مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى دائىمىي كومىتېتىنىڭ باشلىقى جاۋ لېجى 7-ئاينىڭ 10-كۈنى بېيجىڭدا كورېيە پارلامېنتىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقى لى شۆيۇڭ بىلەن كۆرۈشتى.
جاۋ لېجى مۇنداق بىلدۈردى: رەئىس شى جىنپىڭ زۇڭتۇڭ لى زەيمىڭ ۋەزىپىگە ئولتۇرغاندىن كېيىن بىرىنچى ۋاقىتتا تەبرىك تېلېگراممىسى ئەۋەتتى ھەمدە ئۇنىڭ بىلەن تېلېفونلىشىپ، جۇڭگو-كورېيە ئىستراتېگىيەلىك ھەمكارلىق، ھەمراھلىق مۇناسىۋىتىنى تېخىمۇ يۇقىرى سەۋىيەگە كۆتۈرۈشنى ئىلگىرى سۈرۈش توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ كورېيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرىنىڭ ئىستراتېگىيەلىك يېتەكچىلىكىدە، چۈشىنىش ۋە ئۆزئارا ئىشىنىشنى ئىلگىرى سۈرۈپ، ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئادىمىيەت ئالاقىسىنى كېڭەيتىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ساغلام، مۇقىم تەرەققىياتىغا ھەقىقىي تۈرتكە بولۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى كورېيە پارلامېنتى بىلەن قويۇق باردى-كەلدى قىلىپ، جۇڭگو-كورېيە قانۇن چىقىرىش ئاپپاراتلىرىنىڭ ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى سۇپىسىلىق رولىنى جارى قىلدۇرۇپ، ئالاقىلىشىش، ئالماشتۇرۇشنى كۈچەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزۈش ھەمكارلىقىنى قانۇن كاپالىتى بىلەن تەمىنلەپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ماسلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇشنى خالايدۇ.
لى شۆيۇڭ مۇنداق بىلدۈردى: كورېيە بىلەن جۇڭگو دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورناتقاندىن بۇيان، ئىككى دۆلەتنىڭ سىياسىي، ئىقتىساد، ئادىمىيەت قاتارلىق ھەرقايسى ساھەلەردىكى ھەمكارلىقى مول نەتىجىلەرگە ئېرىشتى. كورېيە پارلامېنتى جۇڭگو مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيى بىلەن ئالماشتۇرۇش مېخانىزمى ھەمكارلىقىنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، ئىككى دۆلەتنىڭ ئىقتىساد-سودا ھەمكارلىقىنى ئىلگىرى سۈرۈش، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇق ھېسسىياتىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تۆھپە قوشۇشنى ئۈمىد قىلىدۇ.