
چەت ئەل تاراتقۇلىرىنىڭ 24-چېسلادىكى ئۇنىۋېرسال خەۋىرىگە قارىغاندا، تايلاند سەھىيە مىنىستىرلىقى مۇنداق بىلدۈرگەن: تايلاند-كامبودژا چېگرا توقۇنۇشى تايلاندنىڭ 14 ئادىمىنىڭ ئۆلۈشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان، بۇنىڭ ئىچىدە بىر ھەربىي بار ئىكەن، يەنە نۇرغۇن ئادەم يارىلانغان.
بۇنىڭدىن ئىلگىرىكى خەۋەرگە ئاساسلانغاندا، تايلاند بىلەن كامبودژا ئىككى دۆلەت ئەسكەرلىرى 7-ئاينىڭ 24-كۈنى چېگرا رايوندا توقۇنۇشۇپ قالغان، ئىككى تەرەپ بىر-بىرىنى ئالدى بىلەن ئوق چىقاردى، دەپ ئەيىبلىگەن.
تايلاند قۇرۇقلۇق ئارمىيەسى 7-ئاينىڭ 24 ـ كۈنى مۇنداق دېدى: تايلاند تەرەپ F-16 ئۇرۇش ئايروپىلانىنى ئىشقا سېلىپ، كامبودژا تەرەپنىڭ ئىككى جايدىكى ھەربىي ئەسلىھەسىنى ۋەيران قىلدى. تايلاند ھەربىي تەرەپ يەنە مۇنداق بىلدۈردى: كامبودژا تەرەپ شۇ كۈنى چۈشتىن بۇرۇن تايلاندنىڭ سۇرىن ۋىلايىتىدىكى بىر مەھەللىگە BM-21 تىپلىق مىناميوت ئېتىپ ئۆلۈش-يارىلىنىشنى كەلتۈرۈپ چىقاردى.
شۇ كۈنى، كامبودژا كېڭەش پالاتاسىنىڭ رەئىسى خۇڭسېن ئىجتىمائىي ئالاقە تاراتقۇسىدا مۇنداق دېدى: كامبودژانىڭ ئودومبۇكى ئۆلكىسى ۋە بېرۋىشيا ئۆلكىسىنىڭ چېگراسىدىكى رايونلار تايلاندنىڭ توپقا تۇتۇشىغا ئۇچرىدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ