جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، گوۋۇيۈەننىڭ مۇئاۋىن زۇڭلىسى دىڭ شۆشياڭ 7-ئاينىڭ 14-كۈنى چۈشتىن كېيىن بېيجىڭدا ياۋروپا ئىتتىپاقى كومىتېتىنىڭ ئىجرائىيە مۇئاۋىن رەئىسى رىبېلا بىلەن 6-قېتىملىق جۇڭگو-ياۋروپا مۇھىت ۋە كىلىمات يۇقىرى قاتلام سۆھبىتى ئۆتكۈزدى.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇ يىل 5-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ ياۋروپا ئىتتىپاقى رەھبەرلىرى بىلەن جۇڭگو-ياۋروپا دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقانلىقىنىڭ 50 يىللىقى مۇناسىۋىتى بىلەن ئۆزئارا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشقا يۆنىلىش ئېنىق كۆرسىتىپ بەردى. بىز ئىككى تەرەپ رەھبەرلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، مۇھىت ۋە كىلىمات ئەمەلىي ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، جۇڭگو-ياۋروپا ۋە دۇنياۋى ئىمكانىيەتلىك سىجىل تەرەققىيات ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىمىز كېرەك.
دىڭ شۆشياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو ئېكولوگىيەلىك مۇھىتنى قوغداش ۋە كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش خىزمىتىگە يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىپ، بىر قاتار ئەمەلىي تەدبىرلەرنى تۈزۈپ يولغا قويۇپ، ئىقتىساد ۋە جەمئىيەت تەرەققىياتىنىڭ ئومۇميۈزلۈك يېشىل تىپ ئۆزگەرتىشىدە كۆرۈنەرلىك نەتىجە-ئۈنۈم قولغا كەلتۈردى. خەلقئارا ۋەزىيەتتە قانداق ئۆزگىرىش بولۇشىدىن قەتئىينەزەر، جۇڭگو يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتنى قەتئىي ئىلگىرى سۈرۈپ، كۈچلۈك تەدبىر قوللىنىپ، يەر شارى مۇھىتى ۋە كىلىماتىنى تۈزەشكە قاتنىشىدۇ. جۇڭگو تەرەپ ياۋروپا تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر سۆزلىشىش، پىكىر ئالماشتۇرۇشتا چىڭ تۇرۇپ، تېخىمۇ كۆپ ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلىپ، يېشىل ھەمراھلىق مۇناسىۋەتنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ. ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ئاساسىدا ئورتاق پايدا ئېلىشتا چىڭ تۇرۇپ، ئېنېرگىيە، ئايلانما ئىقتىساد قاتارلىق نۇقتىلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى ئۈزلۈكسىز چوڭقۇرلاشتۇرۇپ ۋە كېڭەيتىپ، باشقا تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنىڭ يېشىل، تۆۋەن كاربونلۇق تەرەققىياتىنى ئورتاق قوللاش كېرەك. ئۆزئارا ماسلىشىشتا چىڭ تۇرۇپ، رەھبەرلىك كۈچىنى يەنىمۇ نامايان قىلىپ، ئادىل، مۇۋاپىق، ھەمكارلىشىپ ئورتاق پايدا ئالىدىغان دۇنياۋى مۇھىت ۋە كىلىماتنى تۈزەش سىستېمىسى بەرپا قىلىشقا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇش كېرەك.