شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7 - ئاينىڭ 6 - كۈنى تېلېگراممىسى يېقىندا، دۆلەت رەئىسى شى جىنپىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش تەشەببۇسىغا قاتنىشىپ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغان ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتى مونتگومېرىي ناھىيەسىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر پىك توپ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش بويىچە جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلارغا ئاغزاكى جاۋاب قايتۇردى.
شى جىنپىڭ مۇنداق بىلدۈردى: سىلەرنىڭ جۇڭگودىكى زىيارىتىڭلارنىڭ مۇۋەپپەقىيەتلىك بولغانلىقىنى تەبرىكلەيمەن، پىك توپتىن ئىبارەت بۇ تەنھەرىكەت تۈرىنىڭ جۇڭگو - ئامېرىكا ئىككى دۆلەت ياش - ئۆسمۈرلىرى ئالاقە قىلىدىغان يېڭى ۋاسىتىگە ئايلانغانلىقىنى كۆرۈپ ئىنتايىن خۇشال بولدۇم. جۇڭگو - ئامېرىكا مۇناسىۋىتىنىڭ كەلگۈسى ياشلاردا، سىلەرنىڭ ئىككى دۆلەت دوستلۇقىنىڭ يېڭى بىر ئەۋلاد ئەلچىلىرىدىن بولۇپ، ئىككى دۆلەت خەلقىنىڭ دوستلۇقىنى كۈچەيتىش ئۈچۈن تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇشىڭلارنى ئۈمىد قىلىمەن.
بۇنىڭدىن ئىلگىرى، ئامېرىكا مارىلاند ئىشتاتى مونتگومېرىي ناھىيەسىنىڭ ياش - ئۆسمۈرلەر پىك توپ مەدەنىيىتىنى ئالماشتۇرۇش بويىچە جۇڭگونى زىيارەت قىلىش ئۆمىكىدىكى ئوقۇتقۇچى - ئوقۇغۇچىلار رەئىس شى جىنپىڭغا خەت يېزىپ، رەئىس شى جىنپىڭنىڭ كەلگۈسى بەش يىلدا 50 مىڭ ئامېرىكىلىق ياش - ئۆسمۈرنى جۇڭگوغا كېلىپ ئالماشتۇرۇش، ئۆگىنىشكە تەكلىپ قىلىش تەشەببۇسىنى ئوتتۇرىغا قويغانلىقىغا رەھمەت ئېيتتى، بۇ يىل 4 - ئايدا ئۆزلىرىنىڭ جۇڭگودا زىيارەتتە بولغانلىقى ھەم پىك توپ ئالماشتۇرۇشىنى قانات يايدۇرغانلىق كەچۈرمىشىنى تونۇشتۇردى، بۇ قېتىمقى سەپىرىدە جۇڭگودىكى ياش - ئۆسمۈر دوستلار بىلەن ئۇنتۇلغۇسىز دوستلۇق ئورناتقانلىقىنى، جۇڭگولۇق ياش - ئۆسمۈرلەرنى ئامېرىكىدا زىيارەتتە بولۇشقا تەكلىپ قىلىشنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.