مەركىزىي تېلېۋىزىيە ئىستانسىسى ئاخبارات تېرمىنالىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 8-كۈنى، ئىتالىيەنىڭ بېگامودىكى ئايرودۇرۇمنىڭ ئۇچۇش يولىدىكى ھادىسە سەۋەبىدىن نۆۋەتچى ئايروپىلانلارنىڭ ئۇچۇشى ۋە قونۇشى قىسقا ۋاقىت توختىتىلغان.
بېگامو مىلان ئايرودۇرۇمىنى باشقۇرۇش ئىدارىسى مۇنداق بىلدۈردى: ئۇچۇش يولىدا مەسىلە كۆرۈلگەنلىكتىن، بېگامو ئاۋرىيو ئارسېلىيو ئايرودۇرۇمىدىكى بارلىق نۆۋەتچى ئايروپىلانلار شۇ كۈنى سائەت 10:20 دىن سائەت 12:00گىچە ئۇچۇش-قونۇشنى ۋاقتىنچە توختاتقان.
ئالاقىدار تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلىۋاتىدۇ.