شىنخۇا ئاگېنتلىقى، بېيجىڭ، 7-ئاينىڭ 7-كۈنى تېلېگراممىسى پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىغانلىقىنىڭ 88 يىللىقىنى خاتىرىلەش مۇراسىمى ھەم «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمىنىڭ ئېچىلىش مۇراسىمى 7-ئاينىڭ 7-كۈنى چۈشتىن بۇرۇن جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيىدا ئۆتكۈزۈلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى مەركىزىي كومىتېتى سىياسىي بىيۇروسى دائىمىي كومىتېتىنىڭ ئەزاسى، مەركىزىي كومىتېت شۇجىچۇسىنىڭ شۇجىسى سەي چى سۆز قىلدى ھەم كۆرگەزمىنىڭ باشلانغانلىقىنى جاكارلىدى.
بېيجىڭ لۇگوۋچياۋ كۆۋرۈكى بويىدا، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى خاتىرە سارىيى ھەيۋەتلىك، سۈرلۈك قەد كۆتۈرۈپ تۇراتتى. چۈشتىن بۇرۇن سائەت 9دا، مۇراسىم باشلاندى. جۇڭگو خەلق ئازادلىق ئارمىيەسىنىڭ ھەربىي ئوركېستىرى «پىدائىيلار مارشى»نى ئورۇنلىدى، پۈتۈن مەيداندىكىلەر جۇڭخۇا خەلق جۇمھۇرىيىتىنىڭ دۆلەت شېئىرىنى ئۈنلۈك ئېيتتى. ئارقىدىن، پۈتۈن مەيداندىكىلەر سۈكۈتتە تۇرۇپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدا قەھرىمانلارچە قۇربان بولغان ئىنقىلابىي قۇربانلارغا تەزىيە بىلدۈردى.
سەي چى سۆزىدە مۇنداق كۆرسەتتى: 88 يىل ئىلگىرىكى بۈگۈنكى كۈندە، ياپون مىلىتارىزمى جۇڭگو ۋە چەت ئەلنى زىلزىلىگە سالغان لۇگوۋچياۋ ۋەقەسىنى قەستەن پەيدا قىلىپ، تەلۋىلەرچە جۇڭگوغا ئومۇميۈزلۈك تاجاۋۇزچىلىق ئۇرۇشى قوزغىدى. جۇڭگو ئارمىيەسى ۋە خەلقى جاسارەت بىلەن قارشىلىق كۆرسەتتى، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى پارتلىدى ھەم دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ شەرقتىكى ئاساسىي جەڭ مەيدانى ئېچىلدى. جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسى ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئەڭ ئالدىنقى سېپىدە باتۇرلۇق بىلەن جەڭ قىلىپ، جۇڭگونىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئىلگىرىلەش يۆنىلىشىگە يېتەكچىلىك قىلىپ، پۈتۈن مىللەت ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى مۇستەھكەم تۈۋرۈككە ئايلاندى، بارلىق جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرى ئالدىنقىلارنىڭ ئىزىنى بېسىپ، بىر ياقىدىن باش چىقىرىپ، دۆلەتنىڭ مەۋجۇتلۇقى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، مىللەتنىڭ گۈللىنىشى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ ھەققانىيلىقى ئۈچۈن جەڭ قىلىپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىنىڭ ئۇلۇغ غەلىبىسىنى قولغا كەلتۈرۈپ، دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسى ئۈچۈن مۇھىم تۆھپە قوشتى. جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى غەلىبىسىنىڭ 80 يىللىقى پەيتىدە، «مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە ئۆتكۈزۈلۈپ، جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى 14 يىل جاپالىق ئۇرۇش قىلىش شانلىق مۇساپىسى پۈتۈن كۆرۈنۈشلۈك نامايان قىلىنىپ، ۋەتەنپەرۋەرلىك تەربىيەسى ۋە ئىنقىلابىي ئەنئەنە تەربىيەسىنى قانات يايدۇرۇشنى مۇھىم سۇپا بىلەن تەمىنلىدى.
سەي چى مۇنداق دېدى: يېڭى مۇساپىدە، باش شۇجى شى جىنپىڭنىڭ جۇڭگو خەلقىنىڭ ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ۋە دۇنيا فاشىزمغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى توغرىسىدىكى مۇھىم بايانلىرىنى چوڭقۇر ئۆگىنىپ، ئىزچىللاشتۇرۇپ، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشى ئۇلۇغ روھىنى زور كۈچ بىلەن ئەۋج ئالدۇرۇش كېرەك. قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگو كوممۇنىستىك پارتىيەسىنىڭ رەھبەرلىكىدە چىڭ تۇرۇپ، «ئىككىنى تىكلەش»نىڭ ھەل قىلغۇچ ئەھمىيىتىنى چوڭقۇر ئۆزلەشتۈرۈپ، «ئىككىنى قوغداش»نى قەتئىي ئىشقا ئاشۇرۇش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇشنى ئالغا سىلجىتىپ، كۈرەش روھىنى جارى قىلدۇرۇپ، قەتئىي ئىرادە بىلەن يول ئېچىپ ئىلگىرىلەش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي جۇڭخۇا ئوغۇل - قىزلىرىنىڭ بۈيۈك ئىتتىپاقلىقىنى كۈچەيتىپ، قول تۇتۇشۇپ مىللەتنى گۈللەندۈرۈش گۈزەل كەلگۈسىنى يارىتىش؛ قەتئىي تەۋرەنمەي ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىق، ھەققانىيەت ئىشلىرىنى قوغداپ، ئىنسانىيەت تەقدىرى ئورتاق گەۋدىسى بەرپا قىلىشقا تۈرتكە بولۇش كېرەك. يولداش شى جىنپىڭ يادرولۇقىدىكى پارتىيە مەركىزىي كومىتېتىنىڭ ئەتراپىغا تېخىمۇ زىچ ئۇيۇشۇپ، شى جىنپىڭ يېڭى دەۋر جۇڭگوچە سوتسىيالىزم ئىدىيەسىنى ئومۇميۈزلۈك ئىزچىللاشتۇرۇپ، ئىشەنچنى چىڭىتىپ، جاسارەت بىلەن ئالغا ئىلگىرىلەپ، قۇدرەتلىك دۆلەت قۇرۇش، مىللەتنى گۈللەندۈرۈش ئۇلۇغ ئىشلىرىنى جۇڭگوچە زامانىۋىلاشتۇرۇش ئارقىلىق ئومۇميۈزلۈك ئالغا سىلجىتىش ئۈچۈن تىرىشىپ كۈرەش قىلىپ، ئىنسانىيەتنىڭ تىنچلىقى ۋە تەرەققىياتىدىن ئىبارەت ئالىيجاناب ئىش ئۈچۈن يېڭى تېخىمۇ زور تۆھپە قوشۇش كېرەك.
سەي چى قاتارلىق رەھبىرىي يولداشلار ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى بىلەن بىرلىكتە ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى قەھرىمانلار - ئىنقىلابىي قۇربانلارغا گۈل تەقدىم قىلدى ھەم باش تېمىلىق كۆرگەزمىنى ئېكسكۇرسىيە قىلدى.
ۋاڭ يى، لى شۇلېي، جاڭ يوۋشيا، ۋاڭ شياۋخۇڭ، جاڭ چىڭۋېي، ۋۇ جېڭلۇڭ، ۋاڭ يۇڭ ۋە ليۇ جېنلى قاتناشتى. يىن لى رىياسەتچىلىك قىلدى.
ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان بېيجىڭدىكى پېشقەدەم جەڭچىلەر، پېشقەدەم يولداشلار ھەم ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىغا قاتناشقان جياڭلىڭلارنىڭ ئائىلە تەۋەلىرى ۋەكىللىرى، ياپون تاجاۋۇزچىلىرىغا قارشى تۇرۇش ئۇرۇشىدىكى ئىنقىلابىي قۇربانلارنىڭ ئۇرۇق - تۇغقانلىرى ۋەكىللىرى، مەركەزدىكى پارتىيە، ھۆكۈمەت، ئارمىيەنىڭ ئالاقىدار تارماقلىرى ۋە بېيجىڭ شەھىرىدىكى مەسئۇل يولداشلار، ھەرقايسى دېموكراتىك پارتىيە - گۇرۇھلار مەركىزىي كومىتېتلىرى، مەملىكەتلىك سودا - سانائەتچىلەر بىرلەشمىسىنىڭ مەسئۇللىرى ۋە پارتىيەسىز - گۇرۇھسىز زاتلار ۋەكىللىرى، پايتەختتىكى ھەر ساھە ئامما ۋەكىللىرى قاتارلىقلار بولۇپ تەخمىنەن 600 كىشى قاتناشتى.
«مىللەتنىڭ ئازادلىقى ۋە دۇنيانىڭ تىنچلىقى ئۈچۈن» باش تېمىسىدىكى كۆرگەزمە جەمئىي سەككىز بۆلەككە بۆلۈنگەن، ئومۇمىي كۆلىمى 12 مىڭ 200 كىۋادرات مېتىر بولۇپ، 1525 پارچە سۈرەت، 3237 دانە مەدەنىيەت يادىكارلىقى كۆرگەزمە قىلىندى.