

شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن كۆرۈشتى.
شىنخۇا ئاگېنتلىقى مۇخبىرى ليۇ بىن فوتوسى
شۇ جاي ۋاقتى 7 ـ ئاينىڭ 5 ـ كۈنى، گوۋۇيۈەن زۇڭلىسى لى چياڭ رىيودې ژانېيرودا بىرازىلىيە زۇڭتۇڭى لۇلا بىلەن كۆرۈشتى.
لى چياڭ ئالدى بىلەن رەئىس شى جىنپىڭنىڭ زۇڭتۇڭ لۇلاغا يوللىغان سەمىمىي سالىمىنى يەتكۈزدى. لى چياڭ مۇنداق بىلدۈردى: نۆۋەتتە جۇڭگو-برازىلىيە مۇناسىۋىتى تارىختىكى ئەڭ ياخشى مەزگىلدە تۇرماقتا، ئىككى تەرەپ قول تۇتۇشۇپ تېخىمۇ ئادىل دۇنيا ۋە تېخىمۇ ئىمكانىيەتلىك سىجىل پىلانېتادا جۇڭگو-برازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلماقتا. بۇ يىل 5-ئايدا زۇڭتۇڭ لۇلا جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان مەزگىلدە، ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى جۇڭگو- برازىلىيە تەقدىر ئورتاق گەۋدىسى قۇرۇلۇشىنى چوڭقۇر ئىلگىرى سۈرۈش، كۆپ تەرەپچىلىكنى ئورتاق قوغداش قاتارلىقلار توغرىسىدا مۇھىم ئورتاق تونۇش ھاسىل قىلدى. جۇڭگو تەرەپ برازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلىكتە داۋاملىق تىرىشىپ، ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنىڭ ئىچكى خاس مەزمۇنىنى ئۈزلۈكسىز بېيىتىپ، تېخىمۇ كۆپ ئەمەلىي ھەمكارلىق نەتىجىلىرىنى قولغا كەلتۈرۈپ، ئىككى دۆلەت خەلقىگە تېخىمۇ ياخشى بەخت يارىتىشنى خالايدۇ.
لى چياڭ مۇنداق كۆرسەتتى: جۇڭگو تەرەپ برازىلىيە تەرەپ بىلەن ئۆزئارا تولۇقلاش ئەۋزەللىكىنى جارى قىلدۇرۇپ، «بىر بەلباغ، بىر يول»نى يۇقىرى سۈپەتتە ئورتاق قۇرۇش رامكىسىدا، ئىككى تەرەپلىك سودا، پۇل مۇئامىلە، ئۇل ئەسلىھە قۇرۇلۇشى قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى مۇستەھكەملەپ ۋە چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، رەقەملىك ئىقتىساد، يېشىل ئىقتىساد، پەن-تېخنىكىدا يېڭىلىق يارىتىش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىقنى كېڭەيتىپ، ئىككى دۆلەتنىڭ تەرەققىيات ھەرىكەت ئېنېرگىيەسىنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. 2026-يىللىق «جۇڭگو-برازىلىيە مەدەنىيەت يىلى» يۈرۈشلۈك پائالىيەتلىرىنى ئورتاق ياخشى ئۆتكۈزۈپ، مائارىپ، ياشلار، داۋالاش-سەھىيە قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقنى كۈچەيتىپ، خادىملارنىڭ بېرىش-كېلىشىگە يەنىمۇ قولايلىق يارىتىپ، جۇڭگو-برازىلىيە دوستانە ھەمكارلىقىنىڭ خەلق رايى ئاساسىنى پۇختىلايمىز. جۇڭگو بىلەن برازىلىيە كۆپ تەرەپلىك، ئەركىن سودىنىڭ قوغدىغۇچىلىرى، جۇڭگو تەرەپ برازىلىيە تەرەپ بىلەن بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى، كېسەك ئالتۇن دۆلەتلىرى، 20 دۆلەت گۇرۇھى قاتارلىق كۆپ تەرەپلىك مېخانىزمدىكى ئالاقىلىشىش، ماسلىشىشنى كۈچەيتىپ، كەڭ تەرەققىي قىلىۋاتقان دۆلەتلەرنى ئىتتىپاقلاشتۇرۇپ، باراۋەر، تەرتىپلىك بولغان دۇنيانىڭ كۆپ قۇتۇپلىشىشى ۋە ئومۇمىي مەنپەئەتدار، سىغدۇرۇشچان بولغان ئىقتىسادنىڭ دۇنياۋىلىشىشىغا تۈرتكە بولۇپ، دۇنياغا تېخىمۇ كۆپ مۇقىملىق، ئېنىقلىق قوشۇشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپ بىرازىلىيەنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى بېلېن يىغىنىنى ياخشى ئۆتكۈزۈشىنى قوللايدۇ.
لۇلا لى چياڭدىن رەئىس شى جىنپىڭغا سەمىمىي سالام يوللىدى. لۇلا مۇنۇلارنى بىلدۈردى: برازىلىيە-جۇڭگو ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقى چوڭقۇر. برازىلىيە تەرەپ جۇڭگو بىلەن بولغان مۇناسىۋەتنى تەرەققىي قىلدۇرۇشقا يۈكسەك ئەھمىيەت بېرىدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن قول تۇتۇشۇپ ئىككى دۆلەت باشلىقلىرى ھاسىل قىلغان مۇھىم ئورتاق تونۇشنى ئەمەلىيلەشتۈرۈپ، يۇقىرى قاتلامدىكىلەر ئالاقىسىنى يەنىمۇ قويۇقلاشتۇرۇپ، ئىقتىساد-سودا، پەن-تېخنىكا، پۇل مۇئامىلە، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ئالماشتۇرۇش، ھەمكارلىقنى ئىلگىرى سۈرۈپ، كىلىمات ئۆزگىرىشىگە تاقابىل تۇرۇش قاتارلىق جەھەتلەردىكى ھەمكارلىقلارنى كۈچەيتىشنى خالايدۇ. جۇڭگو تەرەپنىڭ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتى كىلىمات ئۆزگىرىشى بېلېن يىغىنىغا قاتنىشىشىنى قارشى ئالىدۇ. برازىلىيە تەرەپ جۇڭگو تەرەپنىڭ بۇ يىل جۇڭگو-لاتىن ئامېرىكىسى مۇنبىرىنىڭ 4-نۆۋەتلىك مىنىستىر دەرىجىلىكلەر يىغىنىنى مۇۋەپپەقىيەتلىك ئۆتكۈزگەنلىكىنى تەبرىكلەيدۇ، جۇڭگو تەرەپ بىلەن كۆپ تەرەپلىك ئالاقىلىشىش، ھەمكارلىشىشنى چوڭقۇرلاشتۇرۇپ، يەككە تەرەپچىلىككە ئورتاق قارشى تۇرۇپ، كۆپ تەرەپچىلىك ۋە ئەركىن سودىنى قوغداپ، دۇنيانىڭ تىنچلىقى، تەرەققىياتىنى ھەقىقىي ئىلگىرى سۈرۈشنى خالايدۇ.
كۆرۈشۈشتىن كېيىن، ئىككى تەرەپ مالىيە، پۇل مۇئامىلە، سۈنئىي ئەقىل، تەرەققىيات ئىستراتېگىيەسىنى جىپسىلاشتۇرۇش، ئالەم قاتنىشى قاتارلىق ساھەلەردىكى ھەمكارلىق ھۆججەتلىرىنى ئىمزالاشقا ئورتاق گۇۋاھ بولدى.
لى چياڭ شۇ جاي ۋاقتى 7-ئاينىڭ 5-كۈنى چۈشتىن كېيىن ئايروپىلان بىلەن رىيو دې ژانېيروغا يېتىپ باردى. يېتىپ بارغاندا، بىرازىلىيە ھۆكۈمىتىنىڭ ۋەكىلى ۋە جۇڭگونىڭ بىرازىلىيەدە تۇرۇشلۇق باش ئەلچىسى جۇ چىڭچياۋ قاتارلىقلار ئايرودرومغا چىقىپ كۈتۈۋالدى.
ئەسكەرتىش: مەنبە خەلق تورى دەپ ئەسكەرتىلگەن مەزمۇنلارنىڭ ھەممىسى خەلق تورىغا تەۋە مەزمۇنلار بولۇپ، كۆچۈرمەكچى بولسىڭىز مەنبەنى ئېنىق ئەسكەرتىڭ