باش بەت قىلىڭ بەت ساقلاڭ ئالاقىلىشىڭ بىز
خەلق تورى>>مەملىكەت خەۋەرلىرى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىغا سىرتتىن كېلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

2014.03.03 13:58   مەنبە: خەلق تورى

12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىغا سىرتتىن كېلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلدى

  خەلق تورى ئۇيغۇرچە قانىلىنىڭ 2-مارت بېيجىڭدىن بەرگەن تېلېگراممىسى: جىلىن ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكى ۋەكىللەر ئايروپىلاندا، بېيجىڭ پايتەخت خەلقئارا ئايرودرومىغا يېتىپ كەلدى. (خەلق گېزىتى مۇخبىرى شى جيامىن فوتوسى)

  مۇخبىرنىڭ 2-چېسلا 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنىنى ئاخبارات مەركىزىدىن ئىگىلىشىچە، بۇ قېتىمقى يىغىنغا سىرتتىن كىلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەرنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن، يىغىننىڭ تۈرلۈك تەييارلىق خىزمەتلىرى پۈتۈن بولغان.

  2-مارت سائەت 7:15لەردە، ئىچكى موڭغۇل ۋەكىللەر ئۆمىكىدىكىلەر پويىزغا ئولتۇرۇپ بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالىغا يېتىپ كېلىپ، بىرىنچى تۈركۈمدە سىرتتىن بېيجىڭغا يېتىپ كەلگەن ۋەكىللەر ئۆمىكى بولدى. سائەت 17:55تە، خۇبېي ۋە جياڭسۇ ۋەكىللەر ئۆمىكى ئولتۇرغان يۇقىرى سۈرئەتلىك پويىز بېيجىڭ غەربىي ۋوگزالى ۋە بېيجىڭ جەنۇبىي ۋوگزالىغا يېتىپ كەلگەندىن كېيىن، 12-نۆۋەتلىك مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىغا سىرتتىن كېلىپ قاتنىشىدىغان ۋەكىللەر ئۆمەكلىرىنىڭ ھەممىسى بېيجىڭغا كېلىپ بولدى.

  ئىگىلىنىشىچە، بۇ يىللىق چوڭ يىغىن بۇلتۇرقى تېجەشلىك بولۇش ئىستىلىغا ۋارسلىق قىلىدىغان بولۇپ، كۈتۈم خىزمىتىنى ئاددىيلاشتۇرۇش ئۇسۇلى داۋاملاشتۇرۇلىدىكەن، مەسىلەن: بىر قېتىملا ئىشلىتىلىدىغان بۇيۇملارنى ئازايتىش، سۇ، توك، قەغەزنى تىجەش، ئېلېكتىرلەشكەن مەشغۇلات قاتارلىقلار ئارقىلىق يىغىن تەننەرخى تۆۋەنلىتىلىدىكەن.

  12-نۆۋەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىنىڭ 2- يىغىنى 5-مارت بېيجىڭدا ئېچىلىدۇ، 3 مىڭدەك ۋەكىل يىغىنغا قاتنىشىدۇ.

  مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : ھەبىبە ئىسمائىل

 سۈرەتلەر

 ئاڭلىغانمۇسىز

  •  تەۋسىيە

    ·ئەنگىلىيە مۇئاۋىن مائارىپ مىنىستىرى شاڭخەيدە ماتېماتىكا ئوقۇتۇش تەجرىبىلىرىنى ئۆگەندى(1)
    ·ئىككى تېرلىيون 200 مىليارد يۈەن مائارىپ خىراجىتىنىڭ قانداق ئىشلىتىلگەنلىكى چۈشەندۈرۈلدى
    ·كورلا شەھىردىكى مەكتەپلەردە «خەلقئارا ئانا تىل كۈنى» داغدۇغىلىق تەبرىكلىدى(1)
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى ئىستاتىستىكىسىدا شەھەر-يېزىلاردىكى ئالىي مەكتەپنى پۈتتۈرگەن ئوقۇغۇچىلارنىڭ ئىش…
    ·ماگىستىر ئاسپىرانتلىق ئىمتىھان نەتىجىسى بۈگۈن سائەت 18:00دە ئېلان قىلىنىدۇ
    ·19 شەھەر يېقىن ئەتراپتىكى مەكتەپلەرگە ئوقۇشقا كىرىش توغرىسىدا ۋاقىت جەدۋىلى تۈزۈپ چىقتى
    ·مائارىپ مىنستىرلىقى 19 چوڭ شەھەردىن ئىمتىھاننى كەچۈرۈم قىلىش خىزمەت لايىھەسىنى تېزدىن تۈزۈشنى تەلەپ…
    ·باشلانغۇچ، ئوتتۇرا مەكتەپ ئوقۇغۇچىلىرى ھەقسز دەرستىن سىرتقى پائالىيەتتىن بەھرىمان بولىدۇ
    ·پاراۋانلىق ئورنىدىكى بالىلارنىڭ تەربىيەلىنىشىگە كۆڭۈل بۆلۈندى
    ·مائارىپ مىنىستىرلىقى شاڭخەينىڭ ئىنگلىز تىلى دەرىسىنى ئالىي مەكتەپ ئىمتاھانىدىن چىقىرىۋېتىش لايىھەسى…