىن بولغان سىچۈەن-چۇڭچىڭ ئىككى جاينىڭ يىللىق ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 3 مىليوندىن ئېشىپ كەتتى، قانداق ھەمكارلىشىپ تەرەققىي قىلىش كۈنسېرى كۈنتەرتىپكە قويۇلدى.

  بۇ ئىككى يىلدا، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى مۇقىم ئىلگىرى سۈرۈلۈپ، ماس تەرەققىي قىلىپ، ئەۋزەللىكنى ئورتاق يارىتىپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ ئىككى جاينىڭ ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ يېڭى يۈزلىنىشى بولۇپ قالدى. چۇڭچىڭدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان تۈڭلۈك، تەپكە قاتارلىق مەھسۇلاتلار 1-ئاپتوموبىل گۇرۇھى داجۇڭ چېڭدۇ شۆبە شىركىتىنىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل ئىشلەپچىقىرىش لىنىيەسىدە بارغانسېرى كۆپ كۆرۈلدى؛ چېڭدۇدىكى كارخانىلار ئىشلەپچىقارغان ئۆزگىرىشچان توك گېنېراتورى، ئەينەك تازىلىغۇچ قاتارلىق مەھسۇلاتلار چۇڭچىڭ چاڭئەن فورد ئاپتوموبىل چەكلىك شىركىتىنىڭ نۇرغۇن ئاپتوموبىل تىپلىرىدا كەڭ قوللىنىلدى.

  ئەڭ يېڭى سانلىق مەلۇماتتا كۆرسىتىلىشىچە، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ ئىككى جايدىكى 130 زاپچاس كارخانىسى قارشى تەرەپنىڭ پۈتۈن ئاپتوموبىل يۈرۈشلۈك زاپچاسلىرىغا سىڭىپ كىرگەن. سىچۈەن ئۆلكىلىك تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتىنىڭ مۇدىرى جېڭ بېي تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: سىچۈەن، چۇڭچىڭدىن ئىبارەت ئىككى ئۆلكە- شەھەر ئۇچۇر زەنجىرىنى تۇتاشتۇرۇپ، كەسىپ زەنجىرىنى ئۆستۈرۈپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرىنى بىرلەشتۈرۈپ، تەمىنلەش زەنجىرىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، قىممەت زەنجىرىنى بىرىكتۈرۈپ، ئاپتوموبىل كەسپىدە ئۆزئارا تولۇقلاش ھەمكارلىقىنى پۇختا ئالغا سىلجىتىپ، تىرىليون يۈەنلىك كەسىپلەر توپىنى ئورتاق بەرپا قىلماقتا.

  2020-يىلى 1-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ مەركەز مالىيە-ئىقتىساد كومىتېتىنىڭ 6-قېتىملىق يىغىنىنى رىياسەتچىلىك قىلىپ ئاچتى. يىغىندا مۇنۇلار تەكىتلەندى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشى بىر تۈرلۈك سىستېما قۇرۇلۇشى بولۇپ، يۇقىرى قاتلامدىن لايىھەلەش ۋە بىرتۇتاش پىلانلاپ ماسلاشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، مەركىزىي شەھەرلەرنىڭ تۈرتكىلىك رولىنى گەۋدىلەندۈرۈپ، مۇھىم ئامىللارنى بازارلاشتۇرۇپ تەقسىملەشنى يەنىمۇ كۈچەيتىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈلگەن تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، بىر تۇتاش پىلانلاش، بىر گەۋدە بويىچە ئورۇنلاشتۇرۇش، ئۆزئارا ھەمكارلىشىش، ئورتاق يولغا قويۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «قوش شەھەر خاتىرىسى»نى ياخشى ئىشلەش كېرەك.

  ئىككى يىلدىن كۆپرەك ۋاقىتتىن بۇيان سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەر «بىر تاختا شاھمات» تەپەككۇرى ۋە بىر پۈتۈن گەۋدە تەرەققىيات ئىدىيەسىنى مۇستەھكەم تۇرغۇزۇپ، مەركەزنىڭ يۇقىرى قاتلاملىق لايىھەسىنى زىچ چۆرىدەپ، «قۇرۇلۇش قىلىش خەرىتىسى»نى ئورتاق سىزىپ، دىققەتنى كەسىپ، ئۇل ئەسلىھە، ئاممىۋى مۇلازىمەت قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەرگە قويۇپ زىچ ھەمكارلىشىپ، بىر-بىرىگە يۈزلىنىپ، تەرەققىيات ۋەزىيىتى، يېڭىلىق يارىتىش ھەرىكەت ئېنېرگىيەسى، بىرلەشتۈرۈش، يۈرۈشتۈرۈش قاتارلىق جەھەتلەردە كۆرگىلى، تۇتقىلى بولىدىغان خۇشاللىنارلىق ئۆزگىرىشلەرنى قولغا كەلتۈردى.

  كۈچنى مۇجەسسەملەپ، كەسىپ دەرىجىسىنى ئۆستۈردى. سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەر رايونىدىكى زور ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرىنىڭ جايلىشىشىنى بىرتۇتاش پىلانلاپ ئەلالاشتۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ ئاپتوموبىل، ئېلېكتىرونلۇق ئۇچۇر، جابدۇق ياسىمىچىلىقى قاتارلىق كەسىپلەرنى ماس تەرەققىي قىلدۇرۇشنى يولغا قويۇش لايىھەسىنى چىقىرىپ، يېڭىلىق يارىتىش زەنجىرى، كەسىپ زەنجىرى، مەبلەغ زەنجىرى، قىممەت زەنجىرىنىڭ چوڭقۇر باغلىنىشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يۇقىرى ئۈنۈملۈك ئىش تەقسىماتى، ئورۇن ئالماشتۇرۇپ تەرەققىي قىلىش، تەرتىپلىك رىقابەت، ئۆزئارا يۇغۇرۇلغان زامانىۋى كەسىپ سىستېمىسى بەرپا قىلدى. 2021-يىلى سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەرنىڭ ئېلېكتىرون ئۇچۇر كەسپىدىكى تىجارەت كىرىمى 2 تىرىليون يۈەنلىك ئۆتكەلنى بۆسۈپ ئۆتۈپ، ئاپتوموبىل كەسپىنىڭ مەھسۇلات قىممىتى تەخمىنەن 700 مىليارد يۈەنگە يەتكۈزۈلۈپ، جابدۇق ياسىمىچىلىقى يۇقىرى سۈرئەتتە ئاشتى.

  «بۇلتۇردىن ھازىرغىچە، بىز چاڭچېڭ ئاپتوموبىل چۇڭچىڭ شۆبە شىركىتىنى تەخمىنەن 90 مىليون يۈەن قىممىتىدىكى ئاپتوموبىلنىڭ زاپچاسلىرى بىلەن تەمىنلىدۇق»، __ چېڭدۇ شىلىڭ ھەرىكەتلەندۈرگۈچى كۈچ پەن-تېخنىكا پاي چەكلىك شىركىتى تېخنىكا مەركىزى تۈر بۆلۈمىنىڭ باشلىقى گاۋ روڭنىڭ مۇنداق دېدى: چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدىن مەنپەئەتلىنىپ، شىركەت بارغانسېرى كۆپلىگەن چۇڭچىڭ كارخانىلىرىنى يۈرۈشلۈك مەھسۇلات بىلەن تەمىنلەۋاتىدۇ.

  بايلىقتىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇپ، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش كۈچلۈك بولدى. مەملىكەت بويىچە تەسىر كۈچىگە ئىگە پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش مەركىزى قۇرۇش نىشانى چۆرىدىلىپ سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەر غەربىي قىسىم ئىلىم-پەن شەھەرچىسى، دۆلەتنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد سۈنئىي ئەقلىي ئىقتىدار يېڭىلىق يارىتىش تەرەققىيات سىناق رايونى قاتارلىق تۈر قۇرۇلۇشلىرىنى ئورتاق ئالغا سىلجىتىپ، پەن-تېخنىكا ئاساسىي بايلىقى، چوڭ تىپتىكى پەن تەتقىقات ئەسۋابلىرى، ئەقلىي كۈچ كىرگۈزۈش نەتىجىلىرىدىن ئورتاق بەھرىلىنىش، ئورتاق پايدىلىنىش مېخانىزمىنى سىجىل مۇكەممەللەشتۈردى. چۇڭچىڭ شەھەرلىك پەن-تېخنىكا ئىدارىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى موۋ شياۋيۈن تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: 2020-يىلىدىن بۇيان سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەر بىرلىشىپ يېڭىدىن بەش نۇقتىلىق تەجرىبىخانا قۇرۇپ، تورغا چىقىرىلغان پەن-تېخنىكا بايلىقىدىن ئورتاق بەھرىمەن بولۇش مۇلازىمەت سۇپىسى قۇرۇپ، ئىككى جايدىكى چوڭ تىپتىكى ئەسۋاب-ئۈسكۈنىدىن 10 مىڭ 1 دانە (يۈرۈش)نى بىرىكتۈرۈپ ئاچتى.

  يولنى ئىسلاھ قىلىپ، بىر گەۋدىلەشتۈرۈپ تەرەققىي قىلدى. سىچۈەن، چۇڭچىڭ ئىككى ئۆلكە-شەھەر ئۆز يېرىنىڭ ئەھۋالىغا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئىقتىسادىي رايون بىلەن مەمۇرىي رايوننى مۇۋاپىق ئايرىش ئىسلاھات يولى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، قوشنا رايونلار ھەمكارلىقى، باغچە رايونىنى ئورتاق قۇرۇش، تاشقى زېمىن ئىقتىسادى قاتارلىق يېڭى ئەندىزىلەردە يېڭىلىق يارىتىپ، ئورتاق بەرپا قىلىش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت ئاممىۋى بايلىقنى تەقسىملەش مېخانىزمى، ئىش تەقسىماتى ماسلاشتۇرۇلغان كەسىپ ھەمكارلىق مېخانىزمى، باشقا جايدا ئورتاق بېجىرىلىدىغان ھۆكۈمەت ئىشلىرى مۇلازىمەت مېخانىزمى ئۈستىدە ئىزدىنىپ، ئالاقىسى تېخىمۇ زىچ بولغان تەرەققىيات ئورتاق گەۋدىسىنى شەكىللەندۈردى. جەنۇبىي سىچۈەن-غەربىي چۇڭچىڭ يۇغۇرما تەرەققىيات سىناق رايونى، سىچۈەن-چۇڭچىڭ-گاۋجۇ يېڭى رايونى قاتارلىق 10 قوشنا رايوننىڭ ھەمكارلىق فۇنكسىيەلىك سۇپىسى قۇرۇلۇشى تېز ئالغا سىلجىتىلىپ، «بازار ئىجازىتىنى باشقا جايدا ئوخشاش ئۆلچەم قىلىش»، باج ئېلىش-باج باشقۇرۇشنى بىر گەۋدىلەشتۈرۈش قاتارلىقلار ئۈستىدە ئىزدىنىش تېزلىتىلدى.

  «تېز ئىلگىرىلەش كۇنۇپكىسى» بېسىلىپ، سۈرئەت تېزلىتىلىپ، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكى قۇرۇلۇشىدا ئۈنۈم ھاسىل قىلىندى. 2021-يىلى، چېڭدۇ-چۇڭچىڭ رايونىنىڭ قوش شەھەر ئىقتىساد چەمبىرىكىدە رايون ئىشلەپچىقىرىش ئومۇمىي قىممىتى 7 تىرىليون 390 مىليارد يۈەندىن ئېشىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %8.5 ئاشتى، پۈتۈن مەملىكەتتە %6.5 نى، غەربىي رايوندا %30.8 نى ئىگىلىدى.

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ