شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، «تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى» قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى. بۇ يىغىنغا قاتناشقان رەھبەرلەرنىڭ كوللېكتىپ سۈرىتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى لى شياڭ فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 6-كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى باشلىقلىرىنىڭ 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ 1-باسقۇچلۇق يىغىنىغا قاتنىشىپ، «تىنچلىق ۋە خەۋپسىزلىك، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتى» قارالمىسى توغرىسىدا سۆز قىلدى. كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ رەھبەرلىرى يىغىنغا قاتناشتى. بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا يىغىنغا رىياسەتچىلىك قىلدى.
لى چياڭ مۇنۇلارنى بىلدۈردى: نۆۋەتتە، دۇنيادا يۈز يىلدىمۇ كۆرۈلۈپ باقمىغان ئۆزگىرىش ۋەزىيىتى تېز سۈرئەتتە راۋاجلىنىپ، خەلقئارا قائىدە ۋە تەرتىپ ئېغىر زەربىگە ئۇچراپ، كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمنىڭ نوپۇزى ۋە ئۈنۈمى ئاجىزلىدى. رەئىس شى جىنپىڭ ئوتتۇرىغا قويغان ئورتاق كېڭىشىش، ئورتاق قۇرۇش، ئورتاق بەھرىلىنىشتىن ئىبارەت دۇنياۋى ئىدارە قىلىش قارىشى ئۇنىڭ دەۋر قىممىتى ۋە رېئال ئەھمىيىتىنى تېخىمۇ نامايان قىلدى. كەسكىنلىشىۋاتقان زىددىيەت ۋە ئىختىلاپلار ئالدىدا، بىز باراۋەر، ھۆرمەت قىلىش پوزىتسىيەسى بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق كېڭىشىشىمىز كېرەك. چوڭقۇر يۇغۇرۇلغان ئورتاق مەنپەئەت ئالدىدا، ئىتتىقپاقلىشىپ ھەمكارلىشىش ھەرىكىتىمىز بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق قۇرۇشىمىز كېرەك. ھەمكارلاشقاندىلا ئۆزئارا مەنپەئەت يەتكۈزىدىغان تەرەققىيات پۇرسىتى ئالدىدا، بىز ئۆزئارا مۇۋەپپەقىيەت قازىنىش كۆكسى-قارنىمىز بىلەن تېخىمۇ ياخشى ئورتاق بەھرىمەن بولۇشىمىز كېرەك.
لى چياڭ مۇنۇلارنى تەكىتلىدى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى «بىرىنچى چاسا سەپ» بولۇش سۈپىتى بىلەن، مۇستەقىل، ئۆز ئالدىغا ئىش كۆرۈشتە چىڭ تۇرۇپ، مەسئۇلىيەتنى زىممىسىگە ئېلىشنى نامايان قىلىپ، ئورتاق تونۇشنى مۇجەسسەملەش، بىرىكمە كۈچنى توپلاش جەھەتتە تېخىمۇ زور نەتىجىلەرنى يارىتىپ، تىرىشىپ دۇنياۋى ئىدارە قىلىش ئىسلاھاتىنى ئىلگىرى سۈرىدىغان ئاۋانگارت كۈچكە ئايلىنىشى كېرەك. ئەخلاق ۋە ھەققانىيەتتە چىڭ تۇرۇپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى ۋە خاتىرجەملىكىنى قوغدىشى كېرەك. تالاش-تارتىشلارنى تىنچلىق ۋاسىتىسى بىلەن ھەل قىلىپ، ئىشنىڭ ھەق-ناھەق، توغرا-خاتالىقىغا ئاساسەن ماھىيەتتىن تۈزەش تەدبىرى ئۈستىدە ئىزدىنىشى كېرەك. دىققەتنى تەرەققىياتقا مەركەزلەشتۈرۈپ، ئىقتىسادنىڭ ئېشىش ھەرىكەتلەندۈرگۈچ كۈچىنى زورايتىشى كېرەك. تەرەققىيات ھەمكارلىقىغا پائال يېتەكچىلىك قىلىپ، يېڭىدىن گۈللەنگەن ساھەلەرنىڭ ئېشىش يوشۇرۇن كۈچىنى قېزىشى كېرەك. بۇ يىل جۇڭگو تەرەپ جۇڭگو − كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى يېڭى سۈپەتلىك ئىشلەپچىقىرىش كۈچلىرى تەتقىقات مەركىزى قۇرىدۇ، يەنە كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ يېڭى سانائەت «ئالتۇن قوتان» ئالاھىدە ئوقۇش مۇكاپات پۇلى تەسىس قىلىدۇ، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرىنىڭ سانائەت، خەۋەرلىشىش قاتارلىق ساھەلەردىكى ئىختىساسلىقلارنى يېتىشتۈرۈشىگە ياردەم بېرىدۇ. سىغدۇرۇشچان بولۇپ ھەممىنى قوينىغا ئېلىش، مەدەنىيلىكلەر ئارا ئالماشتۇرۇش ۋە ئۆزئارا ئۆرنەك ئېلىشنى ئىلگىرى سۈرۈشى كېرەك. مەدەنىيلىكلەرنىڭ ھەمكارلىشىپ ئىناق بىللە ئۆتۈشىنى تەشەببۇس قىلغۇچىلاردىن بولۇپ، ئوخشاش بولمىغان مەدەنىيلىكلەرنىڭ ئۆزئارا تەسىر كۆرسىتىپ، ئۆزئارا ئىلگىرى سۈرۈشنى تىرىشىپ ئىشقا ئاشۇرۇش كېرەك. جۇڭگو تەرەپ كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى بىلەن بىرلىكتە تىرىشىپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنىڭ تېخىمۇ ئادىل، مۇۋاپىق، يۇقىرى ئۈنۈملۈك، تەرتىپلىك يۆنىلىشكە قاراپ تەرەققىي قىلىشىغا ھەقىقىي كاپالەتلىك قىلىپ، قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ گۈزەل دۇنيا قۇرۇشنى خالايدۇ.
يىغىنغا قاتناشقان دۆلەتلەرنىڭ رەھبەرلىرى مۇنداق بىلدۈردى: كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ھەمكارلىق مېخانىزمى ئۈزلۈكسىز تەرەققىي قىلىپ زورىيىپ، ۋەكىللىك خاراكتېرى يەنىمۇ كۈچىيىپ، خەلقئارا تەسىر كۈچى كۈنسېرى ئېشىپ، يەرشارىنىڭ جەنۇبىدىكى دۆلەتلەرنىڭ تەرەققىيات ھوقۇقىنى قەتئىي قوغداپ، خەلقئارا ئادىللىق ۋە ھەققانىيلىقنى قوغداپ، دۇنياۋى ئىدارە قىلىش سىستېمىسى ئىسلاھاتىغا قاتنىشىشىنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى. بۈگۈنكى دۇنيا تېخىمۇ داۋالغۇشقا تولدى، يەككە تەرەپچىلىك، قورۇقچىلىق باش كۆتۈردى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى ئىتتىپاقلىق، ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى نىزامنامىسىنىڭ ئاساسىي مەقسىتى ۋە پىرىنسىپىنى قوغداپ، كۆپ تەرەپچىلىكنى قوغداپ ۋە ئەمەلىيەتتە كۆرسىتىپ، ئورتاق تەرەققىياتنى ئىلگىرى سۈرۈش، دۇنياۋى ئىدارە قىلىشنى مۇكەممەللەشتۈرۈش، دۇنيانىڭ ئۇزاققىچە تىنچ بولۇشى، گۈللىنىشىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشى كېرەك.
يىغىندا «كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى رەھبەرلىرى 17-قېتىملىق ئۇچرىشىشىنىڭ رىئودې ژانېيرو خىتابنامىسى» ماقۇللاندى.