مۇھىم خەۋەرلەر

رۇسىيەنىڭ «ئان-24» تىپلىق بىر يولۇچىلار ئايروپىلانى ئامۇر ئىشتاتىدا چۈشۈپ كېتىپ نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى، پۇتىن تەزىيە بىلدۈردى

2025.07.25 16:03 مەنبە: خەلق تورى

رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن ئامۇر ئىشتاتىدىكى ئايروپىلان چۈشۈپ كېتىش ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورىغان ۋە ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرگەن.

خەۋەر قىلىنىشىچە، پۇتىن دېڭىز ئارمىيەسى سۇ ئاستى فىلوتىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنى باشلانغاندا مۇنداق دېگەن: «بۈگۈن، ئامۇر ئىشتاتىدا خەلق ئاۋىياتسىيەسىنىڭ يولۇچىلار ئايروپىلانى چۈشۈپ كېتىش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، نەچچە ئون ئادەم قازا قىلدى. مەن بۇ قېتىمقى ئايروپىلان ھادىسىسىدە قازا قىلغانلارنىڭ ئۇرۇق-تۇغقان، دوست-بۇرادەرلىرى ۋە قازا قىلغانلارنىڭ بارلىق ئائىلە تەۋەلىرىدىن چوڭقۇر ھال سورايمەن ۋە ئۇلارغا تەزىيە بىلدۈرىمەن.»

بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە قارىغاندا، رۇسىيە جىددىي ئەھۋال مىنىستىرلىقى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى مۇنداق بىلدۈرگەن: دەسلەپكى ئۇچۇردا كۆرسىتىلىشىچە، شۇ كۈنى ئامۇر ئىشتاتىدا چۈشۈپ كەتكەن ئان-24 تىپلىق يولۇچىلار ئايروپىلانىدىكى كىشىلەرنىڭ ھەممىسى قازا قىلغان.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ