رۇسىيە سۈنئىي ھەمراھ ئاگېنتلىقىنىڭ 7-ئاينىڭ 24-كۈنىدىكى خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، رۇسىيە زۇڭتۇڭى پۇتىن مۇنداق بىلدۈرگەن: رۇسىيە زامانىۋى، جابدۇقلىرى سەرخىل، نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىت ۋە خەۋپ-خەتەرگە تولۇق تاقابىل تۇرالايدىغان بىر فىلوتقا چوقۇم ئىگە بولۇشى كېرەك.
خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، پۇتىن مۇنداق بىلدۈرگەن: «مەن كۆپ قېتىم ئېيتتىم، بۇ يەردە يەنە بىر قېتىم قايتا تەكىتلەيمەنكى، بىز چوقۇم زامانىۋى، جابدۇقلىرى سەرخىل، نۆۋەتتىكى ۋە كەلگۈسىدىكى تەھدىت ۋە خەۋپ-خەتەرگە تولۇق تاقابىل تۇرالايدىغان بىر فىلوتقا ئىگە بولۇشىمىز كېرەك.»
پۇتىن مۇنۇلارنى كۆرسەتتى: ئىستراتېگىيەلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوتىنى ياساش رۇسىيەنىڭ «ئۈچ بىر گەۋدىلەشكەن» يادرو كۈچىنىڭ ئەڭ مۇھىم تەركىبىي قىسمىنىڭ بىرى ھېسابلىنىدۇ. رۇسىيە دېڭىز ئارمىيەسىنىڭ سۇ ئاستى كۈچىنى تەرەققىي قىلدۇرۇش يىغىنىدا يەنە ئىستراتېگىيەلىك يادرو سۇ ئاستى پاراخوت قىسىمى قۇرۇلۇشى ئالدىن تەرەققىي قىلدۇرۇش يۆنىلىشىنىڭ بىرى قىلىندى.