7-ئاينىڭ 14-كۈنى، دۆلەتنىڭ مۇئاۋىن رەئىسى خەن جېڭ بېيجىڭدا ھىندىستان دىپلوماتىيە مىنىستىرى سۇ جيېشېڭ بىلەن كۆرۈشتى.
خەن جېڭ مۇنداق بىلدۈردى: بۇلتۇر 10-ئايدا، رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭلى مودى بىلەن قازاندا مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۇچرىشىپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ قايتا باشلىنىشىغا يېتەكچىلىك قىلدى. جۇڭگو-ھىندىستان تەرەققىي قىلىۋاتقان چوڭ دۆلەتلەر، يەر شارىنىڭ جەنۇبىدىكى مۇھىم دۆلەتلەر، بىر-بىرىنى مۇۋەپپەقىيەت قازاندۇرىدىغان ھەمراھلاردىن بولۇپ، «ئەجدىھا بىلەن پىل تەڭ ئۇسسۇلغا چۈشۈش»نى ئىشقا ئاشۇرۇش ئىككى تەرەپنىڭ توغرا تاللىشى. ئىككى تەرەپ ئىككى دۆلەت رەھبەرلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى يەنىمۇ ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىن يېتەكلەشتە چىڭ تۇرۇپ، ئەمەلىي ھەمكارلىقنى پۇختا قەدەم بىلەن ئالغا سىلجىتىپ، بىر-بىرىنىڭ كۆڭۈل بۆلىدىغان مەسىلىلىرىگە ھۆرمەت قىلىپ، جۇڭگو-ھىندىستان مۇناسىۋىتىنىڭ سىجىل ساغلام، مۇقىم تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشى كېرەك.
سۇ جيېشېڭ مۇنداق بىلدۈردى: زۇڭلى مودى رەئىس شى جىنپىڭ بىلەن قازاندا ئۇچراشقاندىن كېيىن، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتى پۇختا قەدەمدە ياخشىلاندى. ھىندىستان تەرەپ رەھبەرلەرنىڭ ئورتاق تونۇشىنى يېتەكچى قىلىپ، ھىندىستان-جۇڭگو مۇناسىۋىتىنىڭ تەرەققىيات ۋەزىيىتىنى ساقلاپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى ئالغا سىلجىتىشنى خالايدۇ. ھىندىستان تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ نۆۋەتچى رەئىس دۆلەت بولۇش سۈپىتى بىلەن، بۇ يىللىق شاڭخەي ھەمكارلىق تەشكىلاتى باشلىقلار يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.