مۇھىم خەۋەرلەر

ئامېرىكا ئالياسكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەسىدىكى يەر تەۋرەش كەلتۈرۈپ چىقارغان دېڭىز تاشقىنى دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدۇ

2025.07.17 14:40 مەنبە: خەلق تورى

جۇڭگو دۆلەت دېڭىز-ئوكيان مۇھىتىدىن ئالدىن مەلۇمات بېرىش مەركىزى ھۆكۈمەت تورىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، 2025-يىل 7-ئاينىڭ 17-كۈنى سائەت 4 تىن 37 مىنۇت ئۆتكەندە (بېيجىڭ ۋاقتى)، ئامېرىكا ئالياسكا يېرىم ئارىلى دېڭىز تەۋەسىدە 7.3 بال يەر تەۋرىگەن، تەۋرەش مەنبەسىنىڭ چوڭقۇرلۇقى 20 كىلومېتىر بولغان. تەبىئىي بايلىق مىنىستىرلىقى دېڭىز تاشقىنىدىن ئالدىن سىگنال بېرىش مەركىزىنىڭ ئەڭ يېڭى كۆزىتىش ئانالىز نەتىجىسىگە ئاساسلانغاندا، بۇ قېتىمقى يەر تەۋرەش تەۋرەش مەنبەسى ئەتراپىدا دېڭىز تاشقىنىنى كەلتۈرۈپ چىقارغان بولسىمۇ، دۆلىتىمىزنىڭ دېڭىز قىرغىقىغا تەسىر يەتكۈزمەيدىكەن.

مەنبە: خەلق تورى

مەسئۇل مۇھەررىر : مەلىكەم مەمەت
خەلق تورى ئۇيغۇرچە ئۈندىدار سۇپىمىزنى قوشۇۋېلىپ، ئەڭ نوپۇزلۇق خەۋەرلەردىن خەۋەردار بولۇڭ ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ