مۇھىم خەۋەرلەر

سۈرەتلىك خەۋەرلەر

 پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت پەخىرلىك رېژىسسور شىرزات ياقۇپنى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

 «ھاياتىم سەن بىلەن گۈزەل» ناملىق كىنونىڭ باش رولچىسى ئۈمىدجاننى زىيارەت

  2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ 2019-يىللىق نۇسخىدىكى 5-يۈرۈش خەلق پۇلى تارقىتىلىدۇ

◀ ئاساسىي قاتلام ئوقۇتقۇچىلىرىنىڭ ۋاقتى نەگە كەتتى؟

چاي قاتارلىق سەككىز كەسىپنىڭ پۈتۈن زەنجىرىلىك يىللىق مەھسۇلات قىممىتى 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى

فۇجيەن شارائىتىقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلدى

2022.08.02 20:57 مەنبە: خەلق تورى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 8-ئاينىڭ 2-كۈنى بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: تۇتاش كەتكەن يېشىللىق، ئېگىز-پەسلىك تۇتىشىپ كەتكەن ئىدى. بۇ يەر فۇجيەن ئۆلكىسىنىڭ ۋۇيىشەن شەھىرى. 5-ئايدا ئاخىرقى بىر تۈركۈم ئەتىيازلىق چاي ئۈزۈلۈپ بولغاندىن كېيىن، يۇپۇرماقلار قۇرۇتۇش، ئۇۋىلاش قاتارلىق ئىش تەرتىپلىرى ئورۇندىلىپ، دۇنيانىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا توشۇلدى.

  تۇتاش كەتكەن كۆك دېڭىز كۆز يەتكۈسىز كەڭ ئىدى. بۇ يەر فۇجيەن نىڭدې شەھىرى. 7-ئايدا، چوڭ سېرىق گوربىل بېلىقلىرى تۇتۇلۇپ قىرغاققا ئېلىپ چىقىرىلىپ، جۇڭگونىڭ ھەرقايسى جايلىرىدىكى تاماق ئۈستىلىگە ئېلىپ كېلىندى.

  تاغ كۆپ، دېڭىز بويى بولۇشتەك تەبىئىي شارائىتقا دېھقانلارنىڭ جاپالىق تېرىقچىلىقى قوشۇلۇپ، فۇجيەننىڭ نۇرغۇن ئۆزگىچە يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى بارلىققا كەلتۈردى. ئۆزگىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى فۇجيەن يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئەۋزەللىكى ۋە يارقىن نۇقتىسىغا ئايلاندى.

  2014-يىلى 11-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە تەكشۈرۈپ تەتقىق قىلغاندا مۇنداق كۆرسەتتى: فۇجيەننىڭ يېزا ئىگىلىكىنىڭ كۆپ خىل بايلىقى مول، كۆپ خىل يېزا ئىگىلىكىنىڭ ئالاھىدىلىكى گەۋدىلىك، خاس زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلىشنى چۆرىدەپ ئاشلىق ئىشلەپچىقىرىش ئىقتىدارىنى ئۆستۈرۈش جەھەتتە تىرىشىپ، يېڭى يوشۇرۇن كۈچلەرنى قېزىپ، يېزا ئىگىلىك قۇرۇلمىسىنى ئەلالاشتۇرۇش جەھەتتە يېڭى يول ئېچىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەرەققىيات ئۇسۇلىنى ئۆزگەرتىشتە يېڭى بۆسۈش ھاسىل قىلىش ئۈستىدە ئىزدىنىپ، دېھقانلارنىڭ كىرىمىنى ئاشۇرۇشنى ئىلگىرى سۈرۈشتە يېڭى ئۈنۈم ھاسىل قىلىپ، يېڭى يېزا قۇرۇشتا يېڭى قەدەم تاشلاش كېرەك. 2021-يىلى 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ فۇجيەندە خىزمەتلەرنى تەكشۈرگەندە مۇنداق تەكىتلىدى: يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئىلگىرى سۈرۈپ، مەۋقەنى يېزا ئىگىلىك بايلىقىنىڭ كۆپ خىللىقى ۋە كىلىماتنىڭ مۇۋاپىق ئەۋزەللىكىگە قويۇپ، خاس ئەۋزەل كەسىپلەرنى يېتىلدۈرۈش كېرەك.

  فۇجيەن ئۆلكىسى باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ مۇھىم يوليورۇقىنىڭ روھىنى ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئۆزگىچە يولدا مېڭىش، ئالاھىدە ماركا يارىتىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئىلگىرى-كېيىن بولۇپ 10 نەچچە پارچە ئۆلكە دەرىجىلىك يىرىك پىلان، يۈرۈشلۈك تەدبىرلەرنى ئوتتۇرىغا قويۇپ، شارائىتقا قاراپ ئىش كۆرۈپ، ئۆزگىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى بەرپا قىلدى. چاي، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئورمان-بامبۇك، گۈل-گىياھ، كۆچەت، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق ئۆزگىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكى جۇش ئۇرۇپ راۋاجلاندى.

  ئۆزگىچە زامانىۋى يېزا ئىگىلىكىدە يېشىل، ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى ئاساستۇر. ۋۇيىشەن شەھىرى شىڭسۈن بازىرى يەنزىكې كەنتىدىكى 1000 مو چايزارلىقتا دادۇر يوپۇرمىقىنىڭ ئېگىزلىكى يېرىم مېتىرغا يېتىدۇ. چاي تېغى بىلەن بىلەن 20 نەچچە يىل ھەپىلەشكەن چايزارلىق مەسئۇلى ياڭ ۋېنچۇن پەن-تېخنىكا خاس ۋەكىلى، فۇجيەن دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق داشۆسىنىڭ پىروفېسسورى لياۋ خۇڭنىڭ يېتەكچىلىكىدە، 2018-يىلىدىن باشلاپ ئېكولوگىيەلىك چاي تېرىدى. ياڭ ۋېنچۇن مۇنداق دېدى: «يازدا دادۇر، قىشتا قىچا تېرىلىدۇ. يېشىل ئوغۇت، كۈشەندىلەر ئارقىلىق كېسەللىك ۋە زىيانداش ھاشاراتلارنىڭ ئالدىنى ئېلىش، چاي دەرىخىگە خىمىيەۋى ئوغۇت بەرمەسلىك، دېھقانچىلىق دورىسى چاچماسلىق ئارقىلىق ئۆستۈرۈلگەن چاينىڭ پۇرىقى تېخىمۇ يېتەرلىك، تەمى تېخىمۇ يېڭى بولىدۇ.»

  فۇجيەن تەبىئىي بايلىق ئەۋزەللىكىنى مەۋقە قىلىپ، سۈپەت ئارقىلىق يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈش، يېشىل يېزا ئىگىلىكىنى گۈللەندۈرۈشتە چىڭ تۇردى. ھازىرغا قەدەر، ئېكولوگىيەلىك چايزارلىق ئەندىزىسى پۈتۈن ئۆلكىنى ئاساسىي جەھەتتىن قاپلىدى. فۇجيەننىڭ ئاساسلىق دېھقانچىلىق زىرائەتلىرىنىڭ ئەلا سورتلۇق ئۇرۇق بىلەن قاپلىنىش نىسبىتى %98.5 كە يېتىپ، ئەلا سۈپەتلىك شال، مۇستەقىل بىلىم مۈلۈك ھوقۇقىغا ئىگە ئاق پەيلىك گۆش توخۇسى قاتارلىق بىر تۈركۈم يېڭى سورتلارنى يېتىشتۈرۈپ چىقتى.

  ئىلگىرى فۇجيەن دېھقانلىرى دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنى سېتىشنى ئاساس قىلاتتى، قوشۇلما قىممىتى يۇقىرى ئەمەس ئىدى. يېقىنقى يىللاردىن بۇيان، فۇجيەن ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاپ ئىشلەش كەسپىنى زور كۈچ بىلەن تەرەققىي قىلدۇرۇپ، كەسىپلەرنىڭ جايلىشىشىنى ئەلالاشتۇرۇپ، دەسلەپكى مەھسۇلاتلارنى سېتىشتىن تەييار مەھسۇلات سېتىشقا ئۆزگەرتىشنى ئىلگىرى سۈردى. ليەنجياڭ ناھىيەسىنىڭ ئاۋجياڭ بازىرىدىكى فۇجيەن يىدا يېمەكلىك چەكلىك شىركىتىنىڭ زاۋۇتىدا، خام لامنارىيەلەر توڭلىتىپ قۇرۇتۇش، قىزدۇرۇپ قۇرۇتۇش، ئوراپ قاچىلاش ئارقىلىق نەپىس، تەييار لامىنارىيە پىرەنىكلىرىگە ئايلاندى. لامنارىيە ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شۇغۇللانغان ئون نەچچە يىلدىن بۇيان، شىركەتنىڭ باش دىرېكتورى چيۇ بىشياڭ 2017-يىلىدىن باشلاپ تىپىنى ئۆزگەرتىپ ئىنچىكە پىششىقلاشقا باشلىدى، ئۇ مۇنداق دېدى: «جىڭلاپ يىغىشتىن قۇتا ھېسابلاپ سېتىشقىچە، ئەسلىدىكى بىر جىڭى بىر مو ئىدى، بۈگۈنكى كۈندە بىر كىچىك قۇتىنى سەككىز يۈەنگە ساتىمىز.»

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، فۇجيەن ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى ئىشلەپچىقىرىلغان جايدا دەسلەپكى پىششىقلاش مەركىزىدىن 121نى يېڭىدىن قۇردى، كۆلەمدىن يۇقىرى يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرىنى پىششىقلاش كارخانىلىرىنىڭ ئاساسلىق تىجارەت كەسپىي كىرىمى 721 مىليارد 600 مىليون يۈەنگە يېتىپ، بۇلتۇرقى ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %7 ئاشتى.

  كۇرسلۇق مەھسۇلات ئېڭىنى كۈچەيتىپ، سېتىش يېڭى كەسىپ ھالىتىگە يېقىندىن ئەگىشىپ، ئوبوروت ھالقىلىرىنى كۈنسېرى ئەلالاشتۇردى.

  «بۇ قۇتىسىنى ئاچسىلا يېيىشكە بولىدىغان ئاق مور ئۇيۇتمىسى...» گۇتيەن ناھىيەسى شېڭنوڭ زىيانسىز ئاق مور بازىسىنىڭ مەسئۇلى جاڭ جياچياۋ نەق مەيداندىن بىۋاسىتە كۆرسىتىۋاتاتتى. بىۋاسىتە كۆرسىتىش كۆرۈنۈشى ئارقىلىق، ئاق مورنىڭ ئۆسۈش مۇھىتى، پىششىقلاپ ئىشلەش جەريانىنى بىر قاراپلا بىلگىلى بولاتتى. جاڭ جياچياۋ: «بىر مەيدان بىۋاسىتە كۆرسىتىش ئارقىلىق مىڭ پارچىگە يېقىن سېتىلدى، ئاق مور ئۇيۇتمىسى بىلەن تەمىنلەش ئېھتىياجنى قاندۇرالمايۋاتىدۇ» دېدى. ئېلېكتىرولۇق سودا كەسپى باغچىسى ۋە يېزا-كەنت ئەشيا ئوبوروتى سىستېمىسىغا تايىنىپ، تۈركۈملىگەن فۇجيەندىن چىققان داڭلىق يېشىل ئەلا سۈپەتلىك يېزا ئىگىلىك مەھسۇلاتلىرى پۈتۈن مەملىكەتنىڭ ھەرقايسى جايلىرىغا سېتىلىپ، فۇجيەننىڭ يېزا-كەنتلەرنى گۈللەندۈرۈشىنى ئالغا سىلجىتىشتىكى مۇھىم كۈچكە ئايلاندى.

  «ياخشى بېقىپ، سۈپەتلىك ئىشلەپچىقارغاندا، تېخىمۇ ياخشى ساتقىلى بولىدۇ.» فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى-يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى تونۇشتۇرۇپ مۇنداق دېدى: فۇجيەن پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ سۈپىتىنى ئۆستۈرۈپ، ئۈنۈمىنى ئاشۇرۇشنى كۈچەپ ئىلگىرى سۈرۈپ، تېرىقچىلىق، باقمىچىلىق ھالقىسىدا سۈپەتنى ئەلالاشتۇرۇپ، پىششىقلاش ھالقىسىنىڭ قوشۇلما قىممىتىنى ئۆستۈرۈپ، سېتىش ھالقىسىدا ئېلېكتىرونلۇق سودىدىن پايدىلىنىپ ئەشيا ئوبوروتىنى راۋانلاشتۇرۇپ، داڭلىق ماركىنى ئېچىپ، باشقىلاردا يوق بولسا بىزدە بار بولۇش، باشقىلاردا بار بولسا بىزنىڭ ئەلا بولۇش، باشقىلاردىكىسى ئەلا بولسا بىزنىڭ ئالاھىدە بولۇشنى ئىشقا ئاشۇرۇپ، «كىچىك ئالاھىدە مەھسۇلات»لارنىڭ «چوڭ كەسىپ»لەرگە ئۆزگىرىشىنى ئىلگىرى سۈردى.

  بۇ يىلنىڭ ئالدىنقى يېرىمىدا، فۇجيەننىڭ دېھقانچىلىق، ئورمانچىلىق، چارۋىچىلىق، بېلىقچىلىق ئومۇمىي مەھسۇلات قىممىتى 208 مىليارد 180 مىليون يۈەنگە يېتىپ، ئۆزگەرمەس باھا بويىچە ھېسابلىغاندا، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن %4.6 ئاشتى؛ يېزا ئاھالىلىرىنىڭ ئىلكىدىكى ئوتتۇرىچە كىرىمى 11 مىڭ 977 يۈەنگە يېتىپ، ئوخشاش مەزگىلدىكىدىن نامدا %7.1 ئاشتى. نۆۋەتتە، چاي، كۆكتات، مېۋە-چېۋە، چارۋا، ئۆي قۇشلىرى، سۇ مەھسۇلاتلىرى، ئورمان-بامبۇك، گۈل-گىياھ، كۆچەت، يېمەكلىك زەمبۇرۇغى قاتارلىق سەككىز خاس يېزا ئىگىلىك پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنىڭ يىللىق مەھسۇلات قىممىتى ئوتتۇرا ھېساب بىلەن 100 مىليارد يۈەندىن ئاشتى. ئۆلكە بويىچە يېزا ئىگىلىك ئالاھىدە كەسىپلىرىدىن 10 مىليارد يۈەنلىك كۈچلۈك ناھىيەدىن توققۇزى، 1 مىليارد يۈەنلىك كۈچلۈك بازاردىن 79 ى، 100 مىليون يۈەنلىك كۈچلۈك كەنتتىن 146 سى يېتىشتۈرۈلدى ۋە شەكىللەندۈرۈلدى.

  فۇجيەن ئۆلكىلىك يېزا ئىگىلىكى، يېزا نازارىتىنىڭ ئالاقىدار مەسئۇلى مۇنۇلارنى بىلدۈردى: «كېيىنكى قەدەمدە، فۇجيەن ئۆلكىسى يېزا ئىگىلىكىنىڭ يۇقىرى سۈپەتلىك تەرەققىياتىغا تۈرتكە بولۇشنى نىشان قىلىپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ تەمىنات تەرەپلىك قۇرۇلمىلىق ئىسلاھاتىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يېزا ئىگىلىكىنىڭ پۈتۈن كەسىپ زەنجىرىنى بەرپا قىلىپ، يېزىلارنىڭ 1-، 2-، 3-كەسىپلىرىنىڭ چوڭقۇر يۇغۇرۇلۇشىنى ئىلگىرى سۈرۈپ، يېزا-كەنت كەسىپلىرىنى گۈللەندۈرۈشنى تېز ئالغا سىلجىتىدۇ.»

  چايزارلىقنى تاماشا قىلىش، چايخانىدا چاي ئىچىش، تاغقا چىقىپ سەيلە قىلىش... ياز مەزگىلىدە، ھەر كۈنى 10 مىڭغا يېقىن ساياھەتچى يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىغا كېلىپ ساياھەت قىلىپ دەم ئالىدۇ. ياڭ ۋېنچۇن ئۆزىگە ئىشەنگەن ھالدا مۇنداق دېدى: «بۇلتۇر 3-ئايدا، باش شۇجى شى جىنپىڭ يەنزىكې ئېكولوگىيەلىك چايزارلىقىنى كۆزدىن كەچۈرۈپ، يۇرتداشلارغا ‹چاي مەدەنىيىتى، چاي كەسپى، چاي تېخنىكىسىدىن ئىبارەت بۇ چوڭ ئىشنى بىر تۇتاش پىلانلاپ ياخشى ئىشلەش كېرەك› دەپ تاپىلىدى. يېزا ساياھەتچىلىكى، مەدەنىيەت تەسىراتلىرى، ئىستىراھەت يېزا ئىگىلىكى يۇغۇرۇلغان يەنزىكېنىڭ كەلگۈسى چوقۇم تېخىمۇ زور تەرەققىياتقا ئېرىشىدۇ.»

  كۆرۈپ بېكىتكۈچى: ياسىن قادىر

  مەنبە: خەلق تورى

  
مەسئۇل مۇھەررىر : ئالىم راخمان
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ